- تىزىملاتقان
- 2013-3-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6201
- نادىر
- 0
- يازما
- 548
ئۆسۈش
  24.02%
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ،ھەممىمىزگە ئايان بولىۋاتقاندەك يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بىخەتەر يىمەك -ئىچمەك مەسلىسى ھەممىمىزنىڭ بېشىنى قاتۇرىۋاتقان بىر موھىم مەسىلە بولۇپ قالدى ،بۇنىڭغا ھەر بىر مۇسۇلمان كۆڭۈل بۆلمەي تۇرالمايدۇ ،ئەلۋەتتە .
توردىن ئىبارەت زامانىۋىي ئالاقە قۇرالنىڭ تېز سۈرئەتتە ئومۇملىشىشى بىزنى بىر قىسىم يىمەكلىكلەرنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ئەقىل كۆزىمىزنى ئاچتى .مەسلەن : تەركىبىدە سۆڭەك يىلىمى (چوشقانىڭ ) بولغان يىمەكلىكلەردىن ،پىنتوزا ، ھەر خىل مۇراببا ، تورت ۋە ماروجنىغا ئىشلىتىدىغان ماتىرىياللار ،چوكا مۇزنىڭ ماتىرىيالى ،ھەر خىل كەمپۈتلەر ، ئەۋرەزياغلىرى ،ھەر خىل ئىچىملىكەر ... بىزنى بەكلا خاتىرجەمسىزلەندۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ ،بۇلارنىڭ ھەممىسىنى توردىن بىلدۇق ھەم بىر -بىرىمىزگە يەتكۈزدۇق ،ئەمدىكى گەپ بىز سەي قاتارىدا كۆرۇپ ئىستىمال قىلىدىغان يىمەكلىكەردىن قېرىنقۇلاققا كەلگەندەك تۇرىدۇ ،مەن بۇ گەپنى تېخى تۈنۈگۈنلا ئاڭلىدىم ، مورنى ھەر خىل ئۇۋاندىلاردىن يەنى ياغاچ ئۇۋاندىسى ۋە باشقىلاردىن ياساپ سۆڭەك يىلىمى بىلەن قاتۇرىدىكەن ،ئۈرۈمچىدە ھازىر كىشلەر مورنى ئىستىمال قىلمايدىكەن ،لىكىن بىز بۇنى بىلمەي يۈرۈپتىمىز ،تەپسىلاتىنى بىلىدىغان قېرىنداشلارنىڭ تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتىپ بېرىشىنى بولسا كۆپرەك كىشىنىڭ بىلىۋىلىشىنى ئارزۇ قىلىپ بۇ تىمىنى يوللىدىم ، ۋاقىپ بولغايسىلار .
|
|