قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2445|ئىنكاس: 17

بىزدە مۇنداقمۇ مائارىپچلار بار (راسىت ئىشلار خاتىرىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22247
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-30 22:24:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدە مۇنداقمۇ مائارىپچلار بار
(راسىت ئىشلار خاتىرىسى)
‹‹ئۇشبۇ يازمامنى كامالىي ئېھتىرام بىلەن مىللەتنىڭ ئاقارتىش ئىشلىرىغا ئۆزنى بېغشىلغان بارلىق قېرنىداشلارغا ئاتايمەن››
-باشقلارنىڭ خاتالىقغا سۈكۈت قىلىش نادانلقتۇر،چېچىلىش،بوغلۇش ئاقىلقتۇر.
-ھېكمەت خاتىرەمدىن
‹1›
      2006-يىلىنىڭ كۈز ئايلىرى ئىدى.بۇ تاغلىق يېزىدا قىش پەسلى ئۆتكۈنچى پەسل-كۈزىنى تولمۇ قىسقا ئۆتكۈزۈپلا كىرەتتى.سوغۇق جاندىن ئۆتۈپ تۇراتتى.چۈنكى بۇ يۇرتنى توغرسىغا كېىسىپ ئۆتىدىغان زەرەپشان دەرياسى-كاچۇڭ تۈگۈنى بار ئىدى.يۇرتىمىزنىڭ مائارىپ-ئاقارىتش ئشلىرى باشقا يېزا-بازارلارغا قارىغاندا تولمۇ ئارقىدا ئىدى.لېكىن مېھىرىبان،كۆيۈمچان ئاتا-ئانىلار بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەك ھۆرمەتلەيتى.چوڭ كۆرەتتى.ئۆيگە بارساق قىلمىغىنى قالمايتى.بۇ يۇرتقا خىزمەتكە كەلگەن ھەر قانداق ئادەم دەسلەپتە يۇرتتىن مېھىرىنى ئالدىراپ ئۆزلمەسلىكىمۇ دەل شۇنىڭىدىن بولسا كېرەك.شۇنداق بولغاچقىمۇ بۇ يۇرتتا تا ھازىرغىچە شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدىن كېلىپ مۇقىم ئشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلار ئاز ئەمەس ئىدى.ھەتتا،شىنجاڭدا ئەڭ ئاز سانلىق ھېسابلىنىدىغان شبە مىللتىدىنمۇ ئادەملەر بار ئىدى.
      ئەتىگەنلىك بايراق چىقىرش مۇراسىمىنى تۈگىتىپ،يىغىن زالىغا ماڭغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۆزلۈشى بىلەن مەكتەپ قورسىغا چىقىتىم.چۈنكى بۈگۈن يىغىن زالىغا چىقىم كەلمىگەن ئىدى.راسىت،تۇرۇپلا مەندە ئۇنى-بۇنى قىلغىم كەلمەيدىغان،قىلىغىم كەلمىگەن ئىشىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانماي قىلمايدىغان خۇيم بار ئىدى.
     مەكتەپ قورۇسىدا سەبى غۇنچلار كونا ئادىتى بويىچە ئالدىراش ھالدا تازىلىق قىلىۋاتاتتى.
     بەزىدە مۇشۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈنىگە 1-2سائەت تازىلىق قىلىشىدىن بەك ئاچچىقىم كېلەتتى.چۈنكى،ھازىر دەرىسلىكلەرنىڭ تۈرى،سانى 18گە يېتىپ قالغان،ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى پەۋۇقۇلئادە ئىغىر بولۇۋاتقان پەيىتلەردە كۈنگە ئۈچ ۋاخ(ئەتىگەن،چۈش،بەزىدە كەچتە) تازىلىق قىلىپ ئاز بولغاندا 1سائەت،باھالاش كېلىدىغان چاغدا 2-3سائەت (دەرىس توختىپ)تازىلىق قىلىشىدىن بەك نارازى ئىدىم.بەزىدە ئاچچقىم كېلىپ كەتسىە،يېقىن ئۆتىدىغان بىر قانچە دوست-خىزمەتداشلىرىمىغا:
    -ئاغىنلەر،بىزمۇ مائارىپچى بولدۇقمۇ،بىزمۇ ئادەممۇ؟بالىلىرىمىز (ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى دېمەكچى) تومۇرنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئېلىم تەھىسىل (ئۆگىنىش) قىلماي،تازىلىق قىلىپ يۇرسە قانداق بولىدۇ؟بىز ھەدېسە،تازىلىق قىلىش شەرەپلىك دەپ بالىلىرىمىزنىڭ نۇرغۇن ۋاقتىنى تازىلىق قىلىشقا سەرپ قىلىۋاتسەك،دەرسىخاندا بالىلىرىمىز سىناق بېرەلمەي 0نى قاتتۇرۇپ يۇرسسە،مۇشۇ بىزدىكى مائارىپ روھى،مۇشۇ بىزدىكى ئوقۇتقۇچىلۇق،ئادىمليىك،بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش روھى!!!شۇنداقمۇ؟!-دەپ قاقشاپ قوياتتىم.
بۇنداق چاغلاردا ئۇشبۇ كەسپىداشلىرىم ‹‹ئامال›› يوق دېگەنچلاپ مۇرسىنى قسىپ قوياتتى.
    ياق!!!! دۇنيادا ئۆلۈمدىن باشقا ئىشقا ئامال بار.چۈنكى ئۆلۈم ياراتقۇچىنىڭ ئېلىكىدە،لېكىن باشقا ئىشلارغا كشى ئامال قىلالايىدۇ.بىز مائارىپتا مەغلۇبيەتچى بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەممە ئىشقا ئامال تېپىشىمىز كېرەك ئىدى.مەسلەن،ئوقۇغۇچىلارنى كۆپلەپ تازىلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغۇچە تازىلىقنى ئاسىرايدىغان كشى قىلىپ تەربىيلەپ چىقىساق،ئۇنۇم ئەكسچە بولمامتى دەپ ئويلاپ كېتەتتىم.ھەتتا،بەزىدە دەرىس ئۆتۈش جەرياندا مۇشۇ مەسلە ئۈستدە ئوقۇغۇچىلار بىلەن مۇنازىرە قىلىپمۇ قوياتتىم.ئوقۇغۇچىلىرىم جېنىدا مەن ئويلغاندەك ئويلايىدىكەن ئەمەسمۇ!؟
     شۇنداق،مەكتەپ قورسى ئەتىگەندە ئاشۇنداق جىددىي تازىلىق بىلەن ئالدىراش ئىدى.خىياللار ئىلىكىدە مەكتەپ دەرۋازىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم.چىرايىدىن بىر خىل قەتئىلىك چىقىپ تۇرىدىغان،قارامتۇل كەلگەن،تۇنجى كۆرگەن كىشىگە ئاچچىقى يامان،لۈكچەك چىراي كۆرنىدىغان بىر ناتونۇش كىشى مەكتەپ قورسى ئىچىدە تۆت ئەتراپقا كۆزىتىش نەزىردە قاراپ تۇراتتى.شەيئىلەرنى كۆزىتىشكە ئادەتلەنگەن مەنمۇ تۆت ئەتراپقا قارىغان بولۇپ بۇ ناتونۇش زاتقا يوشۇرۇن قاراۋاتاتتىم.

