سامان يولى مەركىزىدە كۈچلۆك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ئىمپولىس يۇلتۇزى بايقىلىپ،يادرودىكى قارا ئۇڭكۆرنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى ئاشكارىلىدى
سامان يولى مەركىزىدىكى كۈچلۆك ئىمپولىس يولتۇزى بىلەن قارا ئۇڭكۆرنىڭ زىچ مۇناسىۋىتى بار
گىرمانىيە ماكىس پىلانىك رادىئو ئاستىرونۇمىيىسى تەتقىقات ئورنى 14-چىسلا(2013-8-14)بايانات ئېلان قىلىپ،بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەزالىرى قاتناشقان خەلقئاراتەتقىقات گۇرۇپپىسى،سامان يولىنىڭ مەركىزىدە كۈچلۆك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە بىر ئىمپولىس يۇلتۇزنى بايقىغانلىغىنى،بۇ بايقاشنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سامان يولى مەركىزى ۋە قارا ئۇڭكۆرنى تېخمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا چۈشۈنۈشىگە پايدىلىق ئىكەنلىگىنى ئۇقتۇردى.
كەينىدىنلا ئامرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى سامان يولى مەركىزىدىن Xنۇرى ئىمپولىسىنى قوبۇل قىلغانلىغىنى جاكالىدى.شۇنىڭ بىلەن پۆتۆن يەرشارىدىكى تەتقىقات ئورۇنلىرى ئار-ئارقىدىن تىلسىكوپلىرىنى بۇ رايونغا توغۇرلاشتى.بەخىتكە يارىشا گىرمانىيە تەتقىقاتچىلىرى ئىككىنجى قېتىم سىمىسىز رادىئوئارقىلىق،بۇ Xنۇرى ئىمپولىسىنى تارقىتىۋاتقىنى بىر يورۇق ئىمپولىس يولتۇز ئىكەنلىگىنى بايقاشتى.
تونۇشتۇرۇلىشىچە ،بۇ ئىمپولىس يۇلتۇزنىڭ شەرتلىك بەلگىسى PSRJ1745-2900بولۇپ،كۈچلۈك ماگىنىت مەيدانىغا ئىگە ئىكەن.ماگىنىت مەيدانى كۈچلۈكلىگى يەرشارى ماگىنىت مەيدانىنىڭ مىليارىت (100万亿)ھەسسىسىگە توغرا كىلىدىكەن.
سامان يولى مەركىزىگە يېقىن ئورۇنغا جايلاشقان ساگىتتارىئۇس ( "Sagittarius A")يولتۇزلار سىستىمىسىنىڭ مەركىزىدە چوڭ ماسسىلىق بىر قارا ئۇڭكۆر بولۇپ،يېڭى بايقالغان ئىمپولىس يۇلتۇز بىلەن بۇ قارا ئۇڭكۆرنىڭ ئارىلىغى يېرىم يورۇقلۇق يىلىغىمۇ يەتمەيدىكەن.پىلانىك رادىئو تىلسىكوپى ئاستىرونۇمىيىسى تەتقىقات ئورنىدىكى تەتقىقاتچى خادىمىشۇنداق دەيدۇ: كىشىلەر بۇ ئىمپولىس يولتۇزنى سىمسىز رادىئو ئارقىلىق كۇزۇتۆپ،سامان يولى مەركىزى ئەتراپىدىكى گاز جىسىملاردىكى ماگىنىت مەيدانىنى ،قارا ئۇڭكۆر ماسسسىنىڭ ئېشىشىنى،قارا ئۇڭكۆر ئەتراپىدىكى پۇركەلمە ئېقىم ۋە X نۇرى رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ئەھۋالىنى بېۋاستە ئۆلچەپ چىقالايدۇ.
مەنبە:
|