- تىزىملاتقان
- 2013-2-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2528
- نادىر
- 0
- يازما
- 213
ئۆسۈش
  17.6%
|
جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گېڭ يەنشىڭ 26-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، جۇڭگو ئارمىيىسى پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ، پاكىستاننى زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئارمىيىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئالاقىدار ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.
پاكىستان بالۇچىستان ئۆلكىسىدە 24-چېسلا 7.7 بال كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، زور دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈپ-يارىلىنىش ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
گېڭ يەنشىڭ، جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە ئازادلىق ئارمىيىدىكى پۈتۈن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر يەر تەۋرەشتە قازا قىلغۇچىلارغا بولغان چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ شۇنداقلا قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. دۆلەت ئىشلىرى كومىتېت ئەزاسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۈەن بىلەن باش مەسلىھەتچى ۋاڭ ۋىڭخۈي ئايرىم-ئايرىم ھالدا پاكىستان باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شېرىپ ۋە شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمىسى رەئىسى ۋاينېغا تېلېگرامما يوللاپ ھال سورىغان.
ئۇ، جۇڭگو ئارمىيىسى پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ پاكىستاننى زۆرۈر بولغان ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ شۇنداقلا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە مۇناسىۋەتلىك ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، دەپ بىلدۈرگەن.
|
|