(2)

    -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،تېنچلىقمۇ؟
     ئىككى قول ماڭا تەڭلىنىپ كەلدى.مەنمۇ كۈنگەن ئادىتىم بويىچە سالامغا جاۋاب قايتۇرۇپ ئىككى قولۇمنى تەڭلىدىم.قولۇم دەقىقە ئامبۇردا قىسلىغاندەك چىڭ قسىلىپ قويۇپ بېرىلدى.
       بۇ ناتونۇش ئادەم بىلەن شۇنداق قىلىپ تونۇشۇپ قالدىم.كېينىچە سىرداش دوستلاردىن بولۇپمۇ قالدىم.بۇ ناتونۇش كىشى بۇ يىل (2006-يىلى 9-ئاي) ئاپتونۇم رايوننىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش (ئالاھىدە شىتات) ئىتمىھانىسىدىن 1600دىن ئارتوق دۆلەت ئىچى،رايون ئىچىدىكى رىقابەتچلىرىنى يېڭلىپ ناھىيىمىزنىڭ مەلۇم ئوتتۇرا مەكتۋىگە ئۆتۈپ،مەكتۋىمىزگە3يىللىق چېنىقىش ئۈچۈن چىققان ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن.(تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى مەزكۇر كىشىنىڭ ئسىمى،ناھىيە ئىچىدىكى مەكتەپ نامنى يازمىدىم.قېرىنىداشلىرىمنىڭ توغرا چۈشنۈپ،قەلەم سىياھىمىغا ھۆرمەت قىلىشنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايىمەن).شۇنداق قىلىپ بۇ ئوت يۈرەك ئوقۇتقۇچى بىلەن چىقىشىپ قالىدىم.(ئوت يۈرەك دېيشىمنىڭ سەۋەبنى كېيىنكى قۇرلاردىن ھېس قىلىپ قالىسلەر).مەكتەپ تەشكلى بۇ ئوقۇتقۇچىنى 10 كۈن ئۆتە-ئۆتمەي مەركىزى مەكتەپتىن يىراق يەنە شۈبە مەكتەپكە ئەۋەتتى.(راسىت مەكتۋىمىزنىڭ ئۈچ يەردە ئوقۇتۇش نۇقتىسى بار ئىدى.ئەڭ يىرىقى 17كىلومتىر كېلەتتى.شۇ مەزگىللەردە قاتناش ئاساسلىقى مەپە ئىدى).
      مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ بۇ ئىشى بۇ دوستۇمىغا سەل ئىغىر كەلىدى.چۈنكى دوستۇم بۇ يېزىغا 280كىلومتېردىن ئارتوق يولنى بېىسىپ كەلگەن ھەمدە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئىچىدىن تاللىنىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى ئىغىر كەلگەن ئىدى.(مەن شۇنداق پەرەر قىلىدىم)كېيىن بىلىشمچە بۇ دوستۇمغا مەكتەپ تەشكلىنىڭ بۇ ئىشلا ئەمەس خىزمەتكە قاتناشقان تۇنجى كۈنى ياتىدىغان جاي يوق گاڭ (ئامانلىق ساقلاش ئۆي) ئۆيدە ئۈچ كۈن ياتقانلىقى،ھەپتە ئون كۈن ‹‹ئىككى ئاساسەن›› خىزمەتلىرىگە سېلىپ بولۇپ يىراق جايغا ئەۋەتىشى ئىغىر كەلگەن ئىكەن.
      دوستۇم مەكتۋىمىزنىڭ يىراق بىر ئوقۇتۇش نۇقتىسغا ئەۋەتلىگەنلىك خەۋەرىنى ئاڭلاپ جان ئاچچىقىدا خىزمەتنى تاشلاش ئۈچۈن ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسىغا كىرىپتۇ.ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى دوستۇمىنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىنى بىر قۇر ئاڭلاپ مەكتۋىمىزنى راسا تىللاپتۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي بېرىپ ئشلگەچ تۇرۇشنى،ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ رەسبەرلىكى يۆتكەپ ئەكلىدىغانلىقنى ئۇقتۇرۇپتۇ.
دوستۇم ئۆز يۇرتىغا كېتىشىنى قەستلەپ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قاپتۇ.چۈنكى،دوستۇمىنى دىھېقان ئاتا-ئانىسى تولمۇ تەستەئوقۇتقانىكەن .بۇنداق دېشمىدىكى سەۋەب،دوستۇم باشلانغۇچ،تولۇقسىز،تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى 15يىلىدا تامالىغانىكەن.بەلىكىم چۈشەنمىگەن بولۇشىڭيز مۇمكىن.دوستۇم ئالىي مەكتەپ ئىمتھانىسىنى ئۈچ قېتىم بېرىپتۇ.ئالدىنقى ئىككى قېتىمىدا ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنۋېرسىتىنىڭ بازار باشقۇرۇش كەسپى ۋە شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ فىزىكا كەسپىكە قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قول ئىلىكىدە بولمغاچ ئوقۇتالمايمىز دەپ ئۇنماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن دوستۇم قەشقەردىكى بىردىن-بىر ئىنستوت-قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستوتىنى پۈتكۈل ئارۇزسىغا يېزىش ئارقىلىق ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبيات›› كەسىپىگە قوبۇل قىلىنپتۇ.بۇنداق تارىخىي رىئاللىق ئالدىدا ئامالىسز قالغان ئاتا-ئانىسى ئامالىسز بالىسىنى ئوقۇتۇپتۇ.دوستۇممۇ شۇنىڭغا يارشا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ تىرىشىپ ئوقۇپتۇ.
       دوستۇم يۇقىرى دەرىجلىك تەشكلىنىڭ ئاغزاكى چۈشەندۇرۇشنى ئاڭلاپ ئىككىلىنىپ تۇرغان مەزگىلىدە ‹‹(ئالاھىدە شتاتلىق ئوقۇتقۇچى) لار چېنىقىش بازىسىدا بىر يىل مۇنەۋەر ئشلىسە ئەسلىدىكى ئىش ئورۇنغا يۆتكەپ ئەتكىمىز›› دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ چېقىنىش بازىسىغا قايتىپتۇ-دە،ئۇدۇل ھېلىقى ئوقۇتۇش نۇقتىسغا يۈك-تاقسىنى تاشلاپتۇ.
      بەلىكىم،ئوقۇرمەنلەر بۇ بېرىشىنى خالمايىدىغان قانداق ئورۇندۇ ياكى نېمشقا ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم جاپادىن قېچىپ،شارائىتى ناچار بولغان بۇنداق جايلارغا بارمايدىغاندۇ،دەپ ئويلايدىغاندۇ؟

(3)

         راسىت،بۇ ئوقۇتۇش نۇقتىسسى يېزا بازىرىدىن 17كىلومتېر يىراقلىقتا بولۇپ قاتناش مەپە،يول توپلۇق،بىر سائەتتىن ئارتۇق ئاچچىق توپلۇقنىڭ دەردىنى تارتىپ بارىدىغان جاي ئىدى. بۇ ھېچ گەپ ئەمەس.بارغاندىن كېيىن سىزنىڭ قورساقىڭىزنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى (ئەلۋەتتە سىزدىن قانچە پۇل كېتىشىدىن قەتئنەزەر)،بۇممۇ كاپالەتكە ئىگە ئەمەس.چۈشتە بىر ۋاخ چامغۇر لەغىمنى،ئەتىگەن-كەچتە يوق.يېزا بازىرىدىن ئەكلىش ئۈچۈن 30-40يۈەن  كىرا بەرسىڭىز سىزنى ئاپىرىپ ئەكلىدۇ.(بۇنداق دېسەم،بېرىپ ئەكېلسىلا بولىدىغان ئىش ئىكەن دەپ قالماڭ.سىزنى ئاپىرىدىغان بىرلا خادىك بار،خادىكىنىڭ ئىگىسى نەشە-چېلىم چېكىدۇ،خوشى تۇتۇپ قالسا ئاپىرىدۇ،بولمسا يوق)(قېرىنداشلار،ئاغىنەمنىڭ ئۇ يەردىكى تۇرمۇشنى كۆپ يېزىپ كۆڭۈلىڭلارنى زىېدە قىلىپ قويماي،تۆۋەنچلىك بىلەن ئەپۇ سوراي).دوستۇم مىڭ بىر جاپادا ئۈچ ئاينى ئۆتكۈزدى.شۇ جەرياندا مەركىزى مەكتۋىمىزدە تەسىس قىلىنغان كۈچەيتىش سىنپى (شۇ چاغدا 9-يىللىق 1-سىنىپنىڭ (كۈچەيتىش سىنىپى)تىل-ئەدەبيات تەكىرارىنى قىلىدىغانغا مۇۋاپىق ئادەم يوق بولۇپ قالدى)غا تىل-ئەدەبيات دەرىسىگە مۇۋاپىق نامزات تېپلىماي ئوقۇغۇچىلار تىل-ئەدەبيات  ئوقۇتقۇچىلىرىدىن نازارى  بولۇپ تەشكلىگە ئەرىز سۇنۋەردى.شۇنىڭ بىلەن تەشكل ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ دوستۇمنىڭ يېزىقچلىق قابىليتى،تىل-ئەدەبيات كەسىپدىكى تالانتىنى ئاڭلاپ يۆتكەپ ئەكلشىنى قارار قىلپتۇ-دە،سىياسىي مۇدىرىنى ئەۋەتپتۇ.لېكىن دوستۇم ئاچچىقىنىڭ يامانلىقى تۈپەيلى،تەشكلىنىڭ ئەينى ۋاقتىكى ئۆزىگە قىلغان ئادالەتىسز مۇئاملىسىدىن قاتتىق نارازى بولۇپ سىياىي مۇدىرىغا:
      -مەن مەركىزى مەكتەپكە بارالمايمەن،چۈنكى مەن كوچىدىكى ‹‹جالاپ››ئەمەس،كەل دېسە كېلىدىغان،كەت دېسە كېتىدىغان،-دەپ سەت گەپ بىلەن رەددىيە بېرىپتۇ.بۇ گەپنى ئاڭلغان سىياسىي مۇدىر ئۇدۇل مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئشىخانسىغا كىرىپ بولغان ئەھۋالىنى تولۇق دوكلات قېپتۇ.مەكتەپ مۇدىرىمىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال مەمۇرىيەت يىغنى چاقىرىپ ‹‹بۇ يولداشنى ئۈچ يىلىغچە پەقەت يۆتكىمەسلىك›› توغرسىدا ‹‹قەسەميات››قارارىنى بىلىدۇرشپتۇ.شۇنداق قىلىپ ھەپتە ئۆتمەي،كۈچەيتىش سىنىپنىڭ بالىلىرىنىڭ تىل-ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى ئۆستىدىكى دەۋا-دەستۇرى مەكتەپنىڭ بېشنى ئاغىرىتقلى تۇرۇپتۇ.شۇنىڭ بىلەن بىرگە،ناھيلىك مائارىپ ئىدارىسىمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى ئۆتكۈزۈش سانىغا قاراپ بەلگۈلەيدىغانلىقنى بىلدۇرۇپتۇ.(شۇنداق خەۋەرىڭلاردا بار مەكتۋىمىز تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپ،تاغلىق يېزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىدى)
        مەكتەپ تەشكلى ئامالىسز بۇ دوستۇمغا يەنە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق مەركىزى مەكتەپ ئوقۇتۇش نۇقتىسغا يۆتكەپ ئەكەلدى.دۇستۇم شۇنىڭغا يارىشا ئوقۇغۇچىلارغا كۆينىپ دەرس ئۆتتى.بالىلارنىڭ ھەققىي روھىنى تولۇق ئۇرغۇتتى.جۈملىدىن تىل-ئەدەبيات كەسپىنىڭ ھەققىي ۋەزىپىسىنى تولۇقى بىلەن ئورۇنداشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.شۇنىڭغا يارىشا ئوقۇغۇچىلارمۇ جاۋاب قايتۇردى.ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئىمىتھان بەرگەن 29نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ 21نەپىرى 110دىن يۇقىرى نۇمۇر ئالغان ئىدى.(ئەڭ يۇقىرى 139نۇمۇر ئالغان شۇ يىلىدا)  بۇ بىزنىڭ تاغلىق يېىزىمىزغا نسىبەتەن بەك يۇقىرى نەتىجە ئىدى. شۇ يىلى 9نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ نۇمۇر سىزىقى ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئومۇمىي نۇمۇر سزىقغا چۈشكەن،خەنزۇتىلى ۋە ماتېماتكا  نۇمۇر سىزىقىغا 2نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ نەتجىسى نۇمۇر سىزىقىغا چۈشكەن ئىدى)تارىخىتىن بۇيان مەكتۋىمىزدىن ئىچىكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇغۇچى بېرىپ باقىمغان ئىدى. شۇ يىلى ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچى بېيىجىڭ ۋە شىئەندىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلندى.مەن دوستۇمنىڭ تىرىشچانلىقى،مەسئۇليەتچانلىقى جۈملىدىن مىللەتسۆيەرلىكى،تارىخ سۆيەرلىكىدىن بەك ئىپتىخارلاندىم.

(4)

          دوستۇمغا قاچان قارسام دەرىسى يوق ۋاقتىلاردا گۈللۈك ئوتتۇرىسىدىكى تاش ئورۇندۇقتا دەرس تەييارلىغان ياكى كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغانلىقنى،خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغانلىقنى كۆرەتتىم-دە،ئىختىيارسىز يېنىغا كېلىپ ئەھۋال سورايىتىم:
-ئاداش،-دەيتى ئۇ خىيالچان كۆزلىرىنى تىكىپ،-بىزدە ئىغىر مەسئۇليەت بارلىقنى ھېس قىلىپ قالدىم،يېزىمىزنىڭ يېرى ئاز،بايلىقى تېخمۇ ئاز ئىكەن،ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ۋە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ سانمۇ ئىنتايىن ئاز ئىكەن،ئالىي مائارىپتا ئوقۇيىدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولۇش مىللەت ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىمىزدا قىزلارنىڭ ئوقۇش نسبىتى تولمۇ تۆۋەن ئىكەن.بۇ دەل مائارىپىمىزنىڭ مەغلۇبيەتكە يۇزلىنۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ئاداش،شۇڭا،بىر تىرىشىپ باقساق،قولىمىزدىن كېلشىچە تىرىشىپ باقساق،بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتسەك بولاتتى،-دېدى.
مەنمۇ شۇ خىيالدا بولغاچقا ئۆز كۆز قاراشلىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۇم.شۇنداق قىلىپ بىز پىكىردە تېخمۇ ئىلىگىرلىگەن ھالدا بىرلىككە كەلدۇق.
      بىز ئىشنى ئوقۇغۇچىلار تولۇقىسز ئوتتۇرىغا مەكتەپكە قەدەم قويغان مەزگىلىدىن باشلىدۇق.كەسىپىمىز بىر بولغاچقىمۇ ھەممىنى باشىدىن باشلىغان ئىدۇق.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىلەن ھەپتىسىگە 5سائەت ئەتراپىدا تولۇق ئۇچىرىشىش پۇرسىتى،كەسىپىمىزنىڭ كەڭ دائىرلىك بولۇش ئەركىنلىكىدىن تولۇق پايىدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا بولغان يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇش،بولۇپمۇ تولۇق ئوتتۇرا،ئالىي مەكتەپ ئوقۇش مۇھيتى توغرسىدا ئاز بولغاندا 2سائەتتە بىر قېتىم پىكىرلەشتۇق ياكى ئىدىيۋىي تەربىيە بەردۇق.تەربىيەنىڭ ئۈنۈمى ئاستا دېگەندەك ئوقۇغۇچىلىرمىزنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۆزگىرىش يۇز بېرىشكە باشلىدى.
دوستۇم ئوقۇتقان بىر سىنىتپىكى قىز ئوقۇغۇچىنىڭ مۇنداق بىر ئىشى ئسىمىدىن چىقمايدۇ.دۇستۇم ئۆز ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنى قاتتىق قويۇپ ئۈچ يىللىق ئوقۇشنى مۇۋاپپەقيەتلىك تامالىدى.ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىچىدىن مەينىگۈل ئسىملىك بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھېكايىسى تۆت ئەتراپقا پۇر كەتتى.
      مەينگۈل ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن (تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپنى) ئاتاسى قارىم ئادەم بولغاچقا قىزىمىنى ئوقۇتمايمەن دەپ جاھلىلىق قىلىپ تۇرۋاپتۇ.مەينگۈل ئاتىسنىڭ پىكىرىگە قارىشى چىقىپ مېنى قەتئى ئوقۇتىسەن،بولمايىدىكەن،دەرياغا ئۆزۈمنى تاشلايمەن(زەرەپشان دەرياسىنىڭ كاچۇڭ تۈگۈنى بار) دەپ جاھىللىق قىلىپ تۇرۋاپتۇ ھەمدە تۆت كۈن تاماق يېمەي يېتۋاپتۇ.مەينىگۈلىنىڭ ئاتىسى قانداق قىلىشىنى بىلمەي دوستۇمنى ئىزدەپ كەپتۇ.چۈنكى دوستۇم مەينىگۈلىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى-دە.
دوستۇم بولغان ۋەقەنى بىر قۇر ئاڭلاپ ئۆز ئوقۇغۇچىسىنى تولۇق چۈشەنگەچگە:
     -قىزىڭىزنى ئوقۇتۇڭ،بولمسا بالىڭىزدىن ئايىرىلىپ قالىسىز؟-دەپ مەسلىھەت كۆرستىپتۇ.مەينىگۈلنىڭ ئاتىسى دوستۇمىنىڭ ئەستايدىل ۋە تولۇق چۈشەندۇرشىگە قايىل بولۇپ بالىسىنى پىداگوگىكا خاراكتىرلىك بىر ئوتتۇرا تېخنكومدا ئوقتى.مەينىگۈل ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىتى.(ھازىر مەينىگۈل بالىلار يەسىلىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئشلەۋاتىدۇ.)
      ھە راسىت،ئوقۇرمەنلەر دىققەت،دوستۇم خىزمەت ھەلچلىكىدە چېنىقىش ۋاقتىنىڭ توشۇپ قالغانلىقىنمۇ ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ ئەمەسمۇ!؟
بالىلىرى (ئوقۇغۇچىلىرى) تولۇقىسزنىڭ 3-يىللىقغا قەدەم قويغان ۋاقتىتا ناھىيلىك مائارىپ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئەسلىدىكى ئىش ئورنى (ناھىيە ئىچىدىكى مەلۇم تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپ)غا تېزىمغا ئالدۇرۇش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپتۇ.دوستۇم قولىدىكى ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ ناھيلىك مائارىپ ئىدارىسى كادىرلار بۆلۈمىگە كىرىپ ‹‹تۆۋەندە چېنىقىش›› مۇددىتىنى ئۇزاتىپ بېرىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.لېكىن مائارىپ ئىدارىسىدىكى مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل ئشخانا مۇدىرى ‹‹يۇقىرىنىڭ قاتتىق ھۆججىتى بار،بۇنىڭغا قەتئى يول يوق،دەل يۆتكلىپ كېرىڭ ياكى بولمسا تۆۋەندە مەڭگۈ ئشلەڭ››دەپتۇ.ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟دوستۇم نەچچە كېچە ئويان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ:
      -ئۇنداق بولسا مەن تۆۋەندە ئشلەيمەن،-دەپتۇ.مەسئۇل رەھبەر دەرھال ‹‹قول قويۇڭ›› دەپ ‹‹يۆتكەلمەيمەن›› دېگەن ئوقتۇرۇشقا دوستۇمنىڭ بارمىقنى باستۇرۇپتۇ.دوستۇممۇ ئىككلەنمەي بارماق بىسىپ بېرىپتۇ-دە،غايەت زور ئۈمىد بىلەن مەكتۋىمىزگە يېنىپ كەپتۇ.مەن دوستۇمنىڭ بۇ قارارىدىن بەك خۇشھال بولغانىدىم.چۈنكى مەكتۋىمىزدە مۇشۇنداق بىر ئادەمنىڭ بولۇشى مەن ئۈچۈن بەك زور خۇشھاللىق ئىدى. كۈنلەر خىزمەت ئالدىراشچلىقتا ئۆتمەكتە ئىدى.ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە يېزىدىن ئۈچ پىرسەنىت(پالالىنىپ) بىر تىل-ئەدەبيات ئوقۇتقۇچىسى كەلدى.ئۇنىڭمۇ دېلى بىزگە ئوخشايىدىكەن دېلىمىز،تىلىمىز،كۆز قاراشىلىرمىز بىر يەردىن چىقىپ مەسلكداش بولۇپ قالدۇق.كۈنلىرىمىز تولمۇ مەنلىك ئۆتمەكتە ئىدى.

(5)

      شۇنداق كۈنلەردىكى بىر ئىش پەقەت يادىمىدىن چىقمايدۇ.بىر كۈنى ئىشخاندا ئولتۇرسساق،بىر مويسىپت ئايال مەكتۋىمىزگە كىرىپ كەلدى-دە،ئۆزنىڭ كىچىك بىر نەۋەرسىنىڭ باسقۇنچلىقغا ئۇچىرىغانلىقى،باسقۇچلۇق قىلغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى دەپ يىغلاپ كەتتى.بىز بۇ شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ ھاڭ-تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قالدۇق.
       بىز موماينىڭ گېپنى ئاڭلاپ بۇ گەپكە قەتئى ئىشەنمدۇق ھەمدە مۇماي گۇمان قىلغان دادۇيىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئشخانىغا 10-15دىن قىلىپ سولدۇق.قولىمىزدا يانتاقنىڭ تايقى بار ئىدى (شۇ چاغدا بەش تال يانتاق تايقى تەييار قىلىپتىمىز)ئوقۇغۇچىلارنى بىر-بىرلەپ سوراق قىلىپ چقتۇق.بىز پەقەت ئوقۇغۇچىلاردىن‹‹ قىلغان خاتالىقڭنى سۆزلە›› دېگەن گىپنىلا سورايتتۇق.ئۇنىڭىدىن ئارتۇقنى سوراشنى ياكى موماي دېگەن گەپنى ئۇدۇل سوراشنى راۋا كۆرمىگەن ئىدۇق.سۇيۇملۇق ئوقۇغۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ئەلپازىمىزنى كۆرۈپ دىر-دىر تىترەپ:
-جېنىم مۇئەللىم،خانىم بەرگەن تاپشۇرۇقنى ۋاقتىدا ئشلىمگەن ئىدىم.
-بىر قېتىم مۇئەللىم بىلەن گەپ تاللشىپ قالغانىدىم.
-پارتدىشىمنىڭ قەلىمنى ئېلىۋالغانىدىم.
-فىزىكا دەرىسىنىڭ سىنقىدىن ئۆتەلىمگەن ئىدىم،كېيىن مۇئەللىمنىڭ يېىنىغا چىقىپ سىناق بېرىپ ئۆتۈپ گۇناھىمنى يۇيدۇم.
-مەكتەپتىن قايتقۇچە قىز ساۋاقداشلىرىمىنى سەت گەپ بىلەن تىللىغان ئىدىم.
        ئوقۇغۇچىلىرىمىز شۇ گەپلەرنى يىغلاپ تۇرۇپ دەيىتى ھەمدە بۇنىڭىدىن كېيىن ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدىغانلىقنى تىرشىپ ئوقۇپ ياخشى ئادەم بولدىغانلىقنى ئېيىتىپ ئۆتەتتى.لېكىن بىزنىڭ مەقستىمىز بۇ ئەمەس ئىدى.بىرەرسىنىڭ ئاغىزدىن موماي ئېيتقان مۇدھىش ئشنىڭ جاۋابكارىنى تېپىش ئىدى.لېكىن بەش تال يۇلغۇن تايقى سۇنۇپ تۈگىدى.قەدىردان ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇ ئىش توغرسىدا ئۇچۇر بەرمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ئاخىرى بىز موماي بىلەن قاتتىق تىكلەشتۇق ھەمدە بۇنداق بالىلارنىڭ بىزنىڭ بالىلار ئارىسدا يوقلىقغا قەتئى كاپالەتلىك بەردۇق.(ئۇلۇغ ئاللاھ بالىلىرىمىزغا بەخىت ئاتا قىلغايسەن!مانا ئەمدى شۇنداق بالىلىرىمىز قېنى،دۇنيا سەن نېمە بولدۇڭ)
      شۇنداق بۇنداق بالىلار بىزدە يوق ئىدى.چۈنكى بىز بارلقىمىزنى بالىلارغا بېغىشلىغان ئىدۇق.بۇ يولدا ھەتتا بالىلىرمىزغا قاتتىق جازالارنىمۇ بەرگەن ئىدۇق.بارلىلىرمىز بىزنى قەيەردە كۆرسە:
-ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم،-دەپ ئىككى قوللاپ كۆرشەتتى
بىزمۇ جاۋابەن:
-ۋەئەلليكۇم ئەسسالام،-دەپ ئىككى قولىمىز تەڭلەيتۇق.
       بۇ سالام سائەتلەر قانداقتۇر بالىلىرىمىزنىڭ بىزدىن ‹‹قورقۇپ››قىلغان سالامى ئەمەس ئىدى.ئەكسچە بىزگە بولغان ھۆرمەت،ئشەنچىسنىڭ نەتجىسى ئىدى.(سەۋەبى بۇ بالىلارمۇ ھازىر جەميئەتنىڭ قەيەرىدە كۆرسە سالام سائەتنى قىلىپ تۇراتتى،ھەتتا،ماشنىدا ئۇچقىغا ۋاقىتلاردا پۇل تۆلەيمەن دەپ قىزىرشىپ قالغان مەزگىللىرى بولغان ئىدى)شۇ قېتىملىق (سوئال-سوراق،2009-يىللار)دا 450دىن ئارتۇق ئوغۇل ئوقۇغۇچى بىزدىن ئېغىر دەرىجىدە تەنقىد يىگەن ئىدى.لېكىن شۇ چاغدا بىرمۇ ئاتا-ئانا دەۋا-دەستۇر قىلىپ كەلمگەن ئىدى.چۈنكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بىرمۇ-بىر دەپ،قەتئى تۈزۈتىدىغانلىقنى ئىنكاس قىلغان ئىدى) ھازىر ئويلساق قورقۇپ كېتىمىز.مۇشۇ گۇناھيىمىز ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجلىك ئورۇنلارنى بىزنى خىزمەتتىن توختىپ قويۇشى،تۈرمىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىدى.(بۇنداق دېسەم ئوقۇرمەنلەر ھەيران قالماڭلار،بىزدىكى مەقسەت،ئادەمدەك ئادەم تەربىيلەش بولغاچقا،سەل ئاشۇرۋەتكەن ئىدۇق،بىز شۇ چاغدىكى پەرىزەنتلىرىمىزدىن سەممىي كەچۈرۈم سورايىمىز.لېكىن شۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچلىكى ھازىر يېزىمىزدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ ھەمدە بىزدىن يەنلا خاپا.چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ نەزىردە يەنلا بوشاڭ مۇئەللىم،تەلەپنى چىڭ قويالمغان مۇئەللىم،بوش تۇتقان مۇئەللىم،ئۆزنىڭ يارىماس بولۇپ قىلىشىدىكى گۇناھكار مۇئەللىم بولۇپ ھېسابلىنىۋاتقماتىمىز)

(6)

