- تىزىملاتقان
- 2013-9-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2004
- نادىر
- 0
- يازما
- 91
ئۆسۈش
  0.13%
|
بۇ يىل 7- ئايدا، قىسقامۇددەتلىك كۇرسقا قاتنىشىش سەۋەبلىك، ئۈرۈمچىدە 20كۈن تۇرۇپ قالدىم. ئارىدا بىر كۈنى يۇرتتىن بىللە بارغان ياتاقدىشىم بىلەن مەرھۇم ئەدىبلىرىمىزنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلىش ئىستىكى تۇغۇلۇپ، «گۈلساي» قەبرىستانلىقىغا بارماقچى بولدۇق. ئەمما بۇ قەبرىستانلىقنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى بىزگە نامەلۇم ئىدى. شۇنىڭ بىلەن «ئىتتىپاق گۈللۈكى» ئەتراپىدا تۇرۇپ، يولدىن ئۆتكەن زىيالى چىراي كۆرۈنگەن مويسىپىتلاردىن، ئوتتۇرا ياش كىشىلەردىن، ھەتتا ئوقۇغۇچى بالىلاردىن سوراشتۇردۇق(پەمىمچە 60-50ئادەم چىقار). بىز يول سورىغان ھەممەيلەن «بىلمەيدىكەنمىز» دىيىش بىلەن بىرگە، بىرىنچى بولۇپ بىزدىن ياندۇرۇپ سورىغان سوئالى: «ئۇ يەردە نىمە ئىشىڭلار بار؟» دېگەن بولدى. بىز «ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۇكۇر موھەممەتئىمىن، زوردۇن سابىرلارنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كىلەيلى دېگەن ئىدۇق» دېسەك، كۆپىنچىسى «نىمە ئادەملەر ئۇلار؟» دەپ ياندۇرۇپ سوراشتى. ھەتتاكى تۇرقىدىن بىرەر ئىدارىدە ئىشلەيدىغانلىقى «مانا مەن» دەپ چىقىپ تۇرىدىغان 45 ياشلار چامىسىدىكى خۇشچىراي بىر كىشى «ئۇرۇق- تۇغقانلىرىڭلارمىدى؟ نەزىرىگە كېلەممەي قاپسىلەر- ھە؟» دەپ بولۇپ، ئۇرۇق- تۇغقاندارچىلىق، ئۆلۈم- يېتىم توغرىسىدا بىر تالاي ۋەز ئېيتىۋېتىپ كېتىپ قالدى. . .
ھىچكىمدىن جاۋاب ئالامماي، ئايلىنىپ ئۆتۈپ كونسۇل كوچىسى تەرەپتىكى كىتابخانىغا كىرىپ، پىرىكازچىكتىن سورىدۇق. پىرىكازچىك قىز بىردەم تۇرۇپ كېتىپ، خوڭيەنچى 2- ئىلىكتىر ئىستانسى تەرەپتە بىر قەبرىستانلىق بارلىقىنى، شۇ يەرگە بېرىپ بېقىشىمىزنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ لىنىيەنىڭ ئاپتۇبۇسى ئۆتىدىغان بىكەتنى تېپىپ، ئاخىرقى بىكەتكە باردۇق. بىر شىغىللىقتا ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپ، شۇ يەردىكى بىر باققالدىن سورىدۇق. باققال ئالدىمىزغا قاراپ داۋاملىق ماڭساق قەبرىستانلىق بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. تەخمىنەن بىر كىلومىتىردەك پىيادە مېڭىپ، سانجاق- سانجاق قەبرىلەر بار سايغا چىقتۇق. قارىساق، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگانلارنىڭ قەبرىلىرى بەك كۆپ ئىكەن. غەرب تەرەپكە قارىساق، بىر چوڭ گۈمبەز كۆرۈنىۋىدى، «ھەقىچان قەبرىستانلىق مەركىزى ئاشۇ شۇ، شۇ يەرگە بېرىپ سوراپ باقايلى» دەپ شۇ يەرگە باردۇق. . .
شۇنداق قىلىپ، ئەتىگەن جابدۇغان ئادەم پىشىندىن ئۆتكەندە قەبرىستانلىقنى تېپىپ، شۇيەردىكى بىر مويسىپىتتىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈرنىڭ قەبرىسىنى سورىساق، شۇ كىشى باشلاپ ئاپىرىپ قويدى. ئاندىن باشقا ئەدىبلەرنى سورىساق، بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىزدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىز قەبرىمۇ- قەبرە قاراپ يۈرۈپ، قەييۇم تۇردى، زوردۇن سابىر، تۇردى سامساق، شۈكۈر يالقىن، تۇرغۇن ئالماس... قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ قەبرىلىرىنى تاپالىدۇق. شۇنچە چوڭ قەبرىستانلىقنى پىيادە ئايلىنىپ، بىرەر قەبرىنى تاپماق ئاسان ئەمەسكەن. ئاخىرى ھېرىپ ھالىمىزدىن كېتىپ، ئابدۇشۇكۇر موھەممەتئىمىننىڭ قەبرىسنى تاپالماي قايتىپ كەلدۇق.
مېنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرغىنى، شۇنچە ئادەملەردىن ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، ئابدۇشۇكۇر موھەممەتئىمىن، زوردۇن سابىرلارنىڭ كىملىكىنى بىلىدىغان بىرەرىنىڭمۇ چىقمىغانلىقى بولدى. بىز سەھرالىقلار چېغىمىزدا ئالىم- ئەدىبلىرىمىزدىن 10-20 سىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى يادقا بىلىمىز- يۇ، سەھرانىڭ زىيالىيلىرىدىنمۇ ئىلمىي، مەدەنىيەتلىك ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ نىمە غەم- ئەندىشىلىرى ئۇلارنىڭ ئالىم- ئەدەدىبلىرىمىزنى تونۇشى، بىلىشىگە توسالغۇ بولۇۋاتقاندۇ؟... |
|