- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-28
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 19403
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
  23.51%
|
ئەنگلىيە " كۈندىلىك تېلېگراف گېزىتى" نىڭ 28 - ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئەنگلىيە يازغۇچىسى جېررىد بىلەن سىموننىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان " كۆك بۆرە : ئادولف گىتلېرنىڭ قاچقۇنلۇق ھاياتى" ناملىق يېڭى كىتابىدا گىتلېرنىڭ بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن ئارگېنتىناغا قېچىپ ، شۇ يەردە 73 يېشىغىچە ياشاپ ، ئىككى قىز پەرزەنت كۆرگەنلىكى ئاشكارىلانغان .
كىتابتا مۇنداق دېيىلگەن : 1945 - يىلى گىتلېرنىڭ يېڭىلمەس ئارمىيەسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچىرىغان ، شۇ سەۋەبلىك ئۇ ئۈچ خىل تاللاشقا دۈچ كەلگەن . بىرىنچىسى ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەسىر بولۇپ ، ئاھانەتكە كېلىش ، بىراق بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ ؛ ئىككىنچىسى ، ئۈلۈۋېلىش ، بىراق كىم ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ ؟ ئۈچىنچىسى ، قېچىش .
ناتسىستلار گېرمانىيەسى گىستاپونىڭ باشلىقى ھېنرىخ موللېر قېچىشنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرىنى قىلىپ بولغان ، يەنە گىتلېر ۋە خوتۇنى ئېۋا بىروئوننىڭ سىياقداش جەسىدىنى تەييارلاپ قويغان . يېرىم كېچىدە ئۈچۈيلەن يەر ئاستى يولىدا پەيدا بولغان ، ئۇلار گىتلېر ، ئېۋا ۋە گىتلېرنىڭ قېىنئىنىسى ئىدى . " 52 - kr " بەلگىلىك تىرانسپورت ئايروپىلانى ئۇچۇشقا تەييارلىنىۋاتقاندا ، گىتلېر ۋە ئۇنىڭ يېققىنلىرى ئايروپىلانغا چىققان ھەمدە شىمالغا ئۇچقان .
گىتلېر دەسلەپتە دانىيە ، كېيىن ئىسپانىيە ، ئاخىرىدا چۆكمە پاراخوت بىلەن ئارگېنتىناغا بارغان . ئۇ ئارگېنتىنادىن ئايرىلىپ باقمىغان . ئۇ 17 يىل يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن ھەم بۇ جەرياندا ئىككى قىز پەرزەنتلىك بولغان . ئۇ 1962 يىلى 13 - فېۋرال 73 يېشىدا ئۆلگەن .
( خەلقارا لىنىيەسى تورى) دىن ئېلىنغان
مەنبە : " قانۇنچىلىق گېزىتى" |
|