- تىزىملاتقان
- 2013-5-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-11-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 238
- نادىر
- 0
- يازما
- 10
ئۆسۈش
  79.33%
|
ماتىمىنى بەزەنلىرىڭلار ئوبدان چۈشەنمەپسىلەر، بۇتىمىدىكى زىكىر قىلىنغان قۇيمىچى بۇرۇن 49- 50- يىللاردا ۋەتەندىن ھەرەمگە بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغا، رەسمى سەئۇدى پۇخراسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىن چىققان. ناھايتى ئاز نەچچە مىڭنىڭ ئىچىدىن بىرە تال چىقىپ قالغان نىجىس كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشىدۇر، ھەر يەردە ئەسكىمۇ بار ئوبدانمۇ بار بۇ قانۇنىيەت، رەسۇلۇللاھ دەك زاتلارمۇ مەككىدىن چىقتى، ئەبۇ جەھلىدەك ئادەك ئادەممۇ مەككىدىن چىقتى ئەمەسمۇ، ئەجەپلىنىپ كىتىش ھاجەتسىز، بۇ قۇيمىچىلارنىڭ ساددا قېرىنداشلىرىنى ئالداۋاتقان ئىشىغا، ھەرەمدىكى ياخشى ئۇيغۇر ئۇلۇمالار بىر لىشىپ پىكىر قىلىپ ئالاھىدە مۇشۇ بەدەل ھەج توغۇرلۇق بىر كىتاپ چىقاردى، شۇ سەۋەپتىن بۇ ئۇلۇمالارنى مەخسۇس قۇرئان ئوقۇيدىغان رادىيۇ، قانىلىنىڭ ھەپتىدە بىر سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان تاڭ سەھەر پىرگىراممىسى مۇخبىرلىرى بۇلارنى زىيارەت قىلدى، مەن بۇ تىمىنى ، زىنا ھەققىدىكى تىما بىلەن بىللە يۇللىغان ئىدىم، بۇ تىما ئوبدان يوللانمىدىمۇ تاڭ كۇرىنمىدى، زىنا ھەققىدىكىسى، بىردەم كۇرنۇپ ئۈچۈرىلدى ، ھەنىم بولسا ما قېرىندىشىم يۇللاپ ئوبدان قىپتۇ بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك ، مىنىڭمۇ ئاچام ، ئۈچ يىل ئالدىدا ھەرەمگە بېرىپ چۇڭ دادام چۇڭ ئانام بوۋاملارنىڭ بەدەل ھەج ئۈچۈن ئونمىڭ دوللارنى بىرىپ كەپتۇ، مەندىن مەسلەھەت سۆرغان بولسا ھەرگىز قويمايتىم، ھەج دىگەن بېرىشقا قادىر بۇلالماي ئۆلۇپ كەتكەن ئادەمدىن سوراق سۇئال قىلىنمايدۇ. ئەمەسمۇ ، بۇنىڭغا پۇل بەرگەن كىشىلەرنىڭ دىنى بىلىمى بولمىغاندىكىن شۇڭا ئالدىنىپ كىتىدۇ. |
|