- تىزىملاتقان
- 2012-3-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2584
- نادىر
- 0
- يازما
- 114
ئۆسۈش
  19.47%
|

يىقىندىن بىرى كەنت كادىرلىرى يىغىن ئېچىپ ھەربىر ئائىلە100 كودىراتمىتىردىن ئۆي سېلىش ۋەزىپىسىنى چۈشۈردى.بىز بۇ خىل تۈردىكى ئۆيدىن نەچچە يىل ئىلگىرى ئىككى ئائىلىلىك سېلىپ بولغان .بۇنى دەپ دەسمايىدىن ئايرىلىپ ئون نەچچە مىڭ يۇەن قەرىز بولغان ئىدۇق.بۇ قەرىزنى دەپ ماكاننى تاشلاپ بىر نەچچە يىل خۇمداندا ئىشلەپ يۈرۈپ بۇ قەرىزدىن قۇتۇلغان ئىدۇق.ئەمدى بىر دەسمى سېلىپ يەر تېرىپ مال بېقىپ ئائىلە ئىگىلىكىمىزنى قايتا تىكلەيلى دەپ تۇرساق يەنە بۇ ئىش چىقتى .
ئىنىم سىرتتا ئىشلەيدىغان بولغاچقا يەنە بىر ئائىلىلىك ئويمۇ بىكار تۇرىدۇ.ئەمما كادىرلار ھەربىرئائىلىلىك بىر يۈرۈشتىن سالىسىلەر دەپ ئىككى ئائىلىگە 12000دىن24000يۈەن تەييارلاشنى بۇيرىدى.پۇل بولمىسا بانكىدىن قەرىز ئېلىپ بىرىدىكەن.بالام ئالتە ياشتا ئەر ئايال ئۈچ نۇپۇس. ئۆي سېلىشقا ئەسلا ئىھتىياجىمىزيوق ئىدى. ئەمما سالمىساق قەتئى بولماسمىش.باش قاتتى .قانۇندا ئۆي سالماسلىق ھۇقۇقىمىز بار مىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەگەر تورداشلار نىڭ بۇ توغرىسىدا قانۇن نىزاملارنى بىلسە تەپسىلىرەك دەپ بىرىشىنى ۋە بۇ باش قىتىنچىلىقىدىن قانۇن يۇلى بىلەن قۇتۇلىشىمغا ياردەم بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. |
|