بوۋاق بالىنىڭيىمەكلىكى ۋە تەربىيىسى
گوللاندىيەدە بالا تۇغۇلغاندىن كېين ئاتا-ئانىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۆي ئاكادىمىيەسى دەيدىغان بىر تور بەت بار.مەن شۇ بەتتىكى ماتىرياللاردىن كۆپ
مەنپەئەتلىنىپ كېلىۋاتىمەن. ياش ئاتا-ئانىلارغا ياردىمى بولۇپ قالار دىگەن ئۈمۈتتە يازدىم. باشقىلار تولۇقلاپ قويسا تېخىمۇ ياخشى.بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن بۇ يەردە ئانا سۈتى ياكى سۈت تالقىنى (نەيپۇڭ،سۈت پاراشوگى)بىلەن،ياكىتەييارالانغان بوۋاق سۈتى ئىېنگىلىسچە infant formula بىلەن بېقىلىدۇ.
مەن دەسلەپتە سۈت بەك ئاز چىققاچ بىر ئىككى كۈن شۇ تەييارسۈتنى قوشۇمچە بەردىم.بالىنى ئەڭ ئاز دىگەندە ئالتە ئايغىچە ئىمىتىش تەشەببۇس قىلىنىدىكەن. بوۋاق تالاغا ئاز چىقىلىدىغان بولغاچ ۋىتامىن د نى (كۈندە تۆت مىكروگىرام) تۆت ياشقىچە ئىچكۈزۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. نۆل ياشتىن ئۈچ ئايلىق بولغۇچە ۋىتامىن ك نى بېرىمىز. بۇ قاننىڭ قويۇقلىشىغا پايدىلىقكەن. كالا سۈتى تەبىئىى بولسىمۇ لېكىن ئادەم بالىسىغا بوۋاق دەۋرىدە ماس كەلمەيدىغان تەركىپ باركەن.بوتۇلكىلىق سۈتنى ئادەتتە ئىككى سائەت ئەتراپىدا بىرىدىكەنمىز،ئانا سۈتى بالىنىڭ تەلىۋى بويىچە بېرىلىدىكەن. لېكىن ئاناچوقۇم سۇتنىڭ پۈتۈنلەي چىقىرىلىپ كېتىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ، كۆكسى چىڭقىلىپ كەتسە دەرھال مۇنچىدا ياكى ئسسىق سۇدا سىقىپ چىقىرىۋېتىشى كېرەك، ئەگەر سۈت چىقىرۋېتىلمىسە، ئانىنىڭ تېمپىراتۇرسى 40 قا يېتىپ قاتتىق قىززىش يۈز بېرىدىكەن،شۇڭا ئانا ۋە بالىنىڭ تېمپۇراتۇرسىنى ئۆلچەش بەك مۇھىم ئىكەن، ھەر ئىككەيلەنگە ئايرىم تېمپۇراتۇرا ئۆلچىگۈچ سېتىۋېلىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ تېمپۇراتۇرسى دەسلەپكى 8 كۈن ئىچىدە پەللەكتىن ئۆلچىلىنىپ خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ.
بۇنى سىناق تەرەقىسىدە يوللىدىم،داۋامى بار.
|