قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
ئىگىسى: tayanqimbar

قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23337
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-9 19:54:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-2-9 22:30  

ئۇۋىدىكى ھەسرەت

قاسىم سىدىق



تۇيۇقسىزلا بۇ سۈرەتكە قاراپ،
چەكتىم ئەپغان،چەكتىم ئېزتىراپ.
ئەسلى بىزمۇ مانا مۇشۇنداق،
بىر ئوۋىنىڭ چۈجىسىكەنمىز،
سىرلارنى بىلدىم تارىختىن سوراپ.

توخۇمدىن تېخى چىقمىغان چاغدا،
شۇنچە قوۋناق،شۇنچە بەختىيار.
چىقتۇق قاچان،بۆسۈپ قەپەزنى،
رىقابەتنى قىلدۇق ئىختىيار.

لوقما تالىشىپ،
چۇقۇلاشتۇق تىنماي ئۇۋىدا،
ئاخىر بىزگە كەلدى ئۇۋا تار.
بىر قونداققا پاتمىدۇق يەنە،
كەڭ جاھاندىن ئىزدىدۇق شىكار.

يەنە قەپقالغان كونا پەيلىمىز،
ئوۋىداشلار بىر لوقما ئۈچۈن،
جاھانغىمۇ پاتماي قېلىشتۇق.
ئۆزىمىزدىن ئۆزگە دۈشمەن يوق،
كۆزىمىزنى ئويغانغا قانماي،
يۈرەكلەرنىمۇ سۇغۇرۇۋىلىشتۇق!.

قاچان قارغىشقا كەتكەن بولغىتى،
ئادەم بىلەن ھاۋانىڭ پۇشتى؟.
ھازىر تالاي ئوۋا بار تۇرۇپ،
بىر ئۇۋىدا يەنە سوقۇشتى!.

ئۇۋا تاشلاپ،ئۇۋا ياسايمىز،
ۋەيران قىلىمىز يېڭىسىنىمۇ.
تاكى مەلئۇنلار مەينەت قىلغاندەك،
نوھ پەيغەمبەر كېمىسىنىمۇ!

ئەڭ ئېغىر ئازاپ،
ئۆز يېغىدا قورۇلسا ئۆزى .
بولسا ئۆزى پالتىغا دەستە،
تاپسا ئاندىن ئۆزى شىكەستە،
پەرۋاسىز تاماشە قىلسا ئۆز كۆزى!

چىقمايدىغان گەپكەن ئەسلىدە،
تۇخۇم ئىچىدىن ھەرگىز تالاغا.
قاچان چىقتىم ئۇۋىغا،
قاچان چىقتىم قونداققا،
خەتەر پايلىدى،قالدىم بالاغا.

بەك ئېغىر ئازاپ،
مىنىڭ نادان ئۇۋىداشلىرىم،
ياكى ئۆز قولۇم،
ئوق چىقارسا ھەرئان ئۆزەمگە.
مەن ئۆلۆمنى سېغىندىم،
مىنى ئۆلتۆرمەك بولساڭ ئۇۋىداش،
قاتىل ياللا باشقا ئۇۋىدىن،
تىڭىرقىماي ئاتسۇن چېكەمگە!...

2015.2.9

ئەسكەرتىش:

سۈرەت “تۇخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ ياكى تۇخۇممۇ ؟ ”دىگەن بۇ تېمىدىن ئېلىندى.

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=26056


uyghuray

14

تېما

0

دوست

6161

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   23.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32140
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 1948
توردىكى ۋاقتى: 998
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-5
يوللىغان ۋاقتى 2015-2-10 06:36:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                  ئىناقلىق ياخشى


           شاھ مىجىت ھېمىت

         

            ئاتالمىغان مۆڭدىن (ئادەمدىن)،
           ئاتالغان دۆڭ ياخشى .
           ئاقمىغان شۇ كۆلدىن،
            جۈمەك سۈيى ياخشى .


          جىم تۇرغان تۇخۇمدىن ،
          ھايات چۈجە ياخشى .
          تۇخۇم ئىچى كامىر ،
          قاراڭغۇ نە ياخشى .



           ئىناقكەن شۇ ھەرە،
           ئادەملەردىن ياخشى .
           ھەرىلەر ئۈلگىمىز ،
           ئىتىپاقلىق ياخشى .



             ئەي جېنىم قېرىنداش،
             سىزبىلەن مەن ياخشى .
             باشقىلار تالاشسۇن ،
             قاسىم،مىجىتلا ياخشى .



            ئىككىمىزگە باھا ،
           مۇنبەردە ياخشى .
           ھەيران بوپتۇ ئەنە ،
           ئادەم ئىناقى ياخشى .

1

تېما

0

دوست

77

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34509
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 24
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-1 10:31:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

RE: قاسىم سىدىق شېئىرلىرى

قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ شىېرلىرىنى ياقتۇردۇم ئەمگىگىڭىزگە كۆپ رەخمەت!

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23337
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-2 18:09:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tayanqimbar يوللىغان ۋاقتى  2013-11-5 23:55
بەرق ئۇرسۇن ئامراقلىق


ئەسلى شېئىردىن1كوبلىت قىسقارتىلىۋىتىپتۇ ۋەبۇ شېئىردىكى بەزى مىسرالار تەھرىرلىنىۋىتىپتۇ.

قىسقارتىۋىتىلگەن كوبلىت:

بۆگۈن سىنىڭ ئۇرۇپ دولاڭغا،
مۇش ئاتقۇزار ئەپلەپ-سەپلەپ بالاڭغا،
ئەتە سىنى ئۇرغۇزۇدۇ بالاڭغا،
مەككارلارنىڭ مۇشۇ "ئەخلاق "ئىلپىتى!


تەھرىلىنىپ ئېلان قىلىنغان مىسرا:

نېمە غەم-ھە تۇرسا تۇقلۇق دۆلىتى.

ئەسلىسى:

نەسىپ بولۇر شاھ سۇلايمان دۆلىتى.

تەھرىرلەنگىنىدە بەدىئىلىگى ئاجىزلاپ كېتىپتۇ.


uyghuray

69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23337
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-1-23 12:58:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەبىئەت پەلسەپەسىگە ئائىت روبائىلىرىمدىن

قاسىم سىدىق


*

تەبىئەت ئەگرىنى قىلسا ئىختىيار،
ئۇنى تۈزلەيمەن دەپ زورۇقماڭ زىنھار.
خۇدا نۇرغا پەيۋەنىد قىلغان ئالەمنى،
بەندە تۈز قىلالماس،توۋلۇشۇپ شوئار!


*

ھەركەت ئۆزى ئەگرى،شۇڭا سەن،مەن بار،
شۇ سەۋەپ سەييارە،كۈللى ئالەم بار.
بالىلار ئوينىغان نۇرنىڭ ئۆزىدە،
پەقەت ئەگرى سىزىق سىزار قەلەم بار!

*

ھەر ھەرىپ تەكتىدە بار شۇنداق ھېكمەت،
قەلەم تۈزلا سىزسا بەرپا بولماس خەت!
“ئالەم”نى يازغاندا “خەتتات”نىڭ قولى،
تەۋرىمەي تۈز ماڭماس،كاللاڭنى ئىشلەت!

*
ساماۋى زەررىدىن پۈتكەن ھەر ۋۇجۇت،
مەيلى سەن مەيلى مەن ۋە مەيلى بىر بۇت.
شۇ زەررە ھەركىتى بولمىسا ئەگرى،
پۈتۈلمىش بىر جايدا بولامدۇ مەۋجۈت؟!

*
بىز تۈزلا ماڭساق تاراپ كېتىمىز،
چېكى يوق مەنزىلگە قاراپ كېتىمىز.
ئورتاق بىر مەركەزنى قىلساقلا دەۋرى،
تارىخ بەتلىرىدە پارلاپ كېتىمىز!

*
بىر تال يەككە ھەرىپ ئاڭلاتماس مەنا،
ئىككى ھەرىپ شېئىر پۈتەلمەس يانا.
مەنتىق مەركىزىدە تالاي ھەرىپنى،
چۈرىگەن قەلەمكەش سانىلور دانا.


*


شېئىر ھەم تەبىئەت بىر جان-بىر تەندۇر،
زىمىنلا ۋەتەنمۇ؟ ـ روھ ھەم ۋەتەندۇر!
ۋۇجۇدۇم زەررىلەر جەمگاھى مەخلۇق،
روھىم جەمگاھتىكى بەرقى گۈلشەندۇر.

*
كائىنات شېئىردۇر،شېئىرىم كائىنات،
جاھاننىڭ ھۆسنىدۇر بۇ بىرجۈپ، ھەيھات!
ئۇلار بىر-بىرسىنى قىلىشار كۆزگۆ،
شۇ تۈستە يېشىلەر سانسىز تىلسىمات.

*

“تۈز”دىگەن بۇ خەتمۇ ئەگرىدىن پۈتۆر،
چاقى ئايلانمىغان سەپەرسىز ئۆتۆر.
ئايلاندى دىمەكلىك ئېگىلدى دېمەك،
ئېگىلمەك ھەممىنى ئۇيۇل-جەم ئىتۆر!
*
نەۋرەمدىن تالىشىپ ئوينىغاندا نۇر،
سۈردۈم مەن ئۆمرۆمدە سۈرمىگەن ھۇزۇر.
كائىنات سىرىنى كۆردۆم ئۇنىڭدىن،
كاتتا تۇنلاردىنمۇ ئەقىل بەك پۇزۇر!


*

نۇر گەردىشىدە ئالەمنىڭ سىرى،
زەرىسى-دولقۇنى....بارچە تەسۋىرى.
بولمىسا ئۇنىڭدا شۇنچىلىك ھېكمەت،
نە قىلسۇن نۇر ئويناپ مەندەك بىر قېرى؟!
*
بىرئۆمۆرقوغلۇشۇپ بىر ئەزىلى ھەق،
نىسبېلىك ئىچىدىن تاپقىنىم مۇتلەق.
ماكان ھەم مۇتلەقتۇر،ماددا ھەم مۇتلەق،
سامادا يۇلتۇزلار شۇڭا مۇئەللەق!


*

يولتۇز بەربات بولسا زەررە بولغۇسى،
ماكان يۇلتۇزلارغا قەبرە بولغۇسى.
قەبرىدىن تۆرىلىپ كىيىنكى ئالەم،
بۇرۇنقى ئالەمگە نەۋرە بولغۇسى!

*

يۇلتۇزلار يوقۇلۇر،يوقالماس زەررە،
شۇ زەررە يۇلتۇزنى ياسار مىڭ مەررە.
ئىلاھى كىتاپنى ۋاراقلىساڭمۇ،
زەررە يوقالماس دەپ قىلار ئىشارە!

*

ئەزىلى بىر مەنتىق پەرمايىش قىلور،
بۇيرۇق شۇ-مەۋجۇدات نامايىش قىلور.
ئىگىسى بۇيرىغان ھالنى كۆرسەتسەم،
نادانلار بىلەلمەي،كۆپ كايىش قىلور!

*
ماكان ئەگرى دەرلەر بىر قانچە نادان،
ھەركەت ئاغار ئېمىش شۇ ماكان سايان.
ماكان تۇرسا چەكسىز شەكلى نە قىلسۇن؟،
شەكىل چەكلىك بولۇر مۇتلەق،بې گۇمان!

*
ساماۋى زەررىگە “ئېن”دەپ ئات قويدۇم،
“زامان”نى ئۆلتۆردۇم ياكى مات قويدۇم.
شەكلى بار مەخلۇقنىڭ پەيلىنى بىلدىم،
“يوقلۇق”تا ئۆزەمگە ئېھتىيات قويدۇم.

*

ساماۋى زەررىگە ئۆلۈم ئەسلا يات،
ئىلاھتەك باقى ئۇ،ئۇ بىر تىلسىمات.
خاقانى ئالەمنىڭ مۇتلەق مۆلكى ئۇ،
ئۇنىڭسىز قۇرۇلماس ھەيۋەت كائىنات.

*

ساماۋى زەررىلەر بۆلۈنمەس ئەبەت،
پەقەت شۇنىڭغىلا كەلمەس قىيامەت.
مەخلوقنىڭ قالغىنى ئەجەل ئىلكىدە،
ئىلاھا،ئىلكىڭدە جىمىكى ھېكمەت!

*

ئاي،يۇلتۇز، تىرىك جان،زاتلىق جىمىسى،
ساماۋى زەررىنىڭ جىلۋە -جۇلاسى.
قىل بىلەن باغلانغان گۇيا بۆيۈك پىل،
ئىلاھى قانۇننىڭ بۇ بىر نەماسى!

*
يۇلتۇزلۇق ئاسماننى ئىمارەت، دېسەك،
ساماۋى زەررىدۇر بېناكار كېسەك.
ساماۋى زەررىنىڭ بېناكارىنى،
كۆز بىلەن كۆرمەك يوق،ئۇ بەكمۇ يۆكسەك!


*
ساماۋى زەررىدۇر گۇيا بىر نۇقتا،
كۆرمىكىڭ مۈشكۈلدۇر زاتىنى ھەتتا.
ئىلاھى بۇيرۇققا پەرمانبەردار ئۇ،
شۇ سەۋەپ ھۆنىرى كاتتا،بەك كاتتا!


*
چەكسىز بۆلۈنگەنلەر چېچىلار چەكسىز،
بىر ۋۇجۇت جەم بولماس ئۇلاردىن شەكسىز.
ھەر مەخلۇق ساماۋى زەررە جەمگاھى،
زات چەكسىز بۆلۈنمەس،ئاڭلا، شەرەپسىز!

*
جەمگاھلار ھەرقاچان بېرەر شاھادەت،-
زات چەكسىز بۆلۈنمەس،ئەبەدىل ئەبەت.
ئەي ھەكىم،تىلىڭنى تارىتقىن كۇفرىدىن،
چەكسىزلىك ئىلاھقا تالىق بىر خىسلەت!

*
زات چەكسىز بۆلۈنمەس،بۇ كالامى ھەق،
ھەم چەكسىز بىرىكمەس،بۇمۇ ھەم مۇتلەق.
مەخلۇقلار ئىككى چەك ئىچرە دەۋرىدۇر،
ماكان پايانىدا سەرسان-مۇئەللەق.

*
بۆلۆنگەن ساماۋى زەررىدە توختار،
ئۇنىڭ نېرىسىغا ئەقىل قىلماس كار.
زات چەكسىز بۆلۆنەر،دىگەن ھەكىملەر،
ئەقلىدىن ئاداشقان يا چەككەن كۆكنار!

*
زات چەكسىز بۆلۆنسە يازالمايسەن خەت،
چەكسىز بىرىكسىمۇ كۆرۆنمەس ئەبەت.
بىز تۇرغان ۋە كۆرگەن رەڭگا-رەڭ ئالەم،
ھەر ئان چەكلىك مەن دەپ قىلار ئىشارەت!



69

تېما

37

دوست

8 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 9794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 23337
توردىكى ۋاقتى: 9046
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2016-2-4 19:06:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-1-23 12:58
تەبىئەت پەلسەپەسىگە ئائىت روبائىلىرىمدىن
قاسىم سىدىق
...

*

زات چەكسىز بۆلۈنسە قىيامەت بولماس،
چەكسىز بىرىكسە دۇزاق ھەم جەننەت بولماس.
چەكلىكلىك ئىلكىدە بۇ زاتەن ئالەم،
مەنتىقسىز تەلقىنلەر ئىبادەت بولماس!

*
تەپەككۈر دەشتىدە تىنماي يۈگۆردۆم،
بۇ زاتەن ئالەمنىڭ چىكىنى كۆردۆم.
تەپەككۈر ئۆزىمۇ چەكلىك بىرنەرسە،
شۆبھى ھاۋاسىدىن ھەم كۆپ سۆمۆردۆم.

*

زەررىلەر جەمگاھى جىمى مەۋجۇدات،
قىيامەت غېمىدىن بولالماس ئازات.
ھەردەم ئۆلۆر ئۇلار ھەردەم تۇغۇلۇر،
ئىككى چەك ئىچىدە دەۋرى كائىنات.

*

ئۆلۈم بەدىلىگە ھاياتتۇر ھەرتەن،
بۆگۆنۆڭ ئۆلمىسە،ئەتەڭ يوق جەزمەن.
ھەرنەپەس كۆز يۇمۇر تالاي ھۆجەيرەڭ،
قەبرىدۇر ھاياتلىق دەرگاھى بەدەن.

*

بىر تالاي ھۆجەيرەم ئۆلمەكتە شۇ تاپ،

تالىيى تۆرۆلۆپ كۆلمەكتە شۇ تاپ،
بۇ بەدەن ،قەبرىدۇرھەمدە تۇخۇمدان،
بىر يۈزى قاراڭغۇ،بىر يۈزى ئاپتاپ.
*
ئىلاھى قانۇندۇر دەۋرىلىك ھامان،
ئۇنىڭ پەنجىسىدە بۇ كەۋكەبىستان.
شۇ قانۇن تۈپەيلى پەسىللەر مەۋجۈت،
تۇمور سوقۇشىدا بۇ قانۇن ئايان.

*
ئالەم دەۋرى ئىكەن-يولى بولماس تۈز،
ھەر قاچان ئەگرىدۇر ئۇ قالدۇرغان ئىز.
ساماۋى زەررىلەر ماڭسا ئەگەر تۈز ،
مەۋجۈت بولارمىدۇق سىنىڭ بىلەن بىز؟!
*
ۋۇجۇتتا زەررىلەر ماڭغاچقا ئەگرى،
بۇ رەڭدار كائىنات پانى ۋە دەۋرى.
ئەگرىلىك تۈپەيلى دەۋرىلىك مۇتلەق،
شۇ سەۋەپ يۇمۇلاق يۇلتۇزلار چېھرى.



ئۇبۇلھەسەن

12

تېما

13

دوست

6484

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.68%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12176
يازما سانى: 587
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 341
تۆھپە : 1726
توردىكى ۋاقتى: 333
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-9
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-10 15:38:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
rastqi يوللىغان ۋاقتى  2013-10-19 14:36
‹‹سىنىڭ ئالقىنىڭ خىزىر ئالقىنى››
،دىگەن  شىئىرنى بەك  ...

مەنمۇ شۇ ھەقىقەتەن تەسىرلىك ..... چىقىپتۇ

2

تېما

4

دوست

4352

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   78.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1396
توردىكى ۋاقتى: 254
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-2
يوللىغان ۋاقتى 2016-3-11 00:29:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-2-4 19:06
*
زات چەكسىز بۆلۈنسە قىيامەت بولماس،چەكسىز بىرىكسە دۇ ...

يېزىڭ ئاكا يېزىڭ ، قوللىرىڭىز تالمىسۇن
  ئىجادىيەت يولىدا ، سىزگە بوران چىقمىسۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )