ھانىس ئوھانىيان ئۆزىنىڭ باكلاۋېرلىق ئۇنۋانىنى كالفورنىيە ئونۋېرسىتىتىنىڭ بىركلي شۆبىسىدە ئالغان. دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى پىرىنىستون ئونۋېرسىتىتىدا ئالغان. بۇ يەردە جون ۋىللېر بىلەن بىرگە ئىشلىگەن. ئۇ رىسسىلېر سانائەت ئىنىستىتوتى، يۇنىيون ئىنىستىتوتى ۋە ۋېرمونىت ئونۋېرسىتىتلىرىدا دەرس ئۆتكەن. ئۇ "فىزىكا"، "فىزىكا پىرىنسىپلىرى"، "ھازىرقى زامان فىزىكىسى"، "نىسپىيلىك نەزەرىيىسى"، "كىۋانىت مىخانىكىسى پىرىنسىپلىرى"، "كىلاسسىك ئىلىكتىردىنامىكا" قاتارلىق بىر قىسىم تۇلۇق كورۇس سەۋيىسىدىكى دەرىسلىك كىتاپلارنى تۈزگەن. ھەمدە رىمۇ رۇفىنى بىلەن بىرگە "تارتىش كۈچى ۋە زامان-ماكان" ناملىق كىتاپلارنى يازغان. ئۇ يەنە تارتىش كۈچى، نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كىۋانىت مىخانىكىسىغا ئالاقىدار ئون نەچچە پارچە ماقالە يازغان. فىزىكا ئاساسلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ماقالىلىرى ئامېرىكا فىزىكا ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. ئۇ بۇ ژۇرنالدا بىر قانچە يىل مۇئاۋىن باش مۇھەرىر بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر ۋېرمۇنىت ئونۋېرسىتىتنىڭ پىرافىسورى.
ئامېرىكا «بايقاش» ژورنىلى يىقىندا ئېنشتېيىننىڭ خاتا بولغان ئىلمى نوقتىنەزەرلىرىنى ئېلان قىلغان. مەسلەن: قارا ئۆڭكۇرنىڭ مەۋجۇت بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ئالەم تىنىچ ۋە ئۆزگەرمەيدۇ. «خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ» قاتارلىقلار. بىر قانچە كۇن ئىلگىرى بۇ ژورنال يەنە ئېنشتېيىننىڭ ئۆمرىدە سادىر قىلغان 23خىل خاتالىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار تۆۋەندىكىچە؛ 1905-يىل: تار مەنىلىك نىسپيىلىك نەزەريىسىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغاندا، سائەتنىڭ ماس قەدەملىگىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان. 1905-يىلى: مىكلىسون –مورلى تەجىرىبىسىنىڭ نەتىجىسىنى خاتا مۆلچەرلىۋالغان. 1905-يىلى: يوقىرى تىزلىكتىكى زەررىچىلەرنىڭ كۆندىلەڭ ماسسسىنى خاتا ھىسابىلىۋالغان. 1905-يىلى: مالىكولىلارنىڭ سويۇق جىسىملاردىكى يىپىشقاقلىقىنى ھىسابلىغاندا، ماتېماتىكىلق ۋە فىزىكىلىق كۆپ تەرەپلىمە خاتالىقلارنى سادىر قىلغان. 1905-يىلى: ئىسىقلىق رادىئاتسىيىسى ۋە يورۇقلۇق كىۋانتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۇشەندۇرۇشتە خاتالاشقان. 1905-يىلى: ماسسا –ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىنى ھىسابلاشتا تۇنجى قىتىملىق خاتالىق يۈز بەرگەن. 1906-يىلى: ئىككىنجى،ئۈچۈنجى ۋە تۆتىنجى قىتىم ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانونىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان. 1907-يىلى: تىزلىنىشچان موھىتتىكى سائەتنىڭ ماس قەدەملىگىنى (بىر ۋاقىتلىق) ھىسابلاشتا خاتالاشقان. 1907-يىلى: تارتىش كۇچى ۋە تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ تەڭ ئۈنۈملۈكىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان. 1911-يىلى: تۇنجى قىتىم يورۇقلۇقنىڭ ئىغىش پەرقىنى ھىسابلاشتا خاتالاشقان. 1913-يىلى: نىسپيىلىك نەزەرىيىسىنىڭ تۇنجى دەلىلىدە خاتالاشقان. 1914-يىلى: ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانونىنى ھىسابلاشتا 5- قىتىم خاتالاشقان. 1915-يىلى: ئېنىشتېيىن –دى خاس تەجىرىبىسىدە خاتالاشقان. 1915-يىلى: نىسپىيىلىك نەزەريىسىنى يەتتىنجى قىتىملىق دەلىللەشتە خاتالاشقان. 1916-يىلى: ماخ پىرىنسىپنى چۇشەندۇرۇشتە خاتالاشقان. 1917-يىلى: ئالەم تۇراقلىغىنى ئىلىپ كىرىشتە خاتالاشقان. 1919-يىلى: نىسپىيىلىك نەزەريىسىگە تۇزۇتۇش كىرگۇزۇشتە خاتالاشقان. 1925-يىلى: بىرلىككە كەلگەن نەزەريىنى لايھىلەشتە نۇرغۇن قىتىم خاتالاشقان. 1927-يىلى: بور بىلەن كىۋانىت ئىنىقسىزلىقىنى موھاكىمە قىلغاندا خاتالاشقان. 1933-يىلى: كىۋانىت مىخانىكىسىنى چۇشۇنۇشتە خاتالاشقان. 1934-يىلى: ماسسا ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى (( نى ھىسابلاشتا 6-قىتىملىق خاتالىق يۈز بەرگەن. 1939-يىلى: سىۋارشىلىد غەيرى نوقتىسى ( Schwarzschild singularity) ۋە قارا ئۆڭكۇرنىڭ تارتىش كۇچى سەۋەبىدىن قورولىشى ( gravitational collapse)نى چۈشۈنۈشتە خاتالاشقان. 1946-يىلى: ماسسا-ئىنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنىنى ھىسابلاشتا يەتتىنجى قىتىم خاتالاشقان. تەرجىمە قىلغۇچى: زەررە
|