- تىزىملاتقان
- 2013-3-15
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-12
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 6676
- نادىر
- 0
- يازما
- 709
ئۆسۈش
  33.52%
|
ھەر ئايدا ، مىليونلىغان كىشىلەر تېخىمۇ چوڭ، سۈرئىتى تىز، يىنىك ھەم چىرايلىق تېلىغۇنغا ئىرىشىش ئۈچۇن يېڭىنى سېتىۋېلىپ كونىسىنى تاشلايدۇ. ئەمەلىيەتتە پەقەت بىرلا ئىقتىدارى زاماندىن قالغان بۇلىشى مۇمكىن، مۇشۇ بىر سەۋەبكە كۆرە پۈتۈن بىر يانغۇن ئالماشتۇرىلىدۇ. سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا مۇشۇ سەۋەبتىنلا دۇنيادا ھەريىلى ئېلىكتۇرۇنلۇق ئەخلەتلەر نەچچە مىليون توننا بارلىققا كەلگەن، ھەمدە يانغۇن تۈپەيلى قۇشۇلىۋاتقان مۇشۇ تۈردىكى ئەخلەتلەر يىلغا 2-3% لىك سۈرئەت بىلەن كۆپىيىۋېتىپتۇ. مۇشۇ خىل ئەھۋالدا يېڭى بىر خىل ئەقلىيغۇن ئۇقۇمى مەيدانغا كەلدى، تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئۇقۇم تېلىغۇنى Phoneblock (كۆپ بۆلەكلىك يانغۇن دەم تەرجىمە قىلدىم ) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇقۇمدا ئەقلىيغۇننىڭ سىمسىز تور قىسمى، كۆك چىش، ساقلىغۇچ، باتارىيە، بىرتەرەپ قىلغۇچ- ھەممە قىسمىبىرلىشىپ پۇتۇن بىر يانغوننى تەشكىل قىلىدۇ (ئەلۋەتتە ھازىرمۇ شۇ، كەينىنى ئۇقۇڭ)، بۇلارنى يەككە ھالدا دەرىجىسىنى كۆتەرگىلى ياكى پۈتۇنلەي يەڭگۈشلىگىلى بۇلىدۇ. سىز ئەگەر يانغوننىڭ سۈرەت تارتىشى ياخشى ئەمەس دەپ قارىسڭىز شۇ بۆلىكىنى سىز ياقتۇرغانغا ئالماشتۇرۋالسىڭىز بۇلىدۇ. ئەلۋەتتە بارلىق باشقا قىسىملىرىنىمۇ مۇشۇنداق قىلغىلى بۇلىدۇ. كىچىككىنە بىر تەرىپىنى دەپ پۈتۇن يانغوننى ئالماشتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ خىل ئۇقۇمنى گوللاندىيەلىك لاھىيەلىگۈچى Dave Hakken ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە بۇ خىل يانغون ئېلىكتۇرۇنلۇق ئەخلەتلەرنى زور دەرىجىدە ئازايتالايدۇ، ھەمدە ئىستىمالچىلارنى توختىماي يانغون ئالماشتۇرۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە بەزى مۇناسىۋەتلىك شەخسلەر بۇنىڭ ئېلىكتورونلۇق ئەخلەتنى ئازايتماي ئەكسىچە كۆپەيتىدۇ دەپ قارايدىكەن. ھازