urkesh يوللىغان ۋاقتى 2013-10-7 13:58 
مەقسەتنى قوشاققا قېتىپ بايان قىلسا گىرانت كاللىلاردى ...
چاقچاق قىلايلىمۇ؟:
ئوڭ قەدەمنى ئۇزۇن ئالغىن ،سول قەدەمنى قىسقا ئال،
نەق يىگىرمە قەدەم تاشلاپ،سەن ئىزىڭغا نەزەر سال.
بۇ ئىزلىرىڭ ئېغىپ كېتەر قىسقا قەدەم تەرەپكە،
زېھنىڭنى يىغ،يىتەلەيسەن بۇنىڭدىكى سەۋەپكە.
ئەقىل ئىزدەپ كېتىۋەرمەي ئەجەم بىلەن ئەرەپكە،
بېشىڭدىكى«ئۇماچ»لارنى نائىل قىلغىن شەرەپكە.
لاتا بىلەن توسىۋالغىن چامدىغاندا كۇزۇڭنى،
شەيتان قۇتراپ ۋۇجۇدىڭدا رەسۋا قىلما ئۇزۇڭنى.
شۇنداق قەدەم تاشلاپ ماڭساڭ،ئىزىڭدىن بىر ياي چىقۇر،
شۇنى بىلمەي«مىڭەم»دىسەڭ،مىڭە ئەمەس لاي چىقۇر!. |