- تىزىملاتقان
- 2012-10-9
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4104
- نادىر
- 0
- يازما
- 469
ئۆسۈش
  70.13%
|
نەبىجان ئاكا ! نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلار سىزنىڭ كۆزىمىزگە يەتكەن ئەسەرلىرىڭىزنى سۆيۈپ ئوقۇپ سىزدىن ئاجايىپ ئىپتىخارلانغان، شور پىشانە، پاجىئەلىك تارىخمىزدىن، تەقدىرىمىزدىن ئاجايىپ چوڭقۇر ئازابلىق ھېسلار بىلەن كۆزلىرىمىزنى نەملەشكەن ئىدۇق!سىزلەرگە، سىزلەر كەبى ئىلىم چولپانلىرىمىزغا تېخىمۇ زور ئۇتۇق، سەبىر، ئۇزۇن ئۆمۈر، مىللىتىمىز ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چەكسىز پۇرسەتلەر تىلەشكەن ئىدۇق!
شۇ تاپتا تولىمۇ كېچىكىپ خەۋەر تاپقان تالانتلىق، ئىقتىدارلىق يەنە بىر ئىلىم چولپانىمىز---رەھمەتلىك ئىنىڭىز ئابدۇرېھىم تۇرسۇننىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن ، بىزگە سىلەردەك ئىككى ئالىمنى تۇغۇپ بەرگەن ئانىمىزنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك كىشىلىرىمىزنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر دەپ يۈرىكى سوقۇۋاتقان ، لېكىن مىللىتى ئۈچۈن تېخمۇ زور تۆھپە قوشۇش ، ئىش قىلىش پۇرسىتىگە مۇۋەپپەق بولالمايۋاتقان سەرخىل كىشىلىرىمىز ئۈچۈن ...قاتتىق قايغۇرۇپ، كۆز ياشلىرىمىنى سۈرتۈپ ئولتۇرۇپ بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتىمەن...
سەبىر قىلايلى ! ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ھەم ھىممىتى چەكسىز ھەم ئۇلۇغدۇر ! ئاللاھنىڭ ئۇنى بالدۇر ئېلىپ كېتىشىدىمۇ بەلكىم بىر ھېكمەت باردۇر؟!
رەھمەتلىكنى ، سىلەرنى دائىم ئەسلەيمىز، سېغىنىمىز! |
|