- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 62060
- نادىر
- 6
- يازما
- 2691
ئۆسۈش
0%
|
1.موشۇ قومۇل ئامىۋى قاتناش شېركىتى يېققىندىن بۇيان كونا بېكەت تاختىلىىرنى ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن ياسىغاننىڭياغى قاراپ باقسام يېڭى بىكەت تاختىلىرىدا ئۇيغۇرچە بىكەت نامىلىرىمۇ پەيدا بولۇپ قاپتۇ . خوش بولدۇق ، كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسى ئەمدى ئۇيغۇرچە بىكەت تاختىىسىنى قىينالماي ئوقۇپ ، كۆزلىگەن يەرلىرىگە خاتاسىز يىتىپ بارالايدىغان بولدى .
بۇنىڭ ئۇچۇن قومۇل ئامىۋى قاتناش شېركىتىگە رەھمىتىمىزنى بىلدۇرىمەن .
2. دۆلتىمىز قانۇن بىلەن باشقۇرۇلدىغان دۆلەت ، مانا تىل يېزىق قانۇنلىرىمىزمۇ بويۇن قىسپ قالماي ئىجرا بوپ تۇرسا كۆڭلىمىزنىڭ چوڭقۇر يەرلىرىدىن قايىل بولىمىز دىسلە.
3. بۇگۇن قوربان ھېيىتتا نەۋرە چەرۋىلەر بىر كىچىك ئاتاملارنىڭ ئۆيىگە يىغىلىپ گۇڭۇر مۇڭۇر پاراڭ سېلىشىپ تۇيۇقسىز 7-يولنىڭ گىپى چىقىپ قالدى ، 7-يولنىڭ تىزلىكىغۇ گەپ كەتمەيدۇ ،ئەمما 7- يولدا ياشانغان ئاجىز ، مىيىپ ، ھامىلدار ئاياللار ئۇچۇن مەخسۇس بەلگىلەنگەن ئورۇندۇق يوق ، قومۇلنىڭ يەرلىك ئادەملىرىنىڭ ساپاسى يوقۇرى بولغان بىلەن سىرتتىن كەلگەن ئاقما نوپۇسلار يا ياشانغانلارغا يا ئاجىز مىيىپلارغا ، يا قورسىقى چوڭلاپ قالغان ھامىلدار ئاياللارغا ئورۇن بوشۇتۇپ بىرەي دىمەي كالچاراپ ئولتۇرۇۋىردىكەن .ھەتتا ئۇلارغا سىلىپ قىلىپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ماۋۇ ياشانغان ئاجىزلارغا ، ھامىلدارلاغا ئورۇن بوشۇتۇپ بەرسەڭ بوپتىكەن دىسىمۇ گۆشۇيۇپ ئولتۇرۇۋىرىدىكەن .
4.يا مۇنداقلار ئۆزىنى بىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بەرمىگەن ، يا كىچىككىنە ئىش ئۇچۇن ياقا سىقىشقىلى بولمىغان . بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىر ياخشى چارىسى ئالدىدىكى ئككى ئۇچ ئورۇندۇققا مەخسۇس ياشانغان ئاجىز ئورۇق مىىيىپ ، ھامىلدارلا ئولتۇرۇدىغان ئورۇندۇق دەپ بىكىتىپ قويۇلسا ئۇ ھالدا ياخىشى بولاتتى ئەلۋەتتە .
5. شۇنداق ئەخلاق پەزىلەت ئادەمنى سىنايدۇ ، لېكىن ئەخلاق پەزىلەت بىلەن ئىش تاڭ ئاتمىغاندا مەخسۇس ئويلۇشۇپ تۇزۇم چىقىرىپ ئامىۋى ئاپتۇبۇستىكى ياشانغانلارغا ھەم ئاجىز مىيىپ ، ھامىلدارلارغا پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى يەتكۇزۇشمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم دەپ ئويلايمەن . |
|