قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 981|ئىنكاس: 17

تاشپولات: ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-4 11:45:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىگگس (Higgs) زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلاندى
تاشپولات روزى

        
         ماددىلارغا ئېغىرلىق پەيدا قىلىدىغان ھىگگس (Higgs) زەرىجىسى، توكيو ئۇنىۋېرسىتېت ھەم يۇقىرى ئېنېرگىيە تېزلەتكۈچى تەتقىقات ئورگىنى قاتارلىق خەلقئارا گۇرۇپپىنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن بېكىتىلدى. بۇ نەتىجە 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى ياۋروپادا چىقىدىغان دۇنياغا داڭلىق ژۇرنال (Physics Letters B) دا ئېلان قىلىنىدىكەن. ھىگگس زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلغان Peter Higgs بولسا ھازىر 84 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىدىغان نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كاندىداتلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. بۇ نەتىجە ئۇنۇڭ نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئېلىشقا  كۈچلۈك تەسىر قىلىشى مۇمكىن.
        بۇلتۇر 7-ئايدا شۋېتسارىيەدىكى ياۋروپا ئاتوم يادرو تەتقىقات ئورگىنى 99.9999 % دىن يۇقىرى ئېھتىماللىق بىلەن ھىگگس زەرىجىسى دەپ قارالغان يېڭى زەرىجىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.بىراق ئۇنۇڭ ئۈچۈن داۋاملىق تەجرىبە ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلىگەن بولۇپ ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىغان ئىدى.
        بۇ گۇرۇپپا ھىگگس زەرىجىسىنى پارچىلاپ ئۇنۇڭ باشقا زەرىجىگە ئۆزگىرىش شەكلىنى تەكشۈرۈپ، ماسسا پروتوننىڭ 134 ھەسسىگە توغرا كېلىدىغان 125.5 gigaelectronvolt ئىكەنلىكى مۇقىملاشتۇرۇلدى. زەرىجىنىڭ ئايلىنىش مىقدارىنى ئىپادىلەيدىغان "Spin" مۇ نەزىريىدە دېيىلگىنى بويىچە نۆل تەڭ بولغان. مانا بۇ نەتىجىلەر ئارقىلىق ئىلمى نەتىجە بېكىتىلگەن.

ھىگگس زەرىجىسى:

        فىزىكا ھەم ماتېماتىكا ئالىمى Peter Higgs 1964-يىلى بۇ زەرىجىنى پەرەز قىلىپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلچەملىك فىزىكا نەزىريىسىدە 17 خىل زەرىجە بولۇپ مۇشۇ ھىگگس زەرىجىلا بايقالماي كەلگەن ئىدى. يېرىم ئەسىردىن بۇيان سىر بولۇپ كەلگەن ھىگگس زەرىجىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىسپاتلانغانلىقى ئۆلچەملىك فىزىكا نەزەرىيىسىنىڭ مۇكەممەل نەزەرىيە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇنۇڭ بىلەن بىرگە زەرىجە فىزىكىسىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
      بۇ بايقاش ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ بايقاشلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولۇپ، ئالەمنىڭ پەيدا بۆلىشىنى، قارا ئۆڭكۈرنى، قارا جىسىمنى بىلىشتە ناھايىتى چوڭ تۆھپە قوشىدۇ!

تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چەكسىڭىز تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز.

http://headlines.yahoo.co.jp/hl?a=20131004-00000008-mai-sctc
higgs zerije.jpg

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 06:37:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تونۇردىن ئەمدىلا چىققان بۇ ئىسسىق خەۋەردىن ۋاقتىدا بەھىرمەن قىلغىنىڭىزغا تەشەككۆر.
يېرىم ئەسىر ئىلگىرىكى بۇ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىغى ئەمدى ئىسپاتلىنىپتۇ.
زەرەتسىز،سىپىنى0بولغان،پەيدا بولۇپلا يېمىرىلىپ كېتىدۇ،دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان بۇ زەررىچە ئۇستىدىكى تەتقىقات قىزغىنلىغى ،ئەمدى باشلىنىدۇ تېخى.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 07:18:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۇلچەملىك مودىل «ماسسا»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھىگگىس زەررىچىسىدىن باشلىنىدۇ،دەپ قارايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخىمۇ مىكرۇ قاتلامغا ئىگە زەررىچىلەرنىڭ ،يەنى «ماسسىسى يوق زەررىچىلەر»نىڭ مەۋجۆتلىگىنى ئىنكار قىلمايدۇ.«ماسسىسى0 بولغان زەررىچە»دىگەن مۇشۇ گەپنى ئاڭلىساملا گاڭگىراپ قالىمەن.چۈنكى ئادەتتە ماسسىغا «ماسسا -بىرلىك ھەجىم ئىچىدىكى ماددا سانى»دەپ ئىنىقلىما بېرىلىدۇ.«ماسسىسى 0زەررىچىلەر»دىگەن بۇ گەپ بۇنداق زەررىچىلەرنى «ماددا» كاتىگۇرىيىسىنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇدۇ.مەن بەلكىم مەخسۇس كەسىپ ئەھلى بولمىغانلىغىم ئۈچۈن چۈشىنەلمەيۋاتقاندىمەن،مۇنبەردىكى فىزىكلار بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.


