- تىزىملاتقان
- 2013-10-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 72
- نادىر
- 0
- يازما
- 0
ئۆسۈش
  24%
|

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ilqut_yy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-27 18:33
ئەسسالام ئەلەيكۇم باغداش مۇنبىرىنىڭ ئەزىزقوللىغۇچىلىرى،
كەڭ تورداش دوستلار، تور بېكىتمىز ئۇيغۇر تور دۇنياسدىكى ئەڭ كەسىپلەشكەن كارخانىچىلار توربېكىتى شۇنداقلا دىيارىمىز كارخانىچىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر يىللىق مۇساپىنى مۇۋۋەپىقىيەتلىك ھالدا بېسىپ ئۆتۈش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان، ياردەمدە بولغان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىش، ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش روھىغا ئىلھام بېرىپ، يېڭى كارخانىچى، خوجايىنلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە «ئىلقۇت ‹يېڭى خوجايىن› تۈر ئېچىش مۇكاپاتلىق مۇسابىقىسى»ئۇيۇشتۇردۇق.
قاتنىشىش ئوبيېكتى:
15 ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش روھى بار، سودىغا قىزىقىدىغان، ۋاي ۋاي ۋە تور بەت ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتى بولغان بارلىق ياشلار.
مۇسابىقە جەريانى:
سالاھىيەت بېكىتىش ـــــــــ تۈر باھالاش ـــــــــــ توردا بېلەت تاشلاش ـــــــــ خۇلاسە
سالاھىيەت بېكىتىش:
ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىش سالاھىيىتىنى بېكىتىش. بۇباسقۇچتا باھالىغۇچىلار، سورالغان سوئاللارغا ئاساسەن، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى، پىكىر-تەپەككۇر ئىقتىدارى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى، تىل قابىلىيىتى، كوللېكتىپچانلىق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەرنى چىقىش قىلىپ نومۇر بېرىدۇ. %70 ماھىر ئىككىنجى باسقۇچقا كىرەلەيدۇ .
تۈر باھالاش:
سالاھىيەت بېكىتىشتىن كېيىن بىرىنجى باسقۇچقا كىرىدىغان ماھىرلار تىزىملىكى چىقىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا يېڭى سودا تۈرى ئېچىش پىلانى يېزىش ۋەزىپىسى بېرىلىدۇ، ماھىرلار ئۆزىنىڭ نامىدا يازىدۇ، تۆت كۈندىن كېيىن بىزگە تاپشۇرىدۇ.
سۆزلەپ چۈشەندۈرۈش ۋاقتى 5 مىنۇت (دوسكا ئىقتىدارىسەپلەنگەن، رەسىم ۋە تامتەسۋىر (PPT) ھۆججەتلىرىنى قويغىلى بولىدۇ) ئايرىم-ئايرىم باھالىغۇچىلار باھالاش ۋە تاماشىبىنلار بېلەت تاشلاش ئارقىلىق باھالىنىپ، ئالدىنقى10 ئەزا ئۈچىنچى باسقۇچقا كىرەلەيدۇ.
قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە:
1. تۈر ئەمەلىيەتچان ۋە يېڭى بولۇشى كېرەك.
2. مەزكۇرتۈرنى ئېچىشتىكى مەقسىتىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن بولۇشى كېرەك.
3. دىيارىمىزھەم مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت، ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كەلگەن بولۇشى كېرەك.
4. تۈرنىڭ يېڭىلىقىنى، ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن بولۇشى لازىم.
5. تۈرنىڭ مەبلەغكە ئېرىشىش يوشۇرۇن كۈچى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
6. مەزكۇر تۈر ئىگىلىيەلەيدىغان بازار دائىرىسىنى مۇۋاپىق مۆلچەرلىگەن بولۇشى، ھەم شۇ ھېسابلاپ چىقارغان مۆلچەرنى ئىشەنچىلىك سانلىق مەلۇمات ۋە ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
7. بازارتەھلىل قىلغان بولۇشى، مەزكۇر تۈرنىڭ بازاردىكى رىقابەت ئەھۋالى، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەن بولۇشى كېرەك.
8. چىقىمنى مۇۋاپىق كونترول قىلىشى كېرەك. ئېرىشىدىغان مۆلچەر پايدىسى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
9. تۈرنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى تەھلىل قىلغان بولۇشى لازىم.
10. بازار ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.
11. يېتەرلىك ئۇچۇرلار بىلەن مەزكۇر تۈرنىڭ بازار ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك.
12. تۈردىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت دىيارىمىزنىڭ ھازىرقى ئىستېمال سەۋىيەسىگە ماس كەلگەن بولۇشى لازىم.
13. پىلاننى مۇكەممەل، ئېنىق، راۋان چۈشەندۈرگەن بولۇشى لازىم.
14. بازار ئىستېمال سەۋىيەسى ۋە بازارئېھتىياجىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك .
15. بارلىق يېڭى تۈرلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى تۈر ئاچقۇچىغا ۋە ئىلقۇت كارخانىچىلارتورىغا تەۋە بولىدۇ. مۇسابىقە ئاشكارە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، تۈر ئاشكارىلىنىشتىن كېلىپ چىققان مەسئۇلىيەتكە ئىلقۇت قانىلىمىز ئىگە ئەمەس.
توردا بېلەت تاشلاش:
مۇسابىقىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى توردا بېلەت تاشلاش بولۇپ، ئىلقۇت كارخانىچىلارتورى ئارقىلىق بېلەت تاشلىنىدۇ. ھەل قىلغۇچتا، نەق مەيداندا ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ ئوتتۇرىچىسى ئېلىنىپ، ئەزالار تاشلىغان بېلەت سانى قوشۇلۇپ، %70 نەتىجىسى قىلىنىدۇ.
30% نەتىجىنى توردا بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ئىگىلەيدۇ .
ئالدىنقى ئىككى باسقۇچتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ ئۈچىنچى باسقۇچقا كىرگەن قېرىنداشلار، ئۆز دوست-بۇرادەرلىرى، تونۇش-بىلىشلىرىگە تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزى ئۈچۈن بېلەت تاشلاتقۇزسا بولىدۇ.
مۇكاپات بۇيۇمى سوممىسى
بىرىنجى دەرىجە: 1 نەپەر 1000 يۈەن
ئىككىنجى دەرىجە: 2 نەپەر 500 يۈەن
ئۈچىنجى دەرىجە: 2 نەپەر 300 يۈەن
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: 5 نەپەر (كىتاب سوۋغا قىلىنىدۇ.)
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ30-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 12 گىچە
تىزىملىتىش ئۇسۇلى: ئىسم-فامىلىسى + جىنسى + يېشى + كىملىك نومۇرى+ كەسپى قاتارلىق 5 تۈرلۈك مۇھىم ماتېرىيالنى ئۆز يان تېلفونىڭىز (ئۆزىڭىزدە بولمىسا ئىشەنچىلىك نۇمۇر تېپىڭ، بۇ نومۇر سىز بىلەن ئالاقىلىشىشتا ئىشلىتىلىدۇ) ئارقىلىق 13579908349 نومۇرغا ئۇچۇر ئەۋەتىڭ. ئۇچۇر كەم بولۇپ قالسا تىزىملىتىش ئىناۋەتسىز. ماتېرىيالىڭىزنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.
تۇنجى مەيدان سالاھىيەت تاللاش مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6:30 دە ئىلقۇت ۋاي ۋاي قانىلىدا باشلىنىدۇ.
قانال نومۇرى : 81250388
قەدەم تەشرىپ قىلىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز.
24 سائەت مەسلىھەت سوراش مۇلازىمەت نومۇرى :
تېلېفون نومۇرى: 13579908349
ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالۇنى: ilquttori
ئۈندىدار نومۇر:ILQUT-YY
ئىنكاس ئارقىلىق مەسلىھەت سورىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز .
ھۆرمەت بىلەن:
ئىلقۇت قانىلى
ئىلقۇت "يېڭى خوجايىن" مۇكاپاتلىق پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى
ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى
ئاخىرقى سۆز:
ئەگەر مەزكۇر پائالىيەتنى قوللايدىغان شىركەت ياكى ئورۇنلار بولسا ئالاھىدە قارىشى ئالىمىز، پۈتكۈل پائالىيەت جەريانىدا قوللىغۇچى ئورۇن ۋە شىركەتلەرنىڭ تەشۋىقاتى تەڭ ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىقتىساد ۋە ماددىي بۇيۇم جەھەتتە قوللىشىڭىزغا تىلەكداشمىز!
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 18699161170
تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز دىققىتىڭىز ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىدە بولسۇن!
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1378
|
|