قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 11436|ئىنكاس: 74

ئىشچان جۇڭگولۇقلار نېمىشقا قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمايدۇ؟

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

0

دوست

368

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   34%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22718
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 134
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-30 23:58:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

         ئىلاۋە: ياڭجۈنخېڭ، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن ئىلمى باكالاۋرى، ئاۋسترالىيە يېڭى لەن ۋالېس ئۇنىۋېرىسىتېتى فىلولوگىيە پەنلىرى ئاسپىرانتى، سىدنىي پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتۇرى، داڭلىق ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى. دائىم قىسقا يازمىلارنى ئېلان قىلىپ ناچار-يامان تەرەپلەرنى تەنقىد قىلىدۇ.
       مەزكۇرماقالىنى ئاپتور تۆنۈگۈن شىنجاڭدا تۇرۇپ توردا ئېلان قىلغان، ئوقۇغاندىن كېيىن ناھايىتى ئەتراپلىق يېزىلغانلىقىنى بايقاپ قېرىنداشلىرىمنىمۇ كۆرۈپ پايدىلانسۇن دەپ تەرجىمە قىلىپ تورغا يوللىشىم. چۈنكى بىزلەرمۇ خۇددى مەزكۇر ئەسەردە ئېيتىلغاندەك سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش بوسۇغۇسىدا تېڭىرقاپ، ئەسەردە ئېيتىلغاندەك خاتالىقلارنى سادىر قىلىشقا باشلىدۇق، مىللىي كارخانىچىلىرىمىزغا ئەگەر ئۈشبۇ تەرجىمەمدىن زەررىچە پايدا يەتسە، كۆپ خۇرسەن بولغان ئىدىم.
    ياڭجۈننىڭ ئەسەرلىرىنى مېنىڭ قارىشىمچە ئوقۇپ بېقىشقا ئەرزىيدىكەن، كەمىنە ئەڭ ياخشى كەسپىي ماھارىتىمنى ئىشقا سېلىپ ياخشى ماقالىلىرىنى قېرىنداشلارغا سۇنۇشقاتىرىشىمەن. ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىزلەر. بايا ئېيتقىنىمدەك مەزكۇر ئەسەر شىنجاڭدا يېزىلغان ئىكەن، قېرىنداشلىرىمنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن تەھلىل يۈرگۈزۈپ ئوقۇشىنى، بىزلەرگە مەنپەئەت قىلىدىغان جايلىرىنى غەپلەت ياكى پىسەنت قىلماسلىقتا ئۆتكۈزۈپ سالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئاخىرىدا،تەرجىمە ھوقۇقى كەمىنىدە، رۇخسەتسىز تارقىتىلمىسۇن.


ئىشچان جۇڭگولۇقلار نېمىشقا قارشى ئېلىشقا ئۇچرىمايدۇ؟
ياڭ جۈنخېڭ


         بەزى ئازسانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، بىر قىسىم خەنزۇ دوستلاردائىم دائىم شەخسەن ھالدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ، شۇ يەرلىك مەلۇم مىللەت «بەك ھورۇن»،«بەك دۆت»، خەنزۇلار بىلەن بولغان ئىقتىسادىي رىقابەت جەريانىدا دائىم پايدىسىز ئەھۋالدا قالىدۇ، دائىم شۇنداق بولغاندىن كېيىن، ئۇلار كۆڭلىدە نارازى بولىدۇ،ھەتتا مىللەتلەر تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مىللەتلەر تىركىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئەلۋەتتە ناھايىتى نۇرغۇن، مەسىلەن غەربلىكلەرنىڭ ئېغىزىدىكى«مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى»، يەنە دىنىي سۈركۈلۈش، مىللىي خاراكتېر ۋە ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلار، لېكىن ئىقتىسادىي كىرىم جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك پەرق بولسا، راستىنلا مۇھىم بولغان بىر ئامىل.
          مەدەنىيەت توقۇنۇشى ۋە دىنىي سۈركىلىشلەرگە مۇناسىۋەتلىك يازمىلار ئاللىقاچان تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتتى،بولدىلا، مېنىڭ بىر پارچە ئەسىرىم ھەرگىز كاملىق قىلمايدۇ. لېكىن ئاز سانلىق مىللەتلەر خاراكتېرى ۋە ئادەتلىرىنى ئىچكىرىلەپ تەھلىل قىلىش، بولۇپمۇخەقنى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت» دېيىشنىڭ بولسا، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇش، مىللىي توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار. بۈگۈن مەن باشقا بىر نۇقتىدىن چىقىشقىلىپ ھورۇنلۇق ۋە ئىشچانلىق توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ باقاي ــــــ باشقا مىللەت توپىنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماسلىق ئۈچۈن، «تەنقىد قىلىشنى ئاۋال ئۆزىدىن باشلاش» پىرىنسىپى بويىچە، گەپنى ئاۋال بىز خەنزۇلاردىن باشلاي.
      18-، 19-ئەسىرلەردە، ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ قايتا گۈللۈنىشى، مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ۋە سانائەت ئىنقىلابى قاتارلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن غەرب مۇستەملىكىچىلىرى ئىدىيە ۋە پەن-تېخنىكىسىغا تايىنىپ، مۇستەھكەم توپ-زەمبىرەكلىرىنى ئېلىپ ئاسىيا، ئافرىقا،لاتىن ئامېرىكىسىغا قاراپ كېڭىيىپ، بارلىق توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىدى. بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيىسى ئۇلارنىڭ بىر زەربىسىگىمۇ چىداشلىق بېرەلمىدى. دەرۋازا ئېچىۋېتىلدى، جۇڭگولۇقلار غەربلىكلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئەگەربىز غەربنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى ۋاراقلاپ باقساق شۇنى بايقايمىزكى، شۇ ۋاقىتتىكى غەربلىكلەرنىڭ جۇڭگولۇقلارغا بولغان ئومۇمىي تەسىراتى شۇكى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت»، يەنە تېخى بەك مەينەت، كالۋا، شەخسىيەتچى.
        غەربلىكلەرنىڭ توپ-زەمبىرىكى ئاستىدا، «ھورۇن ئەمەس» جۇڭگولۇقلار بەلكىم تېخىمۇ تېز ھالاك بولىشىمۇ مومكىن، «پۈتۈن جاھان ئەجىبا خاننىڭ زېمىنى ئەمەسمۇ»- دەيدىغان جۇڭگودا بولسا،«پاراسەتلىكلەر» ئاللىقاچان ساغرىسىنى ئۇچلۇق قىلىپ خاننىڭ پۇتىغا يۈكۈنۈپ بولغان تۇرسا، قانداقمۇ سودا قىلسۇن؟ پۇل تاپسۇن؟ غەربلىكلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ۋەچوڭچىلىقىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئۇلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قارىشى ھەرگىزمۇ ئۇنچە ئورۇنسىز ئەمەس. ئەلۋەتتە، قارىشى ئورۇنلۇق، لېكىن شۇ قارىشىغا ئاساسلىنىپلا باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىشى، ئېزىشى بولسا، قىلچە ئورۇنلۇق ئەمەس.
        غەربلىكلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان مىللەتلەر ھەرگىز يالغۇز بىرلا جۇڭگولۇقلار ئەمەس. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مىللەتلەر، ئەنگىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان ئامىرېكىدىكى ئىندىئانلارغىمۇ ۋە ئاۋسترالىيەدىكى يەرلىك خەلقلەرگىمۇ ھەم،ئوخشاشلا «ھورۇن»، «دۆت» لۈك تامغىسى بېسىلدى. بۇ خىل تامغا ئاستىدا، ئاق تەنلىك مۇستەملىكىچىلەر دەھشەتلىك بولغان قىرغىنچىلىق جىنايىتى سادىر قىلدى، شۇنداقلا ئىندىئانلار ۋە يەرلىك خەلقلەرگە بولغان تەڭسىزلىك، ئادالەتسىزلىكنى ئۇزاق مەزگىلگىچە ساقلاپ كەلدى. بۇ خىل كەمسىتىش سىياسىتى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇلارنىڭ تېررىتورىيەسىگە يېڭىدىن كىرگەن نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا قاراپ كېڭەيدى، مەسىلەن جۇڭگولۇقلار، ئافرىقىلىقلار قاتارلىقلار.
       ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ئېيتساق، ئەڭ ئاۋال سانائەتلەشكەن شۇنداقلا ئىلغارئىدىيەلەر بىلەن قوراللانغان غەربلىكلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇڭگولۇقلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ راستىنلا «ھورۇن»، «دۆت» بولۇش ئېھتىماللىقى بار، شۇنداقتىمۇ بەزى بىر مىللىي خاراكتېر ۋە ئادەتلەرنىڭ راستىنلا سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش رېتىمىغا ماسلىشالمايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشكەبولمايدۇ. بۇ مەسىلە ئۈستىدە، «سىياسىيدىكى توغرىلىق» نى بەكلا تەشەببۇس قىلىپ رېئاللىقنى ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئالدى-كەينى بولۇپ ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئاۋسترالىيە قىتئەسىدە ئون نەچچە يىل ياشىدىم، بەزى ئىندىئان ۋە يەرلىك خەلقلەربىلەن دوستلۇقمۇ ئورناتتىم، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن تەبىئەتكە تېخىمۇ يېقىن ، بىرقەدەر تەرتىپسىز، زامانىۋىلىشىش رېتىمىغا ئانچە يېتىشىپ كېتەلمەيدىغانلىقى قاتارلىقلارنى ھېس قىلدىم، بۇ يەردە مەن ئۇلارنىڭ بۇ خىل «ئالاھىدىلىك» گە قىممەت قارىشى جەھەتتىن ھۆكۈم قىلماقچى ئەمەسمەن، يەنە كېلىپ ئىنسانىيەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى جەھەتتىن سۆز ئاچقاندا، ھۆكۈم چىقارغىلىمۇ بولمايدۇ.بەئەينى مەلۇم بىر يەرلىك كىشىنىڭ ماڭا ئېيتقىنىدەك: سىلەرنىڭ بۇ خىل«زامانىۋىلىشىش» نىڭ بۇلغاش سۈرئىتى بويىچە، يەر شارىنىڭ ھالاك بولىشى ئۇزاققابارمايدۇ.
       غەربلىكلەرنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچرىغان بارچە مىللەتلەر ئىچىدە، جۇڭگولۇقلار بىر ئالاھىدە مىسال بولۇپ قالدى، يالغۇز گىياھ كەبى كۆزگەچېلىقماقتا. قايسى بىر چاغلاردىكى «بەك ھورۇن»، «بەك دۆت» جۇڭگولۇقلارنىڭ،دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى ھازىرقى يامان ئاتىقى بولسا «بەك ئىشچان»، «بەك پاراسەتلىك» بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقماقتا.
         پرېزىدېنت نېكسوننىڭ دەپ ئۆتكىنىدەك:« ئەگەر جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدا بىر يامان ئەمەس ھۆكۈمەت بولۇپ، سەككىز يۈز مىليون جۇڭگولۇقنى يامان ئەمەس تۈزۈم ئاستىغا يېتەكلەپ كىرەلىسە، ئۇنداقتا ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا رەھبەرلىك قىلالايدۇ». دۆلەت دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلار پەقەتلا چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرىغاقارشى تۇرۇش ۋە ئىچكى ئۇرۇش، سىياسىي ھەرىكەت قاتارلىقلار بىلەنلا بەنت بولۇپ كەلدى، تاكى دېڭ شياۋپىڭ چىقىپ ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىپ، «ئاق مۈشۈك قارا مۈشۈك چاشقان تۇتقىنى ياخشى مۈشۈك» دىگەندەك ئىدىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، جۇڭگولۇقلارنى قايتا تەرتىپكە سالغىلى بولمايلا قالدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغاننىڭ ئارىسىدا، ئىشچانلىق بىلەن پۇل تاپتى، پاراسەتلىك بىلەن پۇل تاپتى، ناھايىتى تېزلا پۇل تېپىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋەھشىلىكتىن يانمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى.
         دۆلەت ئىچىدىكىلەر توغرۇلۇق مەن كۆپ توختالماي، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئوچۇق كۆرۈپ تۇرۇپتۇ: پۇل تېپىش ئۈچۈن، ھاتتا بوۋاقلارنىڭ سۈت پاراشوكىغىمۇ ساختىلىق ئىشلىتەلەيدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، ھوقۇق بىلەن پۇل تىل بىرىكتۈرەلەيدۇ، تەشكىللىگۈچلەر سىزگە بىر تامغا بېسىپ بېرىش ئۈچۈن ئاشكارا باھا قويۇشقا پېتىنىدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىگە قىلچە ھۆرمەت قىلماي، پۈتكۈل بىر دۆلەتنى بەئەينى بىر چوڭ تۇراغا ئوخشىتىپ قويدى. پۇل تېپىش ئۈچۈن، قارا كانلاردا ئۆسمۈر  قۇللارنى مەجبۇرىي ئىشقا سالدى، ئىش ۋاقتىنى خالىغانچە ئۇزاتتى. پۇل تېپىش ئۈچۈن،ھەتتا «ئاق خالاتلىق پەرىشتە» لەرمۇ قىممەت دورىلارنى يېزىپ ئۈستەك ئالىدۇ، «روھىي ئىنژېنېر» لارمۇ ھەتتا خىجىل بولماي قىزىل بولاق ئالىدۇ. پۇل تېپىش ئۈچۈن، تۈزۈم دائىم ئۆزگەرتىلىپ تۇرىلىدۇ، قانۇن «قالقان» قىلىنىدۇ......
          شۇنچە يىللاردىن بېرى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرىدە ئەڭ جىق بولغىنى «مىلياردېر» لار، لېكىن ئىدىيە ۋە پەن-تېخنىكىدا بولسا، ھېچقانچە تۆھپە قوشمىغان دېگۈدەكلا. پۈتۈن دۆلەت غالجىرلارچە پۇل تاپماقتا، جۇڭگو مىلياردېرلىرى جاي-جايلارغا بېرىپ مۇۋەپپىقىيەت ئىلمى تەجرىبىلىرىنى تارقاتماقتا،تېخى بەزى بىر سودىگەرلەر ھەتتا ئەخلاق ۋەزخانلىرى قىياپىتىگە كىرىۋالدى.مەدەنىيەت دۇنياسىدا بولسا، ھەر قانداق بىر سودىگەر، مەيلى بىل گەيتسدەك پۈتكۈل مۈلكى-بايلىقىنى دېگۈدەك ئىئانە قىلىۋەتكەن شەخسلەر بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ ئەخلاق نەمۇنىچىسى قىياپىتىگە كىرىۋېلىشقا پېتىنالمايدۇ، ئەخلاق ۋائىزخانلىق قىلىشنى بولسا دېمەيلا قويايلى. بىراق جۇڭگودا ئوخشىمايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھوقۇق-ئابرويغا بولغان نەپرىتى ۋە چوقۇنىشى بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نېرۋىلىرىنى كۆيدۈرۈپ كاردىن چىقاردى.

(ئاخرى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ)

مەنبە:http://blog.sina.com.cn/s/blog_48c00fbb0102e5qb.html

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

8

دوست

2285

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21960
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 696
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 14:10:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ مۇشۇنچىلىك ئادەم چىقىنىغا  بىرمىرلىياد ئىنساندىن چىقىپتۇ بىرسى

بۆرە

4

تېما

0

دوست

5555

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5484
يازما سانى: 270
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1218
تۆھپە : 887
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 14:19:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېنى ئاخىرى؟

0

تېما

15

دوست

2456

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   15.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13873
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 193
تۆھپە : 636
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 15:03:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق.
يالغانچىلىقنى، توزاق قۇرۇپ ئادەم ئالداشنى ،نۇمۇسنى كېرەك قىلمايدىغان  كاززاپلىقنى ئەقىللىق بولغانلىق دەپ چۈشىنىدىغانلار بىلەن يالغانچىلىقنى ئەيىپ سانايدىغان دۇنيا قانداقمۇ چىقىشالىسۇن.

2

تېما

0

دوست

2308

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 15:14:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       مەرھۇم ئۇيغۇر چاقچاق  پىشىۋاسى  ھىسام ئاكىنىىڭ ،باشقىلار ، كەنتتىكىلەرنى  بېيىتىش ئۇچۇن قانداق قىلىش كىرەك ،دىگەن سۇئالىغا ، ھەممە ئادەمنى بىر نوۋەتتىن كەنىت باشلىقى قىلىش كىرەك ،دەپ جاۋاپ بەرگەن  بىر لەتىپىسى بۇلىدىغان . مۇشۇكنى قەپەسكە  سولاپ قۇيۇپ ،ئۇنى ھورۇن ،دوت چاشقان تۇتمايدۇ دەپ  ھاقارەت قىلىش  ئوتە دوتلۇكنىڭ  ئىپادىسى . ئوز ۋاقتىدا  غەرىپلىكلەر  شۇنداق ھاقارەتلىگەن  جۇڭگۇلۇقلار  مانا ھازىر قانداق بولدى ؟ دۇنيادا دوت ،ھورۇن ئادەم بار ئەمما ئۇنداق مىللەت يوق ، ئەسكى مىللەت يوق ئەمما ئەسكى تۇزۇم بار ،  شۇڭا بىر مىللەتنى دوت ،ھورۇن دەپ ھاقارەت قىلىشقا بولمايدۇ . بىزدە «ئەسكى  ئوزىنى بىلمەس باشقىلارنى كوزگە ئىلمەس » دىگەن ھىكمەت بار . بۇنداق جاھانگىرلارنىڭ سەپسەتىسى  ئاللىقاچان ئەمەلىيەت  تەرپىدىن تۇكۇرۇپ تاشلاندى .ھەم تاشلىنىدۇ .
     تەرجىمان  قېرىندىشىمىزنىڭ ئەجرىگە  كوپ رەھمەت  ،داۋامىغا ساقلاپ قالدۇق .

4

تېما

0

دوست

6427

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3358
يازما سانى: 429
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 629
تۆھپە : 1543
توردىكى ۋاقتى: 432
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 15:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇ   ھۇكۇمىتىمىز   ھەقىقەتەن  دانا  ،ھەم چىداملىق  .شۇنداق  بۇلغاچقا  ئامرىكا  -يافۇنمۇ   ھېچنىمە  قىلالمايدۇ  جوڭگۇ  ئىقسادى  ئۇچقاندەك  تەرەقى  قىلۋاتىدۇ   شۇڭا  بىزمۇ   بىنا  -ئويلەردە  راھەت  ياشاۋاتىمىز   ،بۇ  بەخىتلىك  تۇرمۇشىمىزىا  ئۇلارنىڭ   كۇزى   قىزىرۋاتىدۇ  . بۇ دۇلەتلەر  يا  خىجىل  بۇلماي  جوڭگۇ   ھۇكۇمىتىمىزنى  تىللايدۇ  .ھۇكۇمەت  بۇلمىسا  بىز  ئولتۇرۋاتقان  ئويلەر  نەدىن كىلدۇ   دۇنيادا  بىرلا  ھوكۇمەت بۇ  ئادىللىقىغا   گەپ  كەتمەيدۇ  .شۇڭا  تەسىرلىنىپ  كۇزۇمدىن ياش  تۇكۇلدۇ  .

4

تېما

4

دوست

6872

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   37.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1783
توردىكى ۋاقتى: 429
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-31 16:56:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانائەتچان بولۇش بىر خىل ئالىجاناپلىق،ھەرگىزمۇ ھورۇنلۇق ئەمەس؛ باشقىلارنىڭ مەنپەتىگە زىيان سېلىپ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش بۇ ئاچ كۆزلۈك،.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )