- تىزىملاتقان
- 2014-1-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1255
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
  25.5%
|
جۇڭگونىڭ خەنزۇچە «كونا تاڭنامە»، «يېڭى تاڭنامە» قاتارلىق دەستۇرلىرى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ھالاك بولغانلىقى، بۇ قاغانلىق ئاھالىسىنىڭ ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ كۆچكەنلىكى خۇسۇسىدىكى تارىخىي ۋەقەنىڭ جەريانىنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ قالدۇردى، بۇ تارىختا «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى» (回鹘西迁) دېيىلدى. تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى ئۇرۇش مالامەتلىرى تۈپەيلىدىن قاغانلىق ھالاك بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچى ئاھالە تەرەپ-تەرەپكە پىتراپ كەتتى. چىن-خەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ھۇنلار، تاڭ-سۇڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى تۈرك-ئۇيغۇردىن ئىبارت بۇ مىللەتلەر تارىخ ئېقىنىغا ئەگىشىپ غەربكە سىلجىپ كەلدى ھەم بۇ مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ماكان تۇتۇپ كەلگەن يۇرتىنى مەڭگۈگە تەرك ئەتتى. ئۇلارنىڭ كۆچۈشى بىلەن چۆللۈكنىڭ شىمالىدىكى يايلاقتىكى مىللەت قۇرۇلمىسىدا زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، كېيىنكى موڭغۇللارنىڭ تەرەققىياتىغا غايەت زور بوشلۇق ھازىرلاپ بەردى. ئۈچ يۈز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق موڭغۇللار بۇ گۈزەل يايلاقنىڭ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. ئومۇمەن، «ئۇيغۇرلارنىڭ غەربكە كۆچۈش» (回鹘西迁) ۋەقەسى مەركىزىي ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدىكى بىرقېتىملىق زور ۋەقە بولۇپ قالدى. |
|