بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-11 11:53
ئالەم بوشلۇقىدا لەيلەپ يۈرگەن پلانېت بايقالدى
تاشپولات روزى
پلانېت دىسە ئادەتتە ئۇ يۇلتۇزنى ئايلىنىدۇ دىگەندەك چۇشەنچە بىرىدۇ. بىراق بۇ قېتىم تېپىلغان پلانېت يۇلتۇزنى ئايلانماستىن ئالەم بوشلۇقىدا يېگانە لەيلەپ يۈرگەن. بۇ تېپىلغان زور گازلىق پلانېتىنىڭ ئىسمى PSO J318.5-22 بولۇپ يەر شارىدىن 80 نۇر يىل يىراقلىققا توغرا كېلىدىغان قۇياش سىستېمىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەن. ئۇنۇڭ ماسسىسى يۇپىتېر (Jupiter) نىڭ 6 ھەسسىسىچىلىك بولۇپ ھازىرغىچە بايقالغان ئەركىن لەيلەپ يۈرىدىغان جىسىملار ئىچىدە ئەڭ كىچىك ماسسىغا ئىگە ئىكەن. بۇ پلانېت 12 مىليون يىل ئىلگىرى شەكىللەنگەن ياش پلانېت بولىدىكەن. ھازىرغا كەلگۈچە بۇنداق ئەركىن لەيلەپ يۈرگەن پلانېتىلارنىڭ بارلىقى دوكلات قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇنۇڭ پلانېت ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىغان ئىكەن. بۇ قېتىم بۇ جىسىمنىڭ پلانېت ئىكەنلىكى جەزمەنلەشتۈرىلدى.
ئاسترونومىيە ئالىملىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ پلانېتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، يۇپىتېرغا ئوخشاش زور گازلىق پلانېتىلارنىڭ دەسلەپ شەكىللەنگەندىن كېيىنكى ئۇنۇڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى بىلىشتە ئاجايىپ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشى مۇمكىن دېدى.
تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ.
http://www.nbcnews.com/science/astronomers-say-theyve-spotted-lonesome-planet-without-sun-8C11366309
|