ماتېماتىك ۋېتا ۋە ۋېتا تېئورمىسى
ئەنۋەر تۇردى(ماتېماتىكا)
ماتېماتىك ۋېتا
ۋېتا16 - ئەسىردە ئۆتكەن فرانسىيە ماتېماتىكى،ئۇ 1540-يىلى تۇغۇلۇپ ، 1603-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۇنى ۋاپات بولغان.ياش ۋاقتىدا قانۇن ئۆگىنىپ ئادۋۇكاتلىق قىلغان، كىېيىن سىياسى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان ، فىرنسىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسىمۇ بولغان.ئىسپانىيە بىلەن بولغان بىر قىتېملىق ئۇرۇشتا دۇشمەننىڭ مەخپىي شېفىرنى يىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە ئۆزىنىڭ ماتېماتىكا تالانتىنى نامايەن قىلغان. كىيىن ماتېماتىكا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان، ئۇ ماتېماتىكا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ نامەلۇم سان ، مەلۇم سان ...دېگەنلەرنى ھەرىپ بىلەن ئىپادىلەپ ماتېماتىكىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپە قوشقان. مۇنداقچە ئىيىتقاندا ،ئۇ ئۇ ئەڭ بۇرۇن سان ئورنىغا ھەرپ قوللانغانلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەمگەكلىرى ئالگېبىرا ساھەسىدە بولۇپ ، دۇنيا ئىلىم ساھەسىدە " ئالگېبىرا ئاتىىسى"دېگەن چىرايلىق نامى بار.
ئۇ بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمە
نى تەتقىق قىلغاندا، تەڭلىمىنىڭ ئىككى يىلتىزى1 x2, x لەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇنداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان:
مانا بۇ ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ماتېماتىكىدىكى مەشھۈر ۋېتا تېئورېمىسىدۇر.
ۋېتا تېئورېمىسى تەڭلىمىلەرنى يېشىش ۋە تەتقىق قىلىشتا بەك ئەسقاتىدۇ.
بىرىنچىدىن، بىر نامەلۇملۇق ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ بىر يىلتىزى مەلۇم بولسا، يۇقىرىدىكى مۇناسىۋەتكە ئاساسلىنىپ، يەنە بىر يىلتىزىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارغىلى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، تەڭلىمە نىڭ ئىككى يىلتىزى ئارىسىدا مەلۇم مۇناسىۋەت بارلىقى مەلۇم بولسا، نەمەلۇم كوئېففىتسېنتلىرىنىڭ قىممىتىنى تاپقىلى بولىدۇ؛ ۋېتا تېئورېمىسىدىن پايدىلىنىپ، يەنە تەڭلىمىنى يەشمەيلا، ئىككى يىلتىزنىڭ بىر جىنسلىق دەرىجىلىرىنىڭ يىغىندىسىنى تاپقىلى بولىدۇ .
ۋېتا تېئورېمىسىنىڭ يەنە بىر ئىشلىتىلىش ئورنى شۇكى، ئىككىنچى دەرىجىلىك بىر تەڭلىمە مەلۇم بولسا، ئىككى تەڭلىمىنىڭ يىلتىزلىرى مەلۇم بىر خىل مۇناسىۋەتنى قانائەتلەندۈرىدىغان قىلىپ يېڭى بىر ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى تاپقىلى بولىدۇ. |