باغداش
يۈسۈپ نەمەنشاھ
ئاتامدەك زەپەردەس تۇرىدۇ باغداش، قۇياشنى باغاشلاپ شەرىقتە مەغرۇر. پارلايدۇ ئۇنۇڭدا ئەجدات شەجەرى، مۇزلاردىن چاقنايدۇ ئەركەكلىك غۇرور.
ئانامدەك مېھرىنى چاچىدۇ باغداش. سۈكۈتتە چاقنايدۇ تىك چوققا ھەيۋەت، قوينى كەڭ نىمەتلىك بوۋىلار كەبى، بەركەتتە باقىدۇ ئەل-يۇرتنى ئەبەت،
كۆزۈمگە نۇرزىيا تۇمارىم باغداش، شۇڭقاردەك يېيىلىپ تۇرىسەن باغداش. خەلقىمنىڭ ئىچكۈيى مۇڭدىشى باغداش، خوشلىقى قايغۇسى دىلكىشى باغداش.
2013-يىل 7-ئاي باغداش |