- تىزىملاتقان
- 2012-8-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-9-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 744
- نادىر
- 0
- يازما
- 16
ئۆسۈش
  48.8%
|
ئاۋال ئاكىمىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقىتىنى چىقىرىپ، خەلقىمىزگە بولۇپمۇ ياشلارغا ئىلھام ۋە ئۈمىد نۇرلىرىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر بىلدۈرىمەن. ئاكىمىز ماقالىسىدا قەيىت قىلىپ ئۆتكىنىدەك ھايات ئۆز قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرمەتمەيدۇ. پاكلىق بىلەن رەزىللىك،گۈزەللىك بىلەن ۋەھشىيلىك،ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق مەڭگگۈ كۈرەش قىلىۋېرىدۇ. كۈرەش مەيدانىنى تاللىماي، ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ ئالقىنىغا قويۇش بىچارىلىكتىن ،ئۆز ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىشتىن دىرەك بېرىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ئۈزلىكسىز تىرىشچانلىق ۋە تىز پۈكمەس ئىرادە بىلەن ياشىغاندىلا باشقىلارنىڭ ئىتراپ قىلىشىغا، ھۆرمىتىگە ۋە قايىللىقىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. مايسەم ھەدىمىز بىلەن فەرۇقنىڭ مىسالى دەل بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. ئامىركىلىق، نېمىس، يەھۇدى قىلالىغاننى، ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنتىمۇ قىلالايدۇ. يۈكسەك ئىرادە ۋە ئۈمىد لام بولىدىكەن يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق، ئاشقىلى بولمايدىغان داۋان بولمايدۇ.
ئاخىرىدا فەرۇقنى ۋە مايسەم ھەدىمىزنى تەربىيلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك پەرزەنلىرى قىلىپ بەرگەن، ئۇلارنىڭ جاپاكەش،مىھنەتكەش ۋە قەدىردان ئاتا-ئانىلىرىغا سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن. ھەمدە ئۆز قەلىمى ئارقىلىق ياشلىرىمىزغا ئۈمىد ۋە ھاياتى كۈچ ئېلىپ كىلۋاتقان قەيسەر ئاكىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخىت ۋە خۇشاللىق تىلەيمەن. قەلىمىڭىز ھارمىغاي ئاكا! ئۆلمەس نادىر ئەسەرلىرىڭىزگە داۋاملىق تەشنامىز!
|
|