- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2533
- نادىر
- 0
- يازما
- 212
ئۆسۈش
  17.77%
|
مەنمۇ قۇشۇمچە بىر خەۋەر يوللاپ قوياي
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى فورت ناملىق ئاۋياماتكىسى شۇ يەر ۋاقتى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئالىنگتوندىكى Huntington Ingalls سانائەت شىركىتىگە تەۋە Newport News كېمە زاۋۇتىدا رەسمىي سۇغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، سۇغا چۈشۈرۈش مۇراسىمىغا يەنە ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جىللارد فورتنىڭ قىزى سۇسان فورتمۇ تەكلىپ قىلىنغان.
فورت ناملىق ئاۋياماتكا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ يېڭى بىر تىپتىكى فورت ئالاھىدە دەرىجىلىك يادرو كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاۋياماتكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئېلېكترو ماگىنىتلىق ئېتىش ئەسلىھەسى سەپلەنگەن. بۇ ئاۋياماتكىغا كۆپ خىل يۇقىرى تېخنىكا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېڭى يۇقىرى قۇۋۋەتلىك بىر گەۋدىلەشكەن يادرو قازىنى زونىلىق ئېلېكتىر كۈچىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى، لازىر نۇرلۇق قوغدىنىش سېستىمىسى، شۇنداقلا ئاۋياماتكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى يۇيۇۋېتىش تېخنىكىسى قاتارلىق تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن، شۇنداقلا F-35 بەلگىلىك جە ئايروپىلانىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ، نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئاۋياماتكا ھېسابلىنىدۇ.
فورت ناملىق ئاۋياماتكا يېڭى بىر ئەۋلاد ئاۋياماتكا تېخنىكا ئۆلچىمىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋياماتكىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاۋياماتكىسىنىڭ ئارىسىدا چوڭ پەرق بار، ئېھتىمال 30 يىل ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزۇن بولۇشى مۇمكىن
|
|