- تىزىملاتقان
- 2013-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2150
- نادىر
- 0
- يازما
- 132
ئۆسۈش
  5%
|
قېرىنداشلار مەيلى ماختايلى، مەيلى تەنقىد قىلايلى، يۇرتۋازلىقتىن يېراق، بىتەرەپلىملىكتىن خالىي بولسۇن، ئومۇمىي مىللەتنىڭ تەقدىرى، ئىستىقبالى، شۇ كىشىنىڭ كەلگۈسىمىزگە كۆرسەتكەن ئىجابىىي، سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە ئىلمىي پاراڭلىشايلى، غەيۋەت، شىكايەت شەكلىدە ئەمەس، مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە بۇندىن كېيىنكىلەرگە سەگىتىش رولىنى ئوينايدىغان ئىنكاسلار بولسا دېمەكچىمەن...
توغرا، بۇ ئادەم نۇرغۇن ئادەملەرنى كۈلدۈرۈپ كەتتى، بىر ئۆمۈر كۈلدۈرۈپمۇ ئۆتتى، نەتىجىدىچۇ؟
قانداق قىلىشتىن قەتئىينەزەر كۈلدۈرسىلا مىللىتىمىزگە خىزمەت قىلغان ھېساپلىنامدۇ؟
بەزىلەر قەھرىمان دەپسىلەر، قەھرىمان دېگەن سۆزنى كىملەرگە ئىشلەتكۈلۈك؟
بەزى ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچەئىنساندا 360 خىل تەبىئىي ئېھتىياج بار ئىكەن، تەبىئىي ئېھتىياج دېگەن گەپ چوقۇم قاندۇرۇلۇشى كېرەك، قاندۇرۇلمىسا ئىنساننىڭ ھاياتى مۇۋازىنىتىگە تەسىر يېتىدىغان ئېھتىياج دېمەكچى، كۈلكە شۇ ئېھتىياجلار ئىچىدىكى بىرسىلا خالاس، ئەلۋەتتە بىر ئادەم بۇ 360 نىڭ ھەممىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىيەلمەيدۇ، ئەمما قانداق ۋاقتتا كۈلدۈرۈش، قانداق ۋاقىتتا يىغلىتىش، قانداق ۋاقىتتا يۈگۈرتۈش، قانداق ۋاقىتتا ئۇخلىتىشمۇ شۇ دەۋردىكى مىللەتكە خىزمەت قىلىۋاتقان، قىلماقچى بولۇۋاتقانلاردىكى ساپاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە... شۇڭا، بىر ئادەمنىڭ تالانتلىق بولۇشى باشقا گەپ، تالانتىنى نېمىگە، قانداق، مەيداندا، قايسى شارائىتتا، قايسى خىل ئۇسۇل بىلەن ئىپادىلىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلە...
بىز بۇ تىمىنى سوغۇققانلىق بىلەن، يۇرتۋازلىق، تەرەپپازلىقتىن خالىي ھالدا ۋىجدانلىق بىر ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر سۈپىتىدە مۇنازىرە قىلايلى... |
|