- تىزىملاتقان
- 2012-4-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2222
- نادىر
- 0
- يازما
- 85
ئۆسۈش
  7.4%
|

يادنامە
بۈگۈن 2013-يىلى 9-ئاينىڭ28-كۈنى.
بەلىكىم تارىختىكى مۇشۇ كۈن تالاي ۋەقەلەرگە شاھىتتۇر.1933-يىلى مۇشۇ كۈندە جوڭگو ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر ئالىمى،ئۇيغۇر ئىجتىمائىيەت،ئادىمىيەت ئىلىملىرىنىڭ بەرپاچىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن دۇنياغا كەلگەن.بۇگۈن بىز ئالىم تۇغۇلغانلىنقىنىڭ 80 يىللىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇپتىمىز.
بىر نۇرمال جەمىئەت ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئىلىم سەرخللىرىنى تەتقىق قىلىش،ئۇلارنى يادلاپ تۇرۇش،ئۇلارنىڭ بىباھا ئۈگۈتلىرىنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ماياك قىلىش تولىمۇ ئەقەللىي بىر ئىش ئىدى.بۈگۈنكى كۈندە ئاكادىمىيەلەر،تەتقىقات ئورۇنلىرى.ئۇنۋىرستىتلار،مەكتەپلەر ئالىم ئۈچۈن داغدۇغلۇق پائالىيەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرسا تامامەن نورمال ھادىسە ئىدى.ئەمما بىز ئۇنداق مەنزىرلەرنى كۆرەلمىدۇق.
نەچچە كۈنلەردىن بۇيان،مەن توردا ئىزچىل ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا ئاتاپ ماقالىلەرنى ئىلان قىلدىم ھەم مۇشۇ ئارقىلىق ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى ئالدىن تەبرىكلىدىم.بۇ جەرياندا تورداشلار ناھايىتى ياخشى باھالارنى ۋە تەكلىپلەرنى بەردى.بىر نەچچە ماقالەمنى مىسرانىم،باغداش،يازغۇچىلار،ئەلكۈيى قاتارلىق مۇنبەرلەرگە بىراقلا چىقاردىم.مۇشۇ باھانىدە نۇرغۇن ياخشى دۇستلار بىلەن تونۇشتۇم.يېڭى قۇرۇلغان بىر نەچچە تور بەتنىڭ مەسئوللىرى ماڭا تېلفون قىلىپ،يېڭى ماقالىلىرىم ئارقىلىق ئۆزلىرىنى قوللىشىمىنى تەۋسىيە قىلدى.مەن بۇنىڭدىن سۆيۈندۇم ھەم ماقۇل بولدۇم.
ئەسلى بۇ ماقالىلىرىم مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىش ئۈچۈن يېزىلغاندى.ئەمما نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى،ئەڭ مۇھىمى ئالىمىنى خاتىرلەش كۈنىنىڭ قىستاپ قىلشى بىلەن توردىلا ئىلان قىلۋەتتىم.كۈنىمىزدە ئۇيغۇر تورلىرى ناھايىتى جانلانماقتا.مەتبۇئات مۇستەبىتلىكىگە سېلىشتۇرغاندا،تور ئەركىن بىر دۇنياغا ئايلاندى.كىشلەرگە پىكىر قىلىش بوشلۇقى بەردى.ھەر قانداق بىر ئىشنى زور دەرىجىدە ئاممىۋىلاشتۇردى.مېنىڭچە،مەتبۇئات مۇھەررىرلىرى ئەمدى ئۆزىنىڭ مۇتئەسىب ۋە بىيۇكىرات ئىديىسىنى ئۆزگەرتىشى لازىم.ئۇلار تور دۇنياسىغا دائىم نەزەر سېلىپ تۇرۇشى،ياخشى ئەسەرلەرنى توردىنمۇ تاللىشى كىرەك.بۈگۈن بىز تور دۇنياسىدا ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرلەپ ئولتۇرۇپتىمىز.تورداشلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىردىغانلىقىغا ئىشنىمەن.
ئاللاھ ئالىمغا جەننەت ئاتا قىلغاي!!! |
|