شىركەتنىڭ قۇدرىتى-10 قىسىملىق ئۇيغۇرچە
ھۆججەتلىك فىلىم
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،قېرىنداشلار!
شىركەت بىر جەمىيەت، بىر قەۋىم تەرەققىياتىدىكى ئەڭ جانلىق،ئەڭ ھەرىكەتچان،كەڭ ئاممىۋىلىققا ئىگە بىر ھۈجەيرە بولۇپ بىر دۆلەت بىر رايۇننىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆلچەشتە شۇ رايۇنلاردىكى شىركەتلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتى ئاساسىي ئۆلچەملەرنىڭ بىرىدۇر.
دىيارىمىزدا شىركەت قۇرۇش ئاكا-ئۇكا موسابايۇفلار تەرىپىدىن باشلانغان بولۇپ يۈز نەچچە يىللىق تارىخى بولسىمۇ تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن دۇنياۋىي شۆھرەتكە ئىگە شىركەتلەر تېخى ۋۇجۇدقا كەلمىدى.لىكىن.ھەممىمىز بۇ ئىشلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرساق توختىماي ئۆگەنسەك، ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ يۈرەكلىك ئاتلانساق يېقىن كەلگۈسىدە ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.
ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان مىللىي شىركەتلەر تېز تەرەققىي قىلماقتا.....
لېكىن بىزنىڭ كۆپ قىسىم قېرىنداشلىرىمىز <<شىركەت>>تىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئۈستىدە يىتەرلىك تۇنۇشقا ئىگە بولالمايۋاتىدۇ ھەم شىركەت قۇرۇشتا ئارىسالدى بولىدىغان،شىركەتلەرنى قۇرۇشتا ئۆزىدە شارائىت يوقتەك ئويلايدىغان.......تۈرلۈك ئەھۋاللار بار.
خۇلاسە كالام:
ھەممىمىز شىركەتنى چۈشىنەيلى،شىركەت قۇرايلى،قۇرۇلغان شىركەتلەرنى ئىمانىمىز،بارلىق كۈچىمىز بىلەن قوللايلى،مەدەت بېرەيلى،مەبلەغ سالايلى.دىيارىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى بالداققا چىقىرايلى.بىزدىكى قېنىمىزدا بار بولغان تىجارەت ھۈجەيرىسىنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرەيلى.....
1.قىسىم-شىركەتنىڭ قۇدرىتى
2. .قىسىم:بازار چەكسىز
3. قىسىم-رىقابەت دەۋرى
4. قىسىم-تەرەققىيات قايغۇسى
5. قىسىم-كىرزىسلىق دەقىقىلەر
6. قىسىم-كىم ھۇقۇقدار؟
7. .قىسىم-ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۈرۈش
8. قىسىم-يىڭىلىق ئاۋانگارتلىرى
8-قىسمى ئۆچۈرۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،چىقمايدىكەن!
9. قىسىم-ئۆزىگە ئۆزى بەگ بولۇش
10. قىسىم-يەر شارى چەكسىزدۇر
مەنبە:يوۋكو تورى
بىلكان پەن-تېخنىكا چەكلىك-مەسئۇلىيەت شىركىتى تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان
تارقاتقۇچى:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.COM
|