0

تېما

0

دوست

3403

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   46.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18201
يازما سانى: 205
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1066
توردىكى ۋاقتى: 1885
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 09:15:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kumbah تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-10-7 11:04  

رەھمەت تاشپولات ئاكا. سىزنىڭ ئېلىم  پەن  ـ تەتقىقاتغا ئائىت تىمىلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگىنىڭىزگە.
ھېگگس زەرچىسىنىڭ بايقىلشى فىزىكا ساھاسىدىكى زور بۆسۈش.
ھېگگس زەرچىسىنى پارچىلانمايدىغان ئەڭ كىچىك  زەرچە دىسەك بولامدۇ؟

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:31:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
kumbah يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 09:15
رەھمەت تاشپولات ئاكا. سىزنىڭ ئېلىم  پەن  ـ تەتقىقاتقا ئ ...

كۇمباھ ئۇكام ئەرزىمەيدۇ! ھازىرچە ئاشۇنداق دېسەك بولىدۇ. بىراق يېقىندا ياپونىيە ناگويا ئۇنىۋېرسىتتىكى تەتقىقاتچىلار ھىگگس زەنرىجىسىنىڭ بىرىكمە زەرىجە ئىكەنلىكىنى كومپيۇتېردا چوڭ ھېسابلاش ئارقىلىق  بايقىدى. بۇنۇڭ نەتىجىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئېنىق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

205

تېما

67

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 363
نادىر تېمىسى: 23
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 3814
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:46:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 07:18
ئۇلچەملىك مودىل «ماسسا»نىڭ كېلىپ چىقىشىنى ھىگگىس زەر ...

سالام قاسىمكا، گاڭگىراپ قالغانلىقىڭىز توغرا. ھازىرغا كەلگۈچە نۇرنى ماسسى يوق، ئۆزئارا ئۇچراشسىمۇ بىر-بىرىگە تەسىر قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ يۈرگەن ئىدۇق. ئالدىنقى ھەپتە MIT دىكى ئالىملارنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا نۇر ناھايىتى توۋەن گرادۇستا ئۇچراشقاندا ئۆزئارا تەسىر قىلىشقان. بۇ نەتىجە نۇرنىڭ ماسسى بارمۇ قانداق دېگەن گۇماننى قوزغايدۇ. پات يېقىندا نۇرنىڭ ماسسى بارىكەن دەپ چىقىشى مۇمكىن.

تەرجىمە قىلدۇرغان ماقالىڭىز بەك ياخشى ئىكەن باغداشتا ئوقۇپ ھۇزۇرلاندىم. رەھمەت سىزگە!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 11:48:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە! دېمەك بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاز بولمىغان دەتالاشلارغا سەۋەب بولغان قارا ئۆڭكۈر توغرۇلۇق تېخىمۇ ئىلمىي، تېخىمۇ ئەتىراپلىق، تېخىمۇ سىتېمىلىق بولغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ بارلىققا كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ قېلىشى مۇمكىنكەندە!

66

تېما

23

دوست

5 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 5376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2602
تۆھپە : 13396
توردىكى ۋاقتى: 6608
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-5 12:13:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2013-10-5 11:46
سالام قاسىمكا، گاڭگىراپ قالغانلىقىڭىز توغرا. ھازىرغا ...

رەھمەت سىزگە.
شۇ گەپ ئەمەسمۇ ،مۇبادا «ماسسىسى يوق زەررىچىلەر»بولسا "ماسسا" ئۇقۇمىدىن ۋە ساقلىنىش قانونلىرىدىن  چاتاق چىقىدۇ.
مەن سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ ئىلھاملىنىپ"«ھىگگىس زەررىچىسى» ئاتا قىلغان خىياللار"دەپ بىر كىچىك تېما يازدىم."باغداش"قا يوللاپ قويدۇم،تېخى تەستىقلىمىدى.تەستىقلاپ قالار."كائىنات"تىكىسىنىڭ ئۇلىنىشى  مانا:



ئارتۇق-كەم ئويلاپ قالغان يەرلىرىم بولسا "ھاي"دەپ قويارسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )