1836 -يىلى ماركىس بون ئۇنىۋېرسىتېدىن يۇرتىغا قايتىپ كىلىپ بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان مەرتىۋلىك ئائىلىنىڭ قىزى ژېننى گە كۆڭلىنى ئزھار قىلدى، ژېننى تالاي ئوفىتسېر ،بەگزادىلەر ئچىدىن نامرات ماركىسنى تاللىدى.توي قىلىشقا ژېننىلارنىڭ قوروسىدا مەخپى پۈتۈشتى،ژېننىنىڭ ئاتا-ئانىسى ماركىسنىڭ ئالى جاناپ پەزىلىتى ۋە يۇكسەك تالانتىغا ھۆرمەت قىلسىمۇ بىرا تەبىقە كۆزقارشى سەۋەپلىك تويغا قۇشۇلمىقى تەس ئىدى،شۇڭا ئۇلار بۇنى مەخپى تۇتتى،بىراق ماركىس تېرىر شەھردىن ئايرىلىش ئالدىدا دادىسى بۇ ئىشنى بىلىپ قالدى .ئۇ ئوغلىنىڭ شۇنداق ئىسىل قىز بىلەن تېپىشقانلىقىدىن سۈيۈندى يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلە پەرقى سەۋەپلىك غەم قىلىپمۇ قالدى.ئۇ ئوغلىنى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دىدى -ژېننى مۇشۇ يېشىدىلا ساڭا ئۈزىنى بېغىشلىدى .بۇنى ئادەتتىكى قىزلار ھەرگىز قىلالمايدۇ ،ئارغا ئادەم قىستۇرۇلغان تەقدىردىمۇ ئۇنى سەندىن ھەرگىز تارتىۋالالمايدۇ،سەن قۇرۇق شېئرى مىسرالار بىلەن ئەمەس بەلكى نەمۇنىلىك پەزىلەت ،باتۇرلۇق،قەتئيلىك ،شانلىق نەتىجىلەر ئارقىلىقلا بۇ ساھىپجامال ئەقىللىق جانانىڭنىڭ خىلى بۇلالايسەن.گەرچە ھازىر تېخى ياش بولساڭمۇ ،كىشلەرنى ئاللىقاچان ئەل-جامائەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن شۇنداقلا كىشلەرنى ناھايىتى تىز قايىل قىلالايدىغان ئادەم ئكەنلىكىڭگە ئىشەندۈرشۈڭ كېرەك.
ماركىس دادىسىنىڭ نەسھىتىگە كۈنۈپ ئۇ ئۆزى ساقلاۋاتقان شېئرۋەھېكايىلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ ئەڭ زور قىزغىنلىق بىلەن ئۆگنىشكە كىرىشىپ،ئادەتتىن تاشقىرى تالانتىنى نامايان قىلىپ ئاخىرى بېرلىن ئۇنۋېرستېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى.
1843 -يىلى6-ئايدا ماركىستىن ئىبارەت قۇرۇق قول دوكتۇر تېررىر شەھىردىكى باي ئائىلنىڭ گۈزەل قىزى ژېننىنى خۇتۇنلۇققا ئالدى.
1835 -يىلى ماركىس ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بون ئۇنۋېرستېتىداقانۇنشۇناسلىق كەسپىدە ئۇقۇدى ،كىيىنكى يىلى بېرلىن ئۇنۋېرستېتىغا يۆتكىلىپ داۋاملىق شۇ كەسىپتە ئۇقۇدى،ئۇنۋېرستېتىتا ماركىس نۇرغۇن كىتاپلارنى ئۇقۇپ ،قانۇنشۇناسلىق،پەلسەپە،تارىخ،سەنئەت،،ئەدەبىياتقاتارلىق ساھەلەرگەدائىر بىلىملەرنى پۇختا ئىگەللىدى.1838 -يىلى دادسى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى .ماركىس قاتتىق قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە دادسنى دەپنە قىلغاندىن كىيىن دەرھال مەكتىپىگە قايتىپ ئۇقۇشىنى داۋاملاشتۇردى.يېشىنىڭ چوڭيىشىغا ئۇنىڭ بىلىمگە بولغان تەشنالىقى تېخىمۇ ئاشتى،ماركىس بىلىم دېڭىزدا توختىماي ئۈزەتتى ،كىتاپ ئۇقۇشقا كىرشىپ كەتسە،نە تاماق، نە ،ئۇيقۇ،نە ئارام ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى ،بىر ئۇقۇغانچە كېچە-كېچىلەپ ئۇقۇيتتى.ئۇنىڭ جاپالىق ئىزدىنىشلىرى ئۆزمىۋىسىنى كۆرسەتتى .
1841 -يىلى ماركىس بېرلىن ئۇنۋېرستېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈردى.ئۇزۇن ئۆتمەي بونغا كىلىپ <رېيىن گېزىتى>نىڭ ئاساسلىق ماقالە يازغۇچىسىغا تەكلىپ قىلىندى .كىيىن باش مۇھەرىر بولدى .ئەمما ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى،<رېيىن گېزىتى>نىڭ رادىكال دىمو كىراتىك مەيدانى ناھايىتى تىزلا ئەكسىيەتچىل ھۈكۈمەتنىڭ تەقىپ قىلشىغا ئۇچراپ گېزىتخانا تاقالدى،ماركىس كەسپىدىن ۋە كىرىم مەنبەسىدىن ئايرىلىپ قالدى.
1843-يىلى10 -ئايدا <گىرمانىيە -فىرانسىيەيىلنامىسى>نى نەشىر قىلدۇرغۇچى لوكنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئايالىنى بىرگە ئېلىپ پارىژ شەھرىگە كىلىپ ئولتۇراقلاشتى.ماركىس شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان سەرسانلىق -سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى باشلىدى.
بۈيۈك بېرتانىيە مۇزىي كۈتۈپىخانىسىدا ماركىسنىڭ <ئاياق ئىزى >پەيدا بولغان ئەسلىدە ماركىس كىتاپ كۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا ئۈزىمۇ سەزمەستىن پۇتىنى يەرگە سۈركەيدىكەن شۇنداق قىلىپ مەزمۇت سىمونىت يەرنىڭمۇ قېتى ئۇپراپ چىقىپ كەتكەن.مانا شۇتەرىقىدە ماركىس بۈيۈك بىرتانىيە كۈتۈپخانىسىدا ئىقتىسادشۇناسلىق،مەدەنيەت تارىخى،تېخنىكاتارىخى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرگە دائىر1500 خىلدىن ئارتۇق ئىلمى ئەسەرنى كۈرۈپ چىقىش بىلەن بىرگە نۇرغۇن خاتىرلەرنى يازغان.بۇھەقتە بىر ئالىم مۇنداق يازىدۇ؛ ئۇنىڭ كىتاپ ئۇقۇپ يازغان تەرمىللىرى 50 كەيېقىن خاتىرە دەپتەرگە توشقان30 مىڭ بەتتىن ئاشىدۇ.
1878-يىلى ماركىسنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى جىگەر راكى بۇلۇپ قالدى ماركىس بۇنىڭدىن قاتتىق ئازاپلاندى.
1843 -يىلدىن 1883-يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ماركىس ئۆمۈر بۇيى پۈتۈن زېھنى كۈچىنى كوممۇنىزىم نەزىريىسگە سەرىپ قىلدى.ئۇجاپالىق خىزمەت قىلىپ قانچە توملۇق بۈيۈك ئەسەرلەرنى يىزىپ ئىنسانىيەتكە قىممەتلىك مول مەنىۋى بايلىقلارنى ئاتا قىلدى.
ئادەتتىكى كىشلەرنىڭ نەزىردە ماركىس بىر ئەخمەق دوكتۇر ئىدى ئانىسى ئۇنى ئاجايىپ تالانتىنى زايا قىلۋەتتى
ئۇ كاپىتالغا ئائىت كىتاپ يازىمەن دىگۈچە ئۈزى بىر ئاز كاپىتالغا ئىگە بۇلۇشنىڭ يۇلىنى قىلغان بولسا تولىمۇ ئاقىلانىلىك بۇلاتتى دىگەن.
ماركىسنىڭ ھاياتى نامراتلىق ئچىدە ئۆتتى،ماركىسنىڭ بىر ئۆمۈر مۇقىم كەسپى ،مۇقىم كىرمى بولمىغان،ئۇنىڭ بىردىنبىر كىرمى گېزىت ژۇرناللارغا ماقالە -ئەسەر ئەۋەتىپ ئالغان قەلەم ھەققى ئىدى .ماركىس ئائىلسى دائىم رەنىخانىغا تاينىپ قەرىز ئېلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى .ئايالىنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ،ھەتتا پەلتۇسىمۇ رەنىگە قۇيۇلغان ئىدى.قەرىز ئىگىللىرى توختىماستىن ئۆيگە كىلىپ قەرىز سۈيلەيىتتى.ماركىسنىڭ ئايالى ژېننى مىھمانخانا ئۆيدە كۈزىگە ياش ئالغان ھالدا ماركىس پۇل سوراپ چىقىپ كەتكەنچە تېخى قايتىپ كەلمىدى دەيىتتى.بۇۋاقىتتا ماركىس 2 -قەۋەتتىكى كۈتۈپخانىدا كىتاپلار دۆۋسى ئىچىدە <كاپتال>يېزىش بىلەن بەنىت ئىدى.
ماركىس كاپتالنى يىزىشقا نەق40 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلدى .
-ئەگەر ئۇلۇغۋار نىشانغا بولغان ئىشەنىچ بولمىغاندا40 يىل ئۇياقتا تۇرسۇن 4ئايمۇ بەرداشلىق بىرىش تەس.
ماركىس ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا<مەن ئۈزۈمنىڭ بارلىق مال-مۈلكۈمنى ئىنقىلابى كۈرەشكە بېغىشلىدىم بۇنىڭ ئۈچۈن قىلچىمۇ ئۈكۈنمەيمەن،ئەكىسچە ئەگەر مەن ھايات مۇساپەمنى قايتا باشلىيالىغان بولسام يەنە شۇنداق قىلغان بۇلاتتىم> دىگەن.