- تىزىملاتقان
- 2012-8-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-18
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2976
- نادىر
- 0
- يازما
- 268
ئۆسۈش
32.53%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا xarwaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-5 17:54
بالىلارغا يالغانچىلىقنى قانداق ئۈگىتىۋاتىمىز
مەريەم قاسىم
- ئاپا رامزاندا يالغان گەپ قىلسا يامان بولىدۇ - ھە ؟
ئەمدىلا 2 - سىنىپقا قەدەم قويغان سەبى بالىنىڭ سۇئالى مېنى ھەيران قالدۇردى .
- ھەرقانداق ۋاقىتتا يالغان گەپ قىلسا ياخشى ئەمەس - دىدىم مەن قىزىمغا ئەستايىدىللىق بىلەن .
- چوڭ ئاپام رامزاندا يالغان گەپ قىلغان ئادەمنىڭ تىلى قۇرۇپ كېتىدۇ دېگەنتى ، - بىراق بىزنىڭ مۇئەللىم بۈگۈن يالغان گەپ قىلدى ،
تېخى بىزنىمۇ يالغا گەپ قىلىشقا مەجبورلىدى .
قىزىمنىڭ سۆزىدىن بىر نەرسىنى ھىس قىلمىغان بولساممۇ ، قىزىقىش بىلەن سورىدىم .
- قانداق يالغان گەپ قىلىشقا مەجبورلىدى ؟ قىزىم قانداقتۇر بىر مەخپىيەتلىكنى دەۋەتمەكچىدەك ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، ئاۋازانى ئالاھىدە -
چىقىرىپ :
- مەكتىپىمىزگە تەكشۈرۈشكە كېلىدىكەن ، ئۇلار كەلگەندە : « مۇئەللىمىڭلەر تاپشۇرۇقنى كۆپ بېرەمدۇ ؟ دىسە ، - يوق دەيسىلەر.
سىنىپتا : -تېلفۇندا سۆزلىشەمدۇ ؟ يەنە ئۇرۇپ - تىللامدۇ ؟ دىسە - ياق دەيسىلەر دەپ ئۈگەتتى »
- مۇئەللىمىڭلەر ئادەتتە قانداق قىلاتتى ؟
-ھەر كۈنى تاپشۇرۇق ئىشلىمىگەن بالىلارنىڭ بېششىغا كىتاپ بىلەن ئۇرىدۇ . تاپشۇرۇقنى ئۆيدە ئىشلەپ كەلمەيدىكەنسىلەر دەپ
ئارام ۋاقتىمىزدا ئوينىغىلى قويمايدۇ . مۇئەللىم دەرس ئۆتىۋاتقاندا تېلفۇن كەپ قالسا « كىتاپ كۆرىشە » دەپ ۋاقىراپ ( ئاۋازانى ئالاھىدە
ئىنچىكە سوزۇپ چىقىرىپ ) قويۇپ ، سىنىپنىڭ ئارقىغا بېرىپ تېلفۇندا سۆزلىشىدۇ ، بەزىدە ئۈنلۈك كۈلۈپ كېتىدۇ تېخى .
- سىنىپ ئېچىلىدىمۇ ؟
سىرتقا چىقسا مەكتەپ مۇدىرى تەنقىتلىمەمدۇ؟
قىزىمنىڭ سۇزلىرىدىن كۆڭلۇم غەشلىككە تولۇپ يۈرىكىم قانداقتۇر بىر ئاچچىق سېزىم بىلەن چىممىدە قىلىپ قالدىدە ئەنسىز دۈپۈلدەپ
كەتتى. قىزىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ :
- مەن تىلىم قۇرۇپ كېتەمدىكىن دەپ يالغان گەپ قىلغۇم كەلمەيۋاتىدۇ .
- ياخشى بالا يالغان گەپ قىلمايدۇ . يالغان گەپ قىلغىنىڭىزنى باشقىلار بىلىپ قالسا سىزگە ئىشەنمەس بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا راست گەپ
قىلغىنىڭىز توغرا .
- ياق ئاپا ، تەكشۈرگىچىلەرگە راست گەپ قىلغىنىمنى مۇئەللىم بىلىپ قالسا مېنى مەكتەپتىن ھەيدىۋېتىدۇ .
- مۇئەللىمىڭىز ئۇنداق قىلالمايدۇ .
- سىنىپىمىزدىكى پەرھاتنى كەتكۈزۋەتتىغۇ ئەمىسە ؟ شۇڭا مەن ئاغزىمنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ گەپ قىلماي تۇرىۋالايمىكىن دەيمىن .
قىزىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ ، ئىچىم ئاچچىق بولدى . بىز چوڭلار دائىم ئاشۇ گۈدەكلەرنىڭ قەلبىنى ھىچ قانداق داغ
قونمىغا ئاق قەغەزگە ئوخشىتىمىز ، ئۇنىڭغا ئاجايىپ گۈزەل رەڭدار رەسىملەرنى سىزىشنى ئارزو قىلىمىز . بىراق ئاق قەغەزدەك پاكىز
قەلىپلەرگە قانداق داغلارنى قوندۇرۋاتقانلىغىمىزغا ئانچە دىقەت قىلىپ كەتمەيمىز . بىز ئۆز قولىمىز ، ئەمىلىي ھەركىتىمىز بىلەن سەبىي قەلىپلەرگە
قوندۇرۋەتكەن ئاشۇ چاڭ - توزانلار يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاستا - ئاستا قېلىنلاپ « پاسكىنا بۇلغانمىلار » نى پەيدا قىلغاندا بولسا
سەۋەپلىرىنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالمايمىز .
ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ ، ئەۋلاتنىڭ ئۇستازى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر بىر ئېغىز سۆزى ۋە ھەركىتى ئاشۇ گۈدەكلەر قەلبىدە مەڭگۈلۈك
ئىز قالدۇرىدۇ . ئوقۇتقۇچىنىڭ نەمۇنە قالغان ياخشى سۆز ۋە ئىش - ھەركەتلىرى جەميەتنىڭ ھەممە قاتلاملىرىدا يادلىنىدۇ . ئەگەر
سۆزى ۋە ھەركىتى ئارقىلىق يامان تەسىر بېرىدىكەن ئۇ مەڭگۈ يۇغىلى بولمايدىغان داغقا ، ساقايتقىلى بولمايدىغان جاراھەتكە ئايلىنىدۇ.
ياش گۈدەكلەرنىڭ ئىستىقپالى ئاخىرقى ھېساپتا ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق تەبىيلىشىگە باغلىقتۇر . شۇڭلاشقا بالىلار ياخشى تەربىيەگە ئىگە
بولالىسا بۈيۈك مۆجىزە يارىتالايدۇ ، ئەكسىچە بولسا ئەلگە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ .
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىگە تەلمۈرۈپ ئولتۇرغان ئاشۇ گۈدەكلەرنى كۇزگە ئىلماي ، كىچىك چاغلاپ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىگە ئۆز ئەمىليىتى
ئارقىلىق خىلاپلىق قىلسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پاك قەلبى سەمىمىيەتسىزلىكنىڭ قەبىھ ئۇرۇقلىرى بىلەن توشۇپ كەتمەسمۇ ؟
« بۆرە كەلدى » ، « قۇرۇق تەشتەك كۆتەرگەن بالا » دىگەن خەلق چۆچەكلىرىنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيەتلىكنىڭ
كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئەڭ گۈزەل ئەخلاق ئىكەنلىگىنى سەمىمىيەتسىزلىك يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ ناچار ئىستىللىقىنى ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي
سۆزلەپ « يالغانچىنىڭ قۇيرىغى بىر تۇتام » بولدىغانلىغىغا ئىشەندۈرۈشكە تىرىشىۋاتقان ئاشۇ ئوقۇتقىچىلار يەنە شۇ ئوقۇغۇچىلىرىنى يالغان
گەپ قىلىشقا مەجبورلىسا ، ئۇ ھالدا ئۇلار زادى قايسىنى قوبۇل قىلار .
ئوقۇتقۇچىلار مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەنقىتلىشىدىن قورقۇپ ، ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىشنى ئويلاپ ، ئۆزىنىڭ شەخسى خاھىشى بويىچە سەبىي دىللارغا
سەمىمىيەتسىزلىك يالغانچىلىقنىڭ تامغىسىنى باسسا ئۇ بىر ئېغىر گۇنا ، ھەتتا جىنايەت بولماي نىمە ؟
ناۋادا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۈگەتكىنى بويىچە يالغان گەپ قىلىشقا ئادەتلەنگەن ئوقۇغۇچى شۇ ئادىتى بويىچە كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوقۇتقۇچىسىنى ئالدىسا
« يالغان گەپ قىلىشنى مەن ساڭا ئۈگەتكەن ئىدىم » دىگەن گۇنا تۇيغىسى ، شۇ ئوقۇتقىچىدا پەيدا بولارمۇ ؟
ھازىرقى بالىلار كىچىك بولغىنى بىلەن ھەر خىل چارە - ئاماللار بىلەن چوڭلارغا تاقابىل تۇرالايدۇ ، قىلتاق قۇرالايدۇ . بەزىدە يالغاننى شۇنچىلىك
قاملاشتۇۋېتىدىكى ئۆزىنى خېلى ئەقىللىق چاغلايدىغان ئاتا - ئانىلارنىمۇ شەكسىز ئىشەندۇرۋېتىدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى
يالغان سۆزلەشكە مەجبورلىشى خۇددى زىرائەتلەرنىڭ ئارسىدا ياۋا ئوت - چۆپلەرنى ئاينىتىش ئۈچۈن ئوغۇت بەرگەندەك ئىش بولمادۇ ؟
يالغانچىلىق يامان ئىللەت بولۇپلا قالماي ئېغىر گۇناھ . بۇ بالىلار ئۈچۈنلا ئەمەس ، چوڭلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا نومۇسسىزلىقتۇر . « كىچىك ئىشلار »
دا يالغان سۆزلەشنى ئېتىبارغا ئالماي يۈرگەنلىرىمىزدە جەمىيەتلىشىپ كەتكەن ساقتىپەزلىك ، سەمىمىيەتسىزلىكلەر تۈپەيلى كىشىلەر ئارسىدا
سەمىمىيەتلىكنىڭ ئەنقانىڭ تۇخمىدەك قىممەتلىك بولۇپ كېتىۋاتقانلىقلىرىنى خۇرسىنىش ئىچىدە ھىس قىلىمىز . مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كوللىكتىپ
پالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىم جايى . بۇ گۈزەل جاينىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان جايلىرىدا ، دەرسخانە تاملىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى سەمىمىلىككە
ئۈندەيدىغان گۈزەل ئىبارىلەر ھەر ۋاقىت ئۇلارغا تەبسسۇم قىلىپ تۇرىشىدۇ . تۈرلۈك قائىدە - نىزاملار ، ئەخلاقىي تەربىيەنىڭ كۆپ خىل شەكىللىرىمۇ
ئوقۇتۇش خىزمىتىدە ئادەم تەربىيلەشنىڭ ماھىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ تۇرۇپتۇ . ئۇنداقتا بىز ئوقۇغۇچىلارغا سەمىمىيەتسىزلىكنى كۆپ ئۈگەتتۇقمۇ
ياكى سەمىمىيلىكنىمۇ ؟
مەنبە : پەن ۋە تۇرمۇش
|
|