- تىزىملاتقان
- 2013-3-29
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1661
- نادىر
- 0
- يازما
- 290
ئۆسۈش
  66.1%
|
مائاشنىڭ تۈۋەنلىكى بۇ بىر ھەقىقەت ،بىراق 90%تىن كۆپ ئوقۇتقۇچى مائاش ئۈچۈنلا خىزمەت قىلمايدۇ .ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنىڭ تۈۋەن بولۇپ كىتىشى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىلىمسزلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى ئوقۇتۇش ئېلىپ بارغۇدەك مائارپنىڭ بولمىغانلىقىدىن كىلىپ چىقىۋاتىدۇ ؟قېنى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى شەھەر ،ۋىلايەت ،ناھىيلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ھەق گەپنى قىلىپ بېقىڭلا ،قايسى بىر رەھبەر ياكى قايسى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇن مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى ھەقىقى تەكشۈرۈپ باقتى ؟ئۇلارنىڭ تەكشۈردىغىنى ئايىغى چىقماس ماتىريال ،ئارخىپ .ئەگەر شۇنىڭدىن چاتاق چىقسا رەھبەر شوجاڭنى جايلايدۇ ،شوجاڭ نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ مۇئەللىمنى جايلايدۇ .مۇئەللىم نىمىنى جايلايدۇ ؟ئوقۇغۇچىنى جايلاي دىسە ئوقۇغۇچىدا گۇناھ يوق ،شۇڭا ئوقۇتۇش بىلەن كارى ماتىريالنى جايلايدۇ .مۇئەللىم پەقەت ماتىريالنى جايلاپ قويسىلا ھەممە ئىش ،ياخشى ،تېخى يىل ئاخىرغىچە بىرەر سائەت دەرىسنى قېتىرقىنىپ ئۆتمىسىمۇ ،ماتىريال ياخشى بولسا «ئىلغار خىزمەتچى ،ئوقۇتۇش خىزمىتىدىكى ئىلغار شەخس »بولۇپ باھالىنىپ تۇرىدۇ ،ئۇنداق ئەمەسمۇ يا مۇئەللىملەر ؟ |
|