          شۇنداق ئشلەپ،سياسەت چىڭىپ كەتتى.ئوقۇغۇچىلارغا ئاليالماس بولۇپ قالدۇق.جۈملىدىن ئازىراق قورقۇپ قالدۇق.(ئاتا-ئانا ۋە يۇقىرى دەرىجلىك رەھبەرلەردىن)لېكىن روھ دېگەن باشقا نەرسىكەن.تەلەپنى بوشاشتۇرۇپ قويمدۇق.ئەمما ئوقۇغۇچىلارنى بەك چىڭ تۇتالمىدۇق.چىرايلىق گەپ،جاھاندىكى بارلىق ئولۇغ گەپ،ئۈلگە بولۇشلار يەنلا بەزى بالىلىرىمىزغا دال بولمايۋاتاتتى.
تۇرمۇش ۋە خىزەەت ھەلەكچلىكىدە دوستۇم بىلەن ئانچە كۆپ ئەھۋالشالمايدىغان،سىردشالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم.
بىر كۈنى دوستۇم كۆزلىرىدىن غەزەپ ئوتتنى چاچىرىتىپ:
-مەن يا خىزمەت تاشلايمەن ياكى ناھىيە ئىچىگە يۆتكلىپ كېتىمەن،-دېدى.
مەن تۇيۇقىسز ئېيتىلغان گەپلەردىن نېمە دېشمنى بىلمەي:
-ساراڭ بولۇپ قالمغانسەن،-دېدىم ئاچىچىق تەرىزدە.
-راسىت،مەن ساراڭ بولۇپ قالدىم.ئەسلى سەنمۇ ساراڭ بولۇپ قالغان.چۈنكى بىزنىڭ تەربىيەلشىمىزگە،قۇتقۇزۇپ قىلىشمىزغا نۇرغۇن سەبيلەر مۇھتاج ئىكەن،-دېدى قاپىقىنى سەت تۇرۇپ.
مەن دەمال ئۇنىڭ گېپنى چۈشنەلمەي:
-قانداق دەيسەن ئاداش،ھازىر بىر ئوبدان ئشلەۋاتىمىزغۇ؟-دېدىم.
-شۇنداق ئاداش،بىز ھازىرقى ئورنمىزنى ۋە مەكتەپتىكى سالاھيتىمىزنى دېسەك تۇرۇپ قالساق بولىدۇ.لېكىن بىز پەرىزەنتلەرگە مەسئول بولشىمىز،ئەۋلادلارغا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.
مەن ئۇنىڭ گېپنى دەمال چۈشەنگەندەك قىلغىنم بىلەن نېمە دېشمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم.
-دۇستۇم،-دەپ گەپ باشلىدى بۇرادىرىم ئېغىر بىر تېنىپ قويۇپ،-نۆۋەتتە،مائارىپىمىزدا چېكىنىش،بولغۇنۇش ئېغىر،بىر قسىم ئوقۇتقۇچىلاردا مەنۋىي بولغۇنۇش ئېغىر بولماقتا.ئۇنىڭ ئۈستگە مەكتەپ رەھبەرلىكى بىزلەرنى پەقەت ياقتۇرمايدىغان،كۆزىگە قادالغان مىخ بولۇپ قالدۇق.
مەن دوستۇمنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلاپ،ئويلانماقتا ئىدىم.
       -بىر كۈنى،-دەپ گەپ باشلىدى دوستۇم،-ناھيلىك خەلق مەيداندا كېتىپ بارسام 4-5تولۇقىسز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ قىز ئوقۇغۇچىلىرى كېتىپ بېرىپتىكەن،ئۇلارنىڭ ئاغىزىدىن جاھاندىكى ئەپسانۋىي گەپلەر چىقىپ قالدى.بولۇپمۇ ‹‹ئۇ ھەزىلەكىنىڭ خېتنى بېرۋاتتىم،يەنە بىرنى تېپىۋالدىم،بۇنداق خۇمسلار جاھاندا تولا،كەچتە دىباغا بارساملا ساماندەك ئۇچرايدۇ،سەنمۇ تولا ئالماشتۇرۋاتمامسەن››دېگەن گەپلىرى بەدىنمىنى زەھەر يۇتۋالغاندەك قىلۋەتتى-دە،ئۇلارنى تىللاپ كېتىپتىمەن.ئېھ،دوستۇم قانداق قىلاي،ئۇلارمۇ مېنى راسا تىللىدى.سېنىڭمۇ خەۋەرىم بار ئاچچىقىم كېلىپ قالسا تىللىم كالۋالىشىپ كېتىدۇ.بىر قورساق گەپ ئاڭلىۋالىدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشى ئېغىر بولۇپ كەتتى،ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكلىپ ئوقۇتقۇچلۇق قىل دەپ،خەۋپ سېنى.
      مەن دوستۇمنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ نېمە دېشمنى بىلەلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.دېمسمۇ يېقىنىقى يىللادىن بۇيان  ئوقۇغۇچىلىرىمىز،بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزدا بۇزۇلۇش بىر قەدەر ئېغىر ئىدى.مەنمۇ خىزمەتنى تاشلاپ ئاسپرانتلىق ئوقۇش خىيالىدا ئىدىم.دوستۇمنىڭ بۇ گەپلىرى مېنى تېخمۇ ئويغاتقاندەك قىلغاندى.لېكىن مەن دوستۇمغا:
-دۇستۇم ناھىيە ئىچىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپگە قانداق يۆتكلىسەن؟-دېگەن سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويدىم.
دوستۇم بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن:
-قېرىندىشىم ھەممە ئىشقا ئاللاھ بار.ئاللاھ ئىشلىرىمىزنى ئاسان قىلار! بىزدە ساپ نىيەت،گۈزەل تىلەك،توغرا يول بولىدىكەن،ئاللاھ ۋە قېرىنداشلىرىمىز بىزگە مەڭگۈ ھەمرا!-دېدى.
       مەن دوستۇمنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىدە ساقلاپ يۈرگەن ئەندىشە ۋە دوستۇمنىڭ كېينىكى ئوقۇتقۇچلۇق ھاياتىدىكى تېخمۇ يارقىن تەرەپلەرنى كۆرگەندەك بولدۇم-دە،ئېتىكمىغا ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدىكى ئېستىدات ئىگىلىرىنىڭ ئېغىزدىن تامغان دۇردانلەر تۆكۈلگەندەك ھېس قىلىپ قوينۇمدا ساقلاپ يۇرگەن ‹‹ئىستپانامە››نى ئېلىپ مۇدىر ئشخانىسغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم.
دوستۇم بولسا ‹‹يېزىدىكى چېنىقىش مۇددىتىنىڭ تولۇق توشقانلىقنى،مۇمكىن بولسا ناھىيە ئىچىدىكى ئەسلىدىكى ئىش ئورۇنغا بېرىپ ئشلىگىسى بارلىقىنى،تەشكلىنىڭ ئويلىنىپ بېقىشى›› يېزىلغان ئىلتماسنى ئېلىپ ناھيىگە يۇرۇپ كەتكەن ئىدى.
ئاھ خۇداھ،دوستۇمغا ئاللاھ ئۆزۈڭ يار بولارسەن،خەلىقىم دوستۇم يىقلىپ قالسا يۆلەپ قويارسەن.تەشكل ئىنسابقا كېلىپ دوستۇمنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلارسەن.چۈنكى دوستۇم يۇرت،مائارىپ ئۈچۈن ۋاز كېچىشنمۇ بىلگەن ئىدى.ئەمدى تەشكل ئېرشتۇرۇشنمۇ بىلەرسەن!››
مەن ئاخىردا:
-پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مائارىپى ئۈچۈن ئۆزنى قۇربان قىلىشنى بىلىگەن ئاقارتىش ئشلىرىنى ئۆزنىڭ بارلىق ئشلىرىدىن چوڭ كۆرىدىغان بۇنداق ئىنساننىڭ قەدىرىنى بىلىمگەنلەرنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتكە ئاپەت ئىكەنلىكىنى،-دېيىش ئارقىلىق چولتا يېزىلغان ئوشبۇ ‹‹راسىت ئىشلار خاتىرىسى››منى تولۇق ئاياغلاشتۇرماقچىمەن.
-ئولۇغۋار روھىنى ۋە روھىنىڭ ھامسيىسىنى قوغداشنى بىلىمىگەن مىللەت مەڭگۈ خار مىللەتتۇر.(خاتىرەمدىن)
ھەممىڭلارغا ئولۇغ ئاللاھىدىن ھىدايەت،بەخىت،سالامەتلىك،خۇشاللىق تىلەيمەن.
2013-يىلى 11-سېنتەبىر
(مەن دوستۇمنىڭ ھۆكۈمىگە ۋە تاللىشغا ھۆرمەت قىلمەن ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ كۈچىشى ۋە مۇنبىرىمىزدىكى يولى بار قېرىنداش زىياللىرىمدىن دوستۇمغا قولىدىن كېلىدىغان ياردەمى بولسا ئايماسلىقنى تۆۋەنچلىك بىلەن سورايمەن.)

ADAMDAK YAXAYMAN

4

تېما

1

دوست

1357

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   35.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14347
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 61
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 00:18:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپمۇ ئىسىل پەزىلەتلىك ئوقۇتقۇچى ئىكەن ئەپسۇس بەكمۇ ئەپسۇس ئۇلارنىڭ بىلمى بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ ئويلىغىنى بويچە بىر ئىش قىلىش ھوقۇقى يوق. ئۆز ئويلىغىنى بويچە تەربىيلەشكە كۇچى يەتمەيدۇ.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

220

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   73.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12278
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 72
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 03:37:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇئەللىم، يازمىڭىزغا رەھمەت، بەكمۇ تەسىرلەندىم،مەن باشقا ئەلدە بولساممۇ سىلەرگە دۇئا قىلىپ تۇرىمەن،قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەمدە بولىمەن،ئاللاھ سىلەرنى ئامان قىلسۇن!

15

تېما

23

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21829
يازما سانى: 1197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 3420
توردىكى ۋاقتى: 1341
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 09:36:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياتاقلىق مەكتەپتە ئادەم تەربىيلەيمىز دىسىمۇ ئىشەك تەربىيلىنىپ چىقىپ قىلىشى نورمال ئىش، چۇنكى بالىغا ئاتا-ئانىسىلا ياخشى كۈيۈنىدۇ...
بۇلارنىڭ ھەممسى مەكتەپلەرنى قىسقارتىپ ناھىيگە يىغىۋالغاننىڭ ئىششى، يەنە نىم دەيىتتۇق؟...

2

تېما

0

دوست

2310

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19472
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 686
توردىكى ۋاقتى: 104
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 09:46:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   پۇقرانىڭ ئاملسىزلىقىدىن ،بەزىلەر ھەممە ئىشقا  ئامال قىلىۋاتىدۇ . مەنمۇ بىر ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئوغۇل ئوقۇغۇچىسىنىڭ ، 5-يىللقتىكى پالانىنى ساقايتتىم ،ئەمدى 4-يىللقتىكى پوكۇنىنى بىر ساقايتسام بۇلاتتى دىگەن گېپىنى ئاڭلىغان ئىدىم .

1

تېما

1

دوست

1418

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   41.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18527
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 171
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 11:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىڭىز ھەرقانداق        ئادەمنى  ئويغا  سالىدۇ      

لىكىن بۇ  ئىشقا  باش قاتۇرىدىغان    زىيالى    ئەرباپلىرىمىز    نىمە  ئىشلار   بىلەن  ئلدىراش

2

تېما

0

دوست

91

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   30.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22247
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 28
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 11:34:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈرك1 قېرىندىشىمىزغا ئاللا رەھىمەت قىلسۇن!ئاق كۆڭۈلىڭىزگە سەممىي رەھىمەت ئېيتىمەن.ئىلھام بەرگنلىكىڭىزگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت.

0

تېما

7

دوست

2793

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17596
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 832
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2014-7-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-1 12:50:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  اللاھ ئىشىڭلارنى ئاسان قىلسۇن.
  بارلىق ئوقۇتقۇچىلار دوستىڭىزدەك بولسا ھازىرقى ئەھۋالىمىز باشقىچە بولار ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )