- تىزىملاتقان
- 2012-3-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3390
- نادىر
- 0
- يازما
- 103
ئۆسۈش
  46.33%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alim516 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-26 11:53
بۇ سىستېمىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىلا ئۇيغۇر تىلىنى يىلتىزدىن قوللايدىغانلىقىنى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلىرىمىز بىلمەيدۇ.تولۇق تىل بولىقى بىلەن سېستېما ئۆزىنىڭ كىرگۈزگۈچىلا كام ،نۇرغۇنلىرىمىز يانفونغا ئۇيغۇرچىنى تونېتىپ بولالماي ،خەتلەر تولۇق كۆرۈنمەي قېيلىنىپ يۈرىدۇ ،ئەمەلىيەتتە مانا مۇنداق سىستېما بۇ ،رەسىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭلار .
كۆيگەن يامان ئەمەس كۆنگەن دەپتىكەن ،كىشىلەر ئاندرويد سېستىمىسىغا كۆنۈپ كەتتى ،لىكىن ئۆتكەن يىلدىن بېرى Windows Phoneسېستىمىلىق يانفونلارنىڭ سېتىلىش مىختارى پەسىلدىن پەسىلگە ئۆسۈپ مېڭىۋاتىدۇ ،بۇ سېستىمىنىڭ ئارتۇقچىلىقى بارا بارا كۆزگە كۆرۈنىۋاتىدۇ.سېستىمىنىڭ مۇقۇملىقى،ئەپلەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىگى،ھەرخىل تىللارغا بولغان قوللىشى،كومپىيۇتىر بىلەن بولغان باغلىنىشچانلىقى قاتارلىقلار بۇنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىنىڭ زورلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ھازىر 51خىل تىلنىڭ تىل بولىقى بار،300خىلدىن ئارتۇق رايۈن شەكلى ۋە تور كۆرگۈچ تىلى،بارلىق دۆلەت رايۇنىنى تاللىغىلى بولىدۇ.
،تېلفون دەپتىرىگە ئوخشاش تىزىملىك بار يەرلەرنىڭ ھەممىنى ئۇيغۇرچە ھەرىپ تېزىملىكى بىلەن تىزغىلى بولىدۇ.مەنچە بولسا پىكىر بېرىش بىلەن بىرگەن ئۆزىمىزمۇ كىيىنكى قېتىم يانفون ئالغاندا كۆنۈپ قالغان ئاندرويدتىن مىھرىمىزنى ئۈزۈپ،كۆيمەكچى بولغان Windows Phone يانفونلارنى تاللايلى،مەن ئاندرويدنى 6ئاي ئىشلىتىپلا بولدى ئەمدى بۇ سېستېمىنى تۇتمايمەن دەپ Windows Phoneيانفونلىرىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن،رايۇن شەكلىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەڭشەپ قويۇقلۇق،خېلى يەرلەردە ئۇيغۇرچە كۆرۈنىدۇ.خۇددى كومپىيۇتىرغا ئوخشاش خالىغان تىل مۇھىتىدا خالىغان يەرگە خالىغان تىلدا خەت يازغىلى بولىدۇ .
|
|