چېچىم گۇۋاھ! -بىر تال چاچ يەنە نىمىلەرنى بىلىدۇ؟؟
ئەلچۈن
بىر تال چاچدىن نىمىلەرنى بىلگىلى بولىدۇ ؟
بۈگۈن بىز سىزنىڭ چېچىڭىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى توغۇرلۇق سۆزلەشمەيمىز ،بۈگۈن سۆزلىشىدىغىنىمىز قارىماققا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمدەك قىلامدۇ قانداق؟ ئەگەر سىز كوچىلاردا چېچىنى چۈشۈرىۋەتكەنلەرنى كۆرسىڭىز ،كۆڭلىڭىزدە نىمىلەرنى ئويلايسىز؟ (ئەلۋەتتە مەن راھىبلارنى دىمەكچى ئەمەس!) ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشىچە نورمال ئادەملەرنىڭ چېچى ئەركۈنى 0.3~0.5 مىللىمېتېرچە ئۆسۈدىكەن ،يەنە ئالىملىرىمىزنىڭ تەتقىق قىلىشىچە ئەشۇ چاچلىرىمىز ھەربىرىمىزنىڭ ئەڭ سابىق كاتىپلىرىمىز بولۇپ بىزدىڭ بىر كۈندىكى بارلىق ئىشلىرىمىزنى خاتىرلەپ ماڭىدىكەن .

ئەدەتتە سىزنىڭ چېچىڭىزدا نەچچە ئايلىق ھەتتا نەچچە يىللىق ئىش ئىزلىرىڭىز خاتىرلەنگەن بولىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.( نىمە ئۈچۈن كىنولاردىكى ئەسكى ئادەملەر چاچلىرىنى چۈشۈرۈپ باشتاق بولىۋالىدىكىن دىسەم ....) تەتقىقاتتا ئېنىقلىنىشىچە ئەدەمنىڭ چېچى بىزنىڭ كۈندۈزلۈك ئىشلىرىمىزنى خاتىرلەپ ماڭىدىكەن.

"سىزنىڭ چېچىڭىز دەل سىزنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرىڭىزنىڭ گۇۋاچىسىدۇر!"،ئەنگىلىيە تەبى پەن مۇزىيىدىن ئەرمەن فىلېرمەن مۇنداق دەيدۇ. رېيۇتېرىس ئاگىنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يېقىندا بۇ مۇزىي مەخسۇس ئادەم چېچىنى باش تىما قىلغان بىر چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمە ئاچماقچى ئىكەن . چاچنىڭ ئاساسى تەركىبى كىراتىن بولۇپ ئۇ پۈتۈن چېچىڭىزنىڭ 85%دىن 90% نى ئىگەللەيدۇ ،ئۇنىڭدىن باشقا ئاز بىر قىسىم پېگمېنت ۋە سۇ قاتارلىقلارمۇ بار. ئوخشىمىغان پېگمىنىتتىن تۈزۈلگەن چاچلارنىڭ رەڭگىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن . تەتقىقاتچالار يەنە كۆپ يىللىق تەتقىق قىلىش ئادملەرگە چاچقا قاراپ دىئاگونۇز قويۇشقا بولىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان .ئۇلارنىڭ 283 نەپەر 65ياشتىن 85 ياشقىچە بولغان ياشانغانلارنى تەتقىق قىلغان بولۇپ ئۇلارنىڭ چېچىدا چاچ تېرە گىدرىن كۆپ بولغان كىشلەر تاجىسىمان يۈرۈك كېسىلى ۋە دىئابىت كېسىلى چىققان. تەتقىقاتچىلارنىڭ دىيىشە ئۇلار يەنە ئادەمنىڭ چېچىنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ياشاۋاتقان مۇھىتىنى ۋە ئىرقى ،پىسخىلوگىيەسى ،خاراكتىرى قاتارلىقلارنىمۇ بىلگىلى بولىدىكەن .
چاچنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى مېڭىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدۇ
گىرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى ئالىنقى كۈنى يېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان ":چاچنىڭ ئۆسۈش يۆنىلىشى مېڭە تەرەققىياتىغا ۋە مېڭە ھەركىتىگە تەسىر قىلىدۇ ،مەسلەن چېچى سائەت ئىستىرىلكا يۆنىلىشىگە قارشى ئۆسكەن كىشلەر سول قولىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ" بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل كىشى ،گىرمانىيە بوئېن ئۇنىۋېرسىتىتى مېڭە مۇتەخەسىسى ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ چېچى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى ، 6 ئادەمدىن تۈزۈلگەن بىر تەتقىقات گۇرۇپىسى داۋاملىق تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى . 
ئىگىلىنىشچە چاچ خۇددى DNA گە ئوخشاش كىشلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

|