- تىزىملاتقان
- 2011-10-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 438
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
  69%
|
راسىت ھازىر دىمىسمۇ ئەرلەرنىڭ بۇرۇنقى ئىمتىيازىدا ئۆزگىرىش بولدى،بۇرۇنقى نۇقۇل قول بىلەن كۈچكە تاينىپ قىلىدىغان ئىشلارنىڭ خىلى نۇرغۇنلىرى ھازىر ماشنا ئارقىلىق بىر تەرەپ بولدىغان،بۇرۇنقى ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ قامداشنىڭ ئاساسلىق ۋەزىيپىسى ئەرلەردە بولسا ھازىر ئاياللارمۇ ئوخشاشلا بۇ مەسئۇليەتنىڭ ھۆددىسدىن چىقىدىغان،بۇلۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى بىر قسىم ئەرلەردە مەسئۇليەتنڭ بولماسلىقى ھەم شۇنداقلا ئەر ئايال باراۋەرلىكىنى قارغۇلارچە قوغلاشقان بىر قىسىم جىدەلخور خۇتۇنلارنىڭ،ھەم بىر قىسىم بىلى بوش ئەرلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئۆرۈك -ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بۇپتۇ دەپ ئائىلدىكى ئەركىن ئاياللارنى دورايدىغانلار كۆپىيىپ،چەتئەلنىڭ كىنولىرنى دوراپ ئاللىقانداق بىر ئىشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىشدۇ،
گاھىدا ئويلاپ قالىمەن،مۇشۇ يېزىلاردىكى ئاياللار ئەرلىرىنى ئۆيدە قالدۇرۇپ،ئاياللارنىڭ قاتار چايلىرىغا قاتناشقىلى شەھەردىكى رىستۇرانلارغا باردىكەن،توۋا دەپ قالىمەن،قانداق خاتىرجەم بۇلۇپ ماڭدۇرالايدىغاندۇ دەپ،خىزمەتداشلىرىممۇ مىنى سەل قوپال،خۇراپى،ئىدىيسى ئازات بولمىغان دىگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ قويىدۇ،ئايالىممۇ بۇرۇن نارازى ئىدى،ھازىر سەۋىيەسى ئۆسۈپ قالدىمۇ ماڭا تۇللۇق ماسىلىشىدىغان بولدى،تۇرمۇشتا بىر قىسىم خاتالىقلارغا بىرىنچى قېتىم يول قۇيۇلسا بۇ خاتالىق قايتا تەكرارلىندىكەن،ئەگەر قانداق ھادىسە يۈز بېرىشدىن ئەنسىرمەي تۇرۇپ،خاتالىققا يول قۇيۇلمىسا ئايالىمىزنىڭ قاپىقى چۈشۈپ،كۆڭلى يېرىم بۇلۇپ قالسا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ ماڭساق بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بىز ئاياللارغا ئەمەس بەلكى ئاياللار بىزگە ماسلىشىدىكەن،بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەرلەردە مەسئۇليەت تۇيغۇسى بۇلۇشى،ئىشلارغا ئەستايىدىل مۇئاملە قىلىشى،كەسكىن بۇلۇشى،قەھىرمۇ،زەھىرمۇ بۇلۇشى،بىراۋنى كۈلدۈرۈشنىمۇ،يىغلىتىشنىمۇ بىلىشى كېرەككەن. |
|