بەيدىڭ مۇھاسىرسى
ھون تەڭرىقۇتلۇقىنىڭ كۈچىيىشى يېڭىدىن قۇرۇلغان خەن سۇلالىسىغا ناھايىتى ئېغىر خەۋىپ بولۇپ قالدى. باتۇر تەڭرىقۇت مىلادىدىن 201 يىل بۇرۇن خەن سۇلالىسى تېررىتورىيسىگە بېسىپ كىردى. ھازىرقى سەنشى ئۆلكىسىدىكى شاۋسەن ناھىيىسىنى مۇھاسىرگە ئالدى. شۇ جاينى مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان ھەربىي ۋالىي خەن ۋاڭ شىڭ ھونلارغا تەسلىم بولدى. ھونلار يەنىمۇ ئىلگىرلەپ سەنشىدىكى تەييۈەن، جىڭ ياڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە ھوجۇم قىلدى. مانا مۇشۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەندە، خەن سۇلالىسىنىڭ تۇنجى پادىشاھسى ليۇباڭ (مىلادىدىن بۇرۇنقى205-195-يىللار) ھونلارغا قارشى يۈرۈش قىلماقچى بولدى. ئۇنىڭ ۋەزىرى لۇجىڭ ھونلارغا قارشى يۈرۈش قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، ليۇباڭنى ئاگاھلاندۇردى. شۇ مەزگىلدە يېڭى قۇرۇلغان خەن سۇلالىسىنىڭ ئىقتىسادى خاراب، بۆلۈنمەكۈچلەر مەۋجۇت بولۇپ، مەركىزىي ھاكىمىيەت تېخى مۇستەھكەملىنىپ كەتمىگەنىدى. لېكىن ليۇباڭ لۇجىڭنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېتىبارغا ئالماي، ئۇنى نەزەربەنت قىلدى. ئۆزى 325 مىڭ كىشلىك قۇشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ ھونلارغا قارشى ماڭدى. بۇنىڭدىن خەۋەرتاپقان باتۇر تەڭرىقۇت خىللانغان 400 مىڭ كىشلىك ئاتلىق ھون قۇشۇنلىرىنى فىڭچىڭ(ھازىرقى داتۇڭ) شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى بەيدىڭ تېغىنىڭ ئېدىرلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەنسۇلالىسى پادىشاھسى ليۇباڭنىڭ كېلىشىنى پايلاپ بۆكتۈرمىدە تۇردى. باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ھەربىي تاكتىكا جەھەتتە قويغان يۇشۇرۇن توزىقىدىن قىلچە خەۋىرى بولمىغان ليۇباڭ ئالدىنقى قۇشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ، بەيدىڭ تېغىدا پۈتۈنلەي مۇھاسىرىگە ئېلىندى.سىماچيەننىڭ خاتىرسىگە قارىغاندا، خەن سۇلالىسى قۇشۇنلىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىنىقارا ئاتلىق، شەرقىي تەرىپىنى كۆك ئاتلىق، جەنۇبىي تەرىپىنى قىزىل تورۇق ئاتلىق، غەربىيتەرىپىنى ئاق بوز ئاتلىق ھونلار قورشاپ ئالغانىكەن. تاشقى دۇنيادىن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن خەن قۇشۇنلىرى يەتتە كېچە كۈندۈز قورشاۋدا قېلىپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ تۈگەشكە تاس-تاماس قالغان. لۇجىڭنىڭ گېپىگە كىرمەي ھونلارغا قارشى يۈرۈش قىلىپ مۇھاسىرىگەچۈشۈپ قالغان ليۇباڭ نېمە قىلىشىنى بىلمەي، بېشى قېتىپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ چىڭ پىڭئاتلىق ۋەزىرى مۇھاسىردىن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ ئامالىنى تاپقان. چىڭ پىڭ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئالچىسى (چوڭ بىكەسى) ئالدىغا ئوغرىلقىچە بېرىپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئالتۇن بەرگەن.ئاندىن ئالچىدىن مۇھاسىرىنىڭ مەلۇم جايىدىن ئازراق يۇچۇق ئېچىپ قۇيۇش ئىمكانىيتىنى يارىتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇرغان. ئالچى باتۇر تەڭرىقۇتقا دەرھال قايتىپ كېتىشنى ئۇنداق بولمىغاندا كۆك تەڭرىنىڭ غەزىپىگە يۇلۇقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، شامان تەڭرىسىنامى بىلەن ئۇنى قورقۇتقان. باتۇر تەڭرىقۇت ئالچىنىڭ سۆزىدىن تەسىرلىنىپ، مۇھاسىرىنىڭ مەلۇم جايىنى بوشاتقان. ليۇباڭ شۇ جايدىن چىقىپ قېچىپ كەتكەن. مەشھۇر بەيدىڭ مۇھاسىرسى ئاخىر ئەنە شۇنداق نەتىجە بىلەن تاماملانغان. بۇنداق مۇھاسىرە قەدىمكى چاغدىكى شەرق تارىخىدا بولۇپ باققان ئەمەس. بەيدىڭ مۇھاسىرسى ھەققىدە مۇنداق بىر قوشاق تۇقۇلغان:
فىڭچىڭدا يۈز بەرگەن ئاجايىپ ۋەقە، كەلتۈردى دەھشەتلىك جاپا-مۇشاققەت، يەتتە كۈن ئاچ قېلىپ كەتتۇق ماداردىن، ئوقيانى ئېتىشقا يەتمىدى قۇۋۋەت. ①
بەيدىڭ مۇھاسىرسى مىلادىدىن 200 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن.
① بەنگۇ: <خەن يىلنامىسى، ھونلار ھەققىدە قىسسە>،11-كىتاب، خەنزۇچە 3755-بەتكە قارالسۇن.
|