- تىزىملاتقان
- 2012-7-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4640
- نادىر
- 0
- يازما
- 263
ئۆسۈش
88%
|
قازان ئىچىدىكى بىر چويلا يىلان ،
تەكرار - تەكرار يىمەكتە
قىستاپ قالغان ناماز ۋاقتىنى . . .
كۆزنەك ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرار ،
بىر توپ ناماز ئۇقۇمايدىغان مۇسۇلمان بالىلار
مۇسۇلمانچە تاماق ئۇچۇن . . .
ئۇ قايناۋاتقان قازان ئالدىدا ،
يۇمۇۋېلىپ يېرىم كۆزىنى
كۆڭلى نامازدا قۇلى ئىشتا ،
داۋام قىلماقتا نامىزىنى
نامازنىڭ ئەۋجىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ ،
ئاشخانا ، لەغمەن ، خېرىدار . . . كەلمەس ئىسىگە .
قىلدى سەجدى رۇكۇدىن كىيىن ،
قايناۋاتقان قازان ئىچىگە
ھۇرەك - ھۇرەك جەننەت گۇللىرى
قاپلاپ كەتتى شۇئان يۇزىنى ،
بىر توپ ناماز ئۇقۇمايدىغان مۇسۇلمانلار
قاراپ تۇراتتى ئۇزمەي كۇزىنى . . .
قازان ئىچىدىكى بىر چويلا يىلان
تەكرار - تەكرار يىمەكتە ،
قىستاپ قالغان ناماز ۋاقتىنى . . . |
|