- تىزىملاتقان
- 2013-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 678
- نادىر
- 0
- يازما
- 41
ئۆسۈش
35.6%
|
★گېپنوز يېتەكلەش ئۇسۇللىرى
گېپنوز يېتەكلىشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى كۆپ ،خۇددى گېپنوز ئۇستىسىنىڭ سانى بىلەن تەڭ دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ.بۇ يەردە تونوشتۇرىدىغان ئۇسۇلنىڭ ۋەكىل خارەكتىرىگە ئېگە بولۇشنى ئۈمىد قىلمەن ،بەلكىم بەزى ئوقۇرمەنلەر ئۆزنىڭ ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى كۆرەلمەي ئەپسۇسلىنىشى مۇمكىن ،مەن بۇ كىتابنى ئۆلۈك ھالدا ئۆگىنىشىنى تەشەببۇس قىلمايمەن.ئەگەر سىز گېپنوز يېتەكلشىگە ئائىت تېخمۇ مۇكەممەل چۈشەنچىگە ئېگە بولاي دېسىڭىز ھاتلەندىنىڭ (1971 )ئېلان قىلغان ماقالىسى ۋەDavid T.Rowley نىڭ Hypnosis and Hypnotherbpy دىگەن كىتابى ۋە William W.Hewitt نىڭ Hypnosis for Beginners دىگەن كىتابلىرى ئوقۇپ چىقشىڭىزغا ئەرزىيدۇ.بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن ماتىرىياللاردا كۆپلىگەن گېپنوز يېتەكلەش ئۇسۇللىرى تونۇشتۇرۇلغان.
جەيمىس.بىرايد(James Braid)ئۇسۇلى
بۇ جەيمىسنىڭ 1846 يىلى قوللانغا ئۇسۇلى ئاساسىدا كېيىنكىلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرغان ئۇسۇلى .جەيمىس كۆز مۇسكۇلىنىڭ چارچىشى گېپنوز ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارىغان.بىراق ھازىر بۇ ئۇسۇل خاتا قاراش دەپ ئېيتىلسمۇ يەنىلا گېپنوزدا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە.
ئاساسىي ئۇسۇلى بولسا گېپنوز قىلغۇچى گېپنوز قىلنغۇچىنى تورۇسقا ياكى تامدىكى يۇقىرراق ئورۇندىكى مەلۇم بىر نەرسىگە كۆزىنى تىكىپ قارىتىدۇ ,ئاندىن گېپنوز قىلغۇچى كۆز قاپىقىنى يۇمدۇرۇش بېشارىتى بېرىدۇ.بەزىلەر بۇنىڭغا ناھايىتى تېز ئېنكاس قايتۇرىدۇ(15 مېنۇت ياكى ئۇنىڭىدىنمۇ تېز)،بەزىلەرنىڭ تەستە ئېنكاس قايتۇرىدۇ،يەنى بەش مېنۇتتى كېيىن .گېپنوز قىلنغۇچى كۆزنى يۇمغاندىن كېيىن گېپنوز قىلغۇچى باشقا بېشارەتلەرنى بەرسە بولىدۇ.
يۇقىردىكىسى بىرايدنىڭ ئەڭ ئاددى بولغان ئۇسۇلى ،بۇنىڭدىن باشقا قولچىراق ،شام،ئايلىنىدىغان تەخسە ھەتتا گېپنوز قىلغۇچىنىڭ كۆزى دىگەندەك نەرسلەر بىلەنمۇ بۇنى قىلسا بولىدۇ.
بىلەكنى يۇقىرى ئۆرلىتىش مەشىقى
بۇ يېتەكلەش ئۇسۇلى بېشارەتنىڭ تەسىرى بىلەن گېپنوز قىلنىغۇچى ئىككى قولىنى تەڭ كۆتۈرۈش،قول كۆتۈرۈلۈپ مەلۇم بىر ئېگىزلىككە كەلگەندە ،يەنى مۈرە ئېگىزلىكىگە كەلگەندە قارشى تەرەپ گېپنوز ھالىتىگە كەلگەن بولىدۇ .باشقا يېتەكلەش ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش،گېپنوز قىلنغۇچىغا بۇ ئۇسۇلدا قانداق بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك ،مەسلەن ،ئۇنىڭغا ئۇنىڭ قولى قانداق كۆتۈرۈلۈپ ،قانچىلىك ئېگىزلىككە كۆتۈرۈلىدۇ دېگەندەك .بۇ نۇقتا شۇنداق مۇھىم .ئەگەر بۇنى قارشى تەرەپكە ئالدىن ئېيتىپ قويمىسا،ئۇ گېپنوز ھالىتىگە كىرمەيدۇ.
گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ ئازادە ھالەتتە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ،بۇ نۇقتىمۇ مەيلى قەيەردە بولسۇن شۇنداق مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى،ئۇنىڭغا گېپنوز جەريانىدا بەدىنىنى يۆتكىشىگە ،چۈشكۈرۈپ-يۆتىلىشىگە ،بەدىنىنى قاشلىسا...دىگەندەك ئىشلارنى قىلسا بولىدىغانلىقنى ئېيتىپ قويۇش كېرەك.بۇنداق بولمىغاندا قارشى تەرەپنىڭ دىققىتى بەدىننىڭ بېئارام بولغان يېرىدە بولۇپ ،گېپنوز يېتەكلىشگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ ئۇسۇلدا ئۇنىڭغا قولنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ تۆۋەنگە قارىتىش ،ئاندىن قولنىڭ ئاستىدا قولنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان شار بار ،ئۇ قولىڭىزنى ئاستا-ئاستا ئازادە ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدۇ دىگەن بېشارەتنى بەرسىڭىزمۇ ،ياكى ئىككى قولىڭىزنىڭ قول دۈمبە تەرىپى بىر ماگىنىت تەرىپىدىن ئۆزىگە تارتىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلۋاتىدۇ دىگەن بېشارەتنى بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.بۇ سىزنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچىنى قانداق ئىشلتىشىڭىزگە باغلىق .
ئەگەر قارشى تەرەپ قولىنى كۆتۈرمىسە ،سىز يېنىڭ ھالدا ئۇنىڭ قولىغا تېگىپ،ھەركەتلەندۈرۈپ قويغاچ ،ئۇنىڭغا يەنە كۆتۈرۈشنى ئېيتىپ قويسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر قارشى تەرەپ قولىنى كۆرۈپ ،سىز دىگەن ئېگىزلىككە كەلگەن ۋاقتىدا ،ئۇنىڭغا بېشارەت بېرىپ ،ئۇنىڭ گېپنوز ھالىتنى داۋاملىق ساقلىشىنى،قولىنى ئازادە ھالەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ئورۇنغا ئېلىپ كېلىشىنى ئېيتىش كېرەك .بەزىلەرنىڭ قولىنى كۆتۈرۈشى تېز بولىدۇ.بەزىلەرنىڭ ئاستا بولىدۇ.بەزىلەرنىڭ ھەتتا تەۋرىنىپ كېتىدۇ.بەزىلەرنىڭ بىلىكى قېتىپ كېتىدۇ ،بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن كۆپ قىسىم يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر تەمتىرەپ كېتىدۇ.
مۇسكۇللارنى قەدەممۇ قەدەم بوشاشتۇرۇش ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ،مۇنداق قىلىپ ئېيتقاندا گېپنوز قىلغۇچى ھەرقايسى بۆلەكلەردىكى بەدەن مۇسكۇللىرىنى قەدەممۇ قەدەم بوشاشتۇرۇپ ماڭىدۇ،بەزى گېپنوز ئۇستىلىرى باش تەرەپتىن باشلاپ بوشاشتۇرۇپ ماڭىدۇ،بەزىلەر پۇت تەرەپتىن باشلايدۇ .مەن يۇقىرىدىن باشلاشنى ياخشى كۆرىمەن،بۇ ئۇسۇلنىڭ كونكىرىت ئۇسۇلى« گېپنوزنىڭ ئۆلچەملىك پىروگراممسى»دېگەن مەزمۇندىكى مىسالدا كۆرسىتىلگەن.
يۇقىردا كۆرسىتىلگەن مىسالدىن باشقا يەنە جىك بىنسوننىڭ ئۇسۇلى بويىچە قىلساقمۇ بولىدۇ،ئۇسۇلى بولسا ،ئالدى بىلەن سىناق قىلنغۇچىغا مۇسكۇللىرىنى كۈچەپ يىغدۇرۇپ(كىرشتۈرۈپ)ئاندىن بوشاشتۇرۇش ئارقىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىش.
-مۇشتىڭىزنى تۈگۈڭ ...كۈچەپ تۈگۈڭ ...تېخمۇ كۈچەڭ ...ياخشى،ئەمدى قويۇۋىتىڭ ....مۇشتىڭىزنى يەنە تۈگۈڭ ... مۇشتىڭىزنى تۈگۈڭ ...كۈچەپ تۈگۈڭ ...تېخمۇ كۈچەڭ ...ياخشى،ئەمدى قويۇۋىتىڭ،ئېسڭىزدە بولسۇن ،مەن ھەرقېتىم بارماق چەككەن ۋاقتىمدا سىز قولىڭىزنى قويىۋىتىسىز،پۈتۈن بەدىنڭىز بوشاشقاندەك سېزىم بولىدۇ.بۇ سېزىمنى ئېسڭىزدە تۇتىۋىلىڭ،مەن ھەرقېتىم بارماق چەككەن ۋاقتىمدا سىزنىڭ بەدىنىڭىز بوشاپ ،شۇنداق ئازادە تۇيغۇغا كېلسىز،ھەم بارغانسىرى گېپنوز ھالىتىگە كىرىپ ماڭىسىز...ئەمدى چىشىڭىزنى چىشلەڭ ...كۈچەپ چىشلەڭ ...(بارماق چېكىلگەن ئاۋاز...بۇ چاغدا قارشى تەرەپ چىشىنى چىشلەشنى توختىدۇ) ...ئەمدى بويۇن ۋە مۈرىڭىزنى كىرىشتۈرۈڭ...كۈچەپ كىرىشتۈرۈڭ ...(بارماقنىڭ چېكىلگەن ئاۋازى ،بۇ چاغدا قارشى تەرەپ كىرىشتۈرۈشىنى توختىتىدۇ)...
بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى شۇنداق ياخشى ،بولۇپمۇ بىلەكنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە باشقا گېپنوز يېتەكلىشدىن كېيىن ،گېپنوزنى چوڭقۇرلاشتۇرشتا قوللىنىلسا ئۈنۈمى تېخمۇ يۇقىرى بولغان بولىدۇ.
يىراققا قاراپ كۆزيۇمۇش ۋە ئېچىش ئۇسۇلى
يۇدۇف(1981) بۇ ئۇسۇلنى ناھايىتى قەدىمى بولغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى دەپ قارىغان.كونكىرىت ئۇسۇلى بولسا ،گېپنوز قىلغۇچى گېپنوز قىلنغۇچىنى يىراققا قاراشنى ،ئەمما بىر نۇقتىغا كۆزىنى تىكىۋالماسىلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ،ئاندى بېشارەت بېردۇ.
-ھازىر ساناق سانايسىز،بىردىن يىگىرمىگىچە ،ھەربىر ساناق سانىغان چاغدا ئالدى بىلەن كۆزىڭىزنى يۇمۇپ ئاندىن كۆزىڭىزنى ئاچىسىز...ھەربىر قېتىم كۆزىڭىزنى يۇمغان ئاچىدىغان چاغدا كۆزىڭىزنى ئېچىشنىڭ تەسلىشىپ كېتۋاتقانلىقىنى ھېس قىلسىز ،ساناپ يىگىرمىگە كەلگەندە كۆزىڭىزنى ئاچالمايسىز .ھازىر مەن ساناق ساناشىنى باشلايمەن .بىر...ئىككى...ئۈچ...كۆزىڭىزنى ئېچىشنىڭ تەسلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭىز،ئەمدى بۇ ئەھۋال ئېغىرلىشىپ بارىدۇ..تۆت...كۆزىڭىزنىڭ قاپىقى بارغانسىرى چاپلىشىپ قالغاندەك ،تەستە كۆزىڭىزنى ئېچىۋاتسىز....يىگىرمە ...كۆزىڭىز يۇمۇلۇپ قالدى ...ئەمدى كۆزىڭىزنى ئاچالمايسىز ...قېنى ئېچىپ بېقىڭ...
ئەگەر بۇ چاغدا قارشى تەرەپ ئاچالمىسا ،سىز باشقا چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېتەكلىشى ئېلىپ بېرىڭ.بۇنىڭدىن باشقا بۇ ئۇسۇلنى ئۆزىڭىز بېيىتىپ ماڭسىز بولىدۇ ،يەنى ساناپ تاق سانغا كەلگەندە كۆزىنى يۇمۇپ،جۈپ ساناق سانىغان چاغدا ئېچىش ،بۇ چاغدا ساناپ مەلۇم بىر جۈپ سانغا كەلگەندە كۆزىنى ئاچالمايدۇ .ياكى ساناق ساناتقان چاغدا ،بىر تەرەپتىن بېشارەت بېرىپ ،ساناق ساناشنى داۋاملاشتۇرغۇزۇپ تاكى كۆزىنى ئاچالمىغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.ساناق ئورنىغا يەنە پېئانىنو چېلشتا ئىشلىتىدىغان رېتىم تۇراقلاشتۇرغۇچنى ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ھەيكەلنىڭ قولى
بۇ ئۇسۇلنى سىسدوف(1970) تونۇشتۇرغان ،كونكىرىت ئۇسۇلى قارشى تەرەپنىڭ كۆپ ئىشلەتمەيدىغان قول (ئوڭ قولىنى كۆپ ئىشلەتسە سول قول ،سول قولىنى كۆپ ئىشلەتسە ،ئوڭ قول) ىنى ئازادە بولغان يۇقىرراق ئورۇنغا كۆتۈرگۈزۈپ ،ئاندىن بېشارەت بېرىپ
-قولىڭىز ھازىر ھەيكەلنىڭ قولىغا ئايلىنىپ قالدى،قولىڭىزنى ئېنچىكە كۆزىتنىڭ ...تىرنىقىڭىزغا چۈشكەن نۇر يالتىراپ تۇرىدۇ....قول بارماقلىرىڭىزدىكى سىزىقچىلار تېخىمۇ ئېنىق بولۇشقا باشلىدى..
دەپ ،قولنىڭ شەكلى،قۇرۇلمىسى،نۇر چۈشۈش دەرىجىسى ،گۈزەللىك بېغىشلاش دەرىجىسى دىگەن مەزمۇنلارنى ئاساس قىلىپ بېشارەت بەرسىڭىز بولىدۇ.بېشارەت بەرگەن چاغدا ،ھەربىر سۆز ئارلىقىدا مەلۇم ئارلىق قويۇڭ ،بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئېنكاس قايتۇرىشىغا پايدىلىق .
قارشى تەرەپ قولىنى كۆزىتىپ ،ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ھەيكەلگە ئوخشاتقان چېغدا كۆزىنى يۇمۇشى مۇمكىن (بەزىلەر كۆزىنى يۇممايدۇ).كۆزىنى يۇمغاندىن كېين قارشى تەرەپنىڭ قولى بارا بارا تۆۋەنگە چۈشۈپ كېتىدۇ.
قول ئىشارىتى ئۇسۇلى
بۇ ئۇسۇل گاس-گاچىلارغا ماس كېلىدۇ،بۇ ئۇسۇلنى ئۆگىنىشتىن بۇرۇن گاس-گاچىلار تىلىنى ئازىراق ئۆگىنىپ قويسىڭىز بولىدۇ.بۇنى ئەڭ بۇرۇن مېلتون.ئېرىكسون(Milton H.Erickson) ئىشلەتكەن.ئېرىكسون بەلكىم گېپنوز ئۇستىلىرى ئىچدە ئىجاد قىلىش ئۇسۇلى ئەڭ باي گېپنوز ئۇستىلىرنىڭ بىرى ،ئۇ نۇرغۇن گېپنوز يېتەكلەش ئۇسۇللىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن
ئۈلگە ئۇسۇلى
بۇ ئېرىكسوننىڭ (1976) بارلىققا كەلتۈرگەن ئۇسۇلنىڭ بىرى.بۇ ئۇسۇلدا ئالدى بىلەن بىر ئادەمنى يەنە بىر ئادەمنڭ گېپنوز بولۇش جەريانىغا قاراتقاندىن كېيىن ئۇمۇ گېپنوز بولۇپ قالىدۇ.سەھنە گېپنوزىدا بەزىدە گېپنوز ئۇستىسى سەھنىدىكى ئادەملەرنى گېپنوز قىلىپ بولغاندىن كېيىن ،مەلۇم قاتاردىكى ئادەملەرنى «ئۇخلاڭ»دەپ قويسا ،ئۇلار تېزلا گېپنوز ھالىتىگە كېلىپ قالىدۇ .
ئېرىكسون ئەگەر بەزى ئادەملەر ئۆزنىڭ گېپنوز بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلالمىسا ،ئۇنىڭ ئېنكاسى تېخمۇ ياخشى بولغان بولىدۇ دەپ قارىغان.
مېخانىكىلىق ئۇسۇللار
گېپنوز قىلىش جەريانىدا ،گېپنوز قىلىش ئۈچۈن ئىشلتىدىغان مېخانكىلىق سايمانلار ناھايىتى كۆپ .بۇنىڭ بەزىلىرىنى مەخسۇس گېپنوز قىلىش ئۈچۈن لايىھلەنمىگەن،مەسلەن پېئانىنونىڭ رېتىم ئۇرغۇچىسى .بەزىلىرى مەخسۇس گېپنوز ئۈچۈن لايىھلەنگەن ،مەسلەن گېپنوز قىلغۇچ.پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشغا ئەگىشىپ ،نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچى سايمانلار بارلىققا كەلدى ،بۇنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى كومپىيۇتىر پروگىراممىسى شەكىلدە تۈزۈلۈپ ،گېپنوز يېتەكلىشگە ناھايىتى قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلدى.بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر ئومۇملاشقىنى Follow The Watch يۇمشاق دېتال شىركىتى ئىشلەپچىقارغان Virtual Hypnotist يۇمشاق دېتالى .بۇ دېتالنىڭ تىلى ئىنگلىزچە بولۇپ ،خەنزۇچە نەشىرى يوق .بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن گېپنوز قىلغۇچى يۇمشاق دېتاللار بار ،ئەگەر قىزىقسىڭزى توردىن سىناق نۇسخسىسىنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ(كۆپ قىسىم دېتاللارنىڭ ئۈچ ئايلىق سىناق نۇسخىسى ھەقسىز تەمنلىنىدۇ).
★چوڭقۇر گېپنوز ھالىتگە قانداق ھۆكۈم قىلمىز ؟
ئۇزۇندىن بېرى گېپنوز قىلغۇچىلار گېپنوز ھالىتىنى ئۈچكە بۆلگەن ،يەڭگىل ،ئوتتۇرا ،چۇڭقۇر گېپنوز ھالىتى .
يەڭگىل گېپنوز ھالىتى بولسا،گېپنوز قىلنغۇچى يەڭگىل ھەم ئازادە ھالەتتە بولۇپ ،گېپنوز يېتەكلىشگە بولغان ئېنكاسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ،شۇ سەۋەبتىن ،گېپنوز قىلنغۇچىدا ئۆزى گېپنوز بولمىغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ،ئاللىقاچان گېپنوز ھالىتىگە كىرىپ بولغان بولۇپ ،پەقەت چوڭقۇر ھالەت يېتەرلىك بولمىغان بولىدۇ ھەم ئادەتتىكى چاغدا ئانچە سۆزلىمەيدىغان سۆزلەرنى سۆزلەيدۇ،كەيپىياتى بىر ئاز تۇراقلاشقان بولىدۇ،ئادەتتىكى پىسخىك مەسلھەت قىلسا بولىدۇ.
ئوتتۇرا گېپنوز ھالىتى بولسا،گېپنوز قىلىنغۇچى ئوخشاشلا ئازادە ھالەتتە بولۇپ ،گېپنوز يېتەكلىشگە نىسبەتەن ئېنكاسى ياخشى بولىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئېڭى سەگەك ھالەتتە بولۇپ ،ئادەتتىكى ئەھۋالدىن بەكرەك سەگەك ھالەتتە بولىدۇ.بۇ چاغدا ئاڭ بىلەن يوشۇرۇن ئاڭ ناھايىتى ياخشى بىرلىشەلەيدۇ.بۇ چاغدا گېپنوز قىلغۇچى يېتەكلەش ئېلىپ بارغاندا يوشۇرۇن ئاڭ كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى تېزلا ئاڭ قاتلىمىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.مەسلەن،گېپنوز قىلغۇچى يېتەكلەپ :«مەن بىردىن ئۈچكىچە سانايمەن ،يوشۇرۇن ئاڭ سىزنى مەسلىنىڭ مەنبەسىگە يېتەكلەپ بارىدۇ ...»ئارقىدىن ساناپ ئۈچكە كەلگەن چاغدا ،گېپنوز قىلغۇچى ئۇنتۇپ كەتكەن ھالقىلىق ئەسلىمنى قايتا ئەسلەپ چىقىدۇ.مەن قىلغان كۆپ قىسىم گېپنوزدا بۇ خىل گېپنوز ھالىتىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
چوڭقۇر گېپنوز ھالىتى بولسا،گېپنوز قىلنغۇچى گېپنوز قىلغۇچىنىڭ يېتەكلىشگە ناھايىتى ئاكتىپ ماسلىشىدۇ.بىراق،ئۇنىڭ ئېڭى سەگەك بولمايدۇ.گېپنوز ئاخىرلاشقاندا بولسا ئۆزنىڭ گېپنوز ۋاقتىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلىيەلمەيدۇ.
شۇڭا كۆپ قىسىم سەھنە گېپنوز ماھارىتى ۋاقتىدا ،گېپنوز قىلغۇچى مەقسەتلىك ھالدا قارشى تەرەپنى چوڭقۇر گېپنوز قىلۋىتىدۇ،بۇنداق بولغاندا ئويۇن كۆرستىش خارەكتىرى كۈچلۈك بولۇپ ،ناھايىتى ياخشى كۆڭۈل ئېچىش ئۈنۈمى ياراتقان بولىدۇ.
بىراق پىسخىك داۋالاشتا گېپنوز قىلنغۇچىنىڭ چوڭقۇر گېپنوز بولۇشى ئانچە مۇھىم ئەمەس ،بەلكى ئوتتۇرا ھال گېپنوز ھالىتىگە ئېلىپ كېلىش مۇھىم دەپ قارىلىدۇ.چۈنكى پىسخىك داۋالاش ئېلىپ بېرىشتا يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئاڭ ئوتتۇرسىدا ياخشى ماسلىشىش ھاسىل قىلىپ ،يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئۇنتۇلغان ئەسلىمنى ئاڭ قاتلىمغا يەتكۈزۈپ بېرىشى ئېنتايىن مۇھىم .شۇڭا ئوتتۇرا ھال گېپنوز ھالىتى پىسخىك داۋالاش ۋە مەسلھەت بېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدۇ.
پىسخىك مۇتەخەسىسلەر گېپنوز ھالىتنىڭ ھەرخىل مۇرەككەپ ھالەتلىرنى بايقىغاندا،بۇ ئەنئەنىۋى ئۈچ خىل ھالەتنىڭ گەرچە ئەمەلىي ئىشلتىلش قىممىتى بولسمۇ،يەنىمۇ ئېنچىكە ھالەتلەرگە بولغان كۆزىتشنىڭ مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقنى بايقىغان.
ئۇزۇن مەزگىللىك ۋاقىت تىرىشچانلقنىڭ ئارقىسدا ،Davis.Husband گېپنوزنى 30 خىل ھالەتكە بۆلگەن. Cron.Bordeax 50 خىل ھالەتكە بۆلگەن.مەن تۆۋەندە كۆپ ئىشلتدىغان Arons نىڭ ئالتە خىل ھالىتى بويىچە تونۇشتۇرىمەن.
بىرىنچى باسقۇچ: بىر ئاز گېپنوز بولغان،بىراق يەڭگىل،گېپنوز قىلىنغۇچى ئۆزنىڭ گېپنوز بولغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ ھەم ئۆزنى پۈتۈنلەي سەگەك دەپ قارايدۇ.كىچىك مۇسكۇللار كونترول قىلىنىش دائىرسىدە بولىدۇ.مەسلەن.كۆزنىڭ يېپىشىش ئېنكاسى بۇ خىل ھالەتتە پەيدا بولىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ :تېخمۇ ئازادە ھالەتكە ئۆتكەن بولىدۇ.چوڭراق مۇسكۇللارنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.قول بېلىكى قېتىش ئېنكاسى(Arm Catalspsy) كاللىسىدىكى ھەرخىل قالايمىقان ئويلار ئاجىزلاشقان بولىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: پۈتۈن مۇسكۇللار كونتىرول دائىرىسدە بولىدۇ.گېپنوز قىلنغۇچىنى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزۇپ تۇرغۇزغىلى،ماڭغۇزغىلى،ساناق سانىغۇزغىلى بولمايدۇ .ئاغرىق سېزىمنى قىسمەن يوقىتدۇ.
سەھنە گېپنوزدا گېپنوز قىلغۇچى بۇ باسقۇچقا كەلگەندە ،گېپنوزنىڭ كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى ئويۇنىنى باشلايدۇ.مەسلەن بېشى ۋە پۇت قىسمنى ئورۇندۇققا قويۇپ بەل قىسىمىدا ھېچنمە بولمايدۇ ھەم قۇرۇق ھاۋا بوشلۇقىدا تۇرىدۇ،بۇ چاغدا گېپنوز قىلغۇچى ئۈستىگە دەسسەپ چىقىدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ؛
ئەسلىمنى يوقتىش ھالىتى باشلىنىدۇ (Amnesic) .ھەم تېخمۇ كۆپ بولغان گېپنوز ھالىتى كۆرۈلىدۇ.يېتەكلەشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئىسم،سان،ئادېرىس قاتارلىقلارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
يەنە بىر مۇھىم نۇقتا بولسا.گېپنوز قىلنغۇچىلاردا ئاغرىق سېزىمى(Analgesia) بولمايدۇ.بىراق يەنە تېگىشىش سېزىمى ساقلانغان بولىدۇ.چىش ئاغرىقى ۋە ئوپىراتسېيىلەردە قوللىنىدۇ.گېپنوز قىلىنغۇچىدا خۇددى ھاۋانىڭ يارا ئېغىزىغا كىرۋاتقاندەك سېزىم بولىدۇ،بىراق ئاغرىق سېزىمى بولمايدۇ.
ئنتىرنىت تورىدا ئەنگىلىيلىك Derren.Brown نىڭ مېترو (يەرئاستى شەھەر ئىچى پويىزى)دا ناتونۇش يولۇچىلارنىڭ قېشغا بېرىپ ناھايىتى تېزلىك بىلەن قارشى تەرەپنى گېپنوز قىلىپ ئۇنىڭ چۈشمەكچى بولغان قاتناش بېكىتىنى ئۇنتۇلدىرۋېتدىغان كۆرۈنمە چاستوتىسى ناھايىتى كۆپ .ئەگەر قىزىققۇچىلار بولسا ،ئېنتىرنىت تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.
بەشىنچى باسقۇچ؛
ئاغىرىق ۋە تېگىشىش سېزىمى يوقايدۇ.پۈتۈنلەي ناركوز قىلىنغان ھالەتكە ئۆتىدۇ(Anesthesia).ئاكتىپ خىيالى سېزىم(Positive Hallucination) تۇيغۇسىدا بولىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ مەۋجۇت بولمىغان ئادەمنى ۋە نەرسىلەرنى كۆرىدۇ.ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەت شامانلىرى دەل بۇ باسقۇچ ۋە ئالتىنچى باسقۇچ ئارقىلىق ئۆزنىڭ ئالدىغا كەلگەن بېمارلارغا ئۇزۇن ۋاقىت پېرە ئويناش ياكى باشقا ئۆزنىڭ ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭغا «ئاتالمىش روھ »نى كۆرسىتدۇ.ئۇلار كۆپنچە ئۆزىگە خاس بولغان بۇ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ باسقۇچقا يېتىدۇ.بۇ ھەقتە كېيىنكى بابتا سۆزلىنىدىغان شامان دىنى ۋە گېپنوز ھەققىدە دېگەن بابتىن خەۋەردا بولغايسىز.
ئالتىنچى باسقۇچ ؛
پاسسىپ خىيالىي سېزىم(Negative Hallucination) پەيدا بولىدۇ.ئەمەلىي مەۋجۇت بولغان نەرسىلەرنى كۆرەلمەيدۇ.
ئۇزۇن مەزگىللىك كىلنكىلىق نەتىجلەردىن تەخمىنەن %20 ئادەم بىرىنچى،ئىككىنچى باسقۇچلۇق گېپنوز ھالىتىگە كېلىدۇ.%60 ئادەم ئۈچىنچى،تۆتىنچى باسقۇچلۇق گېپنوز ھالىتىگە كېلىدۇ.%20 ئادەم بەشىنچى،ئالتىنچى باسقۇچلۇق گېپنوز ھالىتىگە كېلىدۇ.
بۇ ئالتە باسقۇچلۇق گېپنوز چوڭقۇرلۇق ھالىتىنى تۆت ئۆلچەم بىلەن پەرقلەندۈرىمىز.
مۇسكۇللارنىڭ قېتىپ تۈزلىنىشى (Catalepsy):
گېپنوز قىلىنغۇچى ئەركىن ھالدا مۇسكۇللىرىنى ھەركەتلەندۈرەلمەيدۇ.ئالدىنقى ئۈچ باسقۇچتا بارا-بارا كۈچىيىپ بارىدۇ.
ئەسلىمىنى يوقىتىش(Amnesia):
بۇ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى باسقۇچنى پەرقلەندۈرشنىڭ ئاچقۇچى.گېپنوز قىلغۇچى گېپنوز قىلنغۇچىغا ساناق ساناتقان چاغدا ئۈچۈنچى باسقۇچتا بىردىن باشلاپ ساناتقان چاغدا 7 گە كەلگەندە بۇ ساننى غۇۋا دەيدۇ.تۆتنىچى باسقۇچتا بولسا بۇنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ.
ناركوز بولۇش ھادىسى(Anesthesia):
بۇ بەشىنچى ۋە ئالتىنچى باسقۇچنى پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى.تۆتىنچى باسقۇچتا ئاغىرىق سېزىمنى( Analgesia) يوقىتدۇ.بىراق تېگىشىش سېزىمى ساقلانغان بولىدۇ.ئالتىنچى باسقۇچتا بولسا ئاغرىق ھەم تېگىشىش سېزىمى يوقىلىپ ،ناركوز بولۇش ھادىسىسگە(Anesthesia) كېلىدۇ.
خىيالى سېزىم (Hallucination):
بەشىنچى باسقۇچتا ئاكتىپ خىيالى سىزىم شەكىللىنىدۇ(Positive Hallucination).يەنى سىز بىر سۈزۈك سۇنى قارشى تەرەپنىڭ بۇرنىغا ئېلىپ كېلىپ ،بۇ بىر ئالىي دەرىجىلىك دەپ بېشارەت بەرسىڭىز قارشى تەرەپ پۇرىغاندىن كېيىن ئۇنىڭدا ئەتىرنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىكى سېزىم بولىدۇ.
ئالتىنچى باسقۇچتا ،پاسسىپ خىيالى سېزىم(Negative Hallucination) شەكىللىندۇ.ئەمەلىي مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەيئىلەرنى كۆرەلمەيدۇ.بېشارەت بېرىپ بولغاندىن كېيىن ،ئۇ تامدىكى سان ،سائەت ھېچقانداق نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ .ھەم ئىسسىق ۋە سوغۇق سېزىمنى سېزەلمەيدۇ.
پاسسىپ خىيالى سېزىم باسقۇچىدا گېپنوز قىلىنغۇچى كۆرەلمىكەنلىكى ئۈچۈن كۆرەلمەيدۇ ئەمەس بەلكى كۆرمەسكە سالغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.مەسلەن ،ئۇنى گېپنوز قىلىپ بىشارەت بەرگەندىن كېيىن .ئۇ ئۆي ئىچىدىكى ئۈستەلنى كۆرەلمەيدۇ،شۇڭا قولىدىكى ئىستاكاننى ئامالسىز يەرگە قويىدۇ.بىراق ،ئۇنى ئۆي ئىچىدە ماڭغۇزغاندا ئۇ ئۈستەلگە پۇتلىشىپ كېتەمدۇ ؟جاۋابى :ئۇنداق بولمايدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر يېرىدە «يوشۇرۇن كۆزەتكۈچ»سى(hidden observer) بولغان بولىدۇ ئېنىق ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەرنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ ،بىراق«كۆرەلمەي»دۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ كۆرگەن بولىدۇ.شۇڭا ئۇنىڭ «يوشۇرۇن كۆزەتكۈچ»ىسى تەرىپىدىن بايقىلىپ يىقىلىپ-پۇتلىشىپ كەتمەيدۇ.
گېپنوزدىكى تۆت مۇھىم ھالقا؛ئازادىلىك،چوڭقۇر نەپەس ئېلىش،تەسەۋۋۇر ۋە بېشارەت
نۇرغۇن ئۇسۇللار بىلەن ئادەمنى گېپنوز قىلغلى بولىدۇ.بۇلارنى تۆت ئاساسىي ھالقىغا يېغىنچاقلاشقا بولىدۇ.بۇ ئاساسىي ھالقىلارغا پىششىق بولسىڭىز سىزنىڭ گېپنوز ئۇستىسى بولۇشىڭىزدا گەپ يوق بولغان بولىدۇ.
بۇ تۆت ئاساسىي ھالقا بولسا ؛ ئازادىلىك،چوڭقۇر نەپەس ئېلىش،تەسەۋۋۇر ۋە بېشارەت .
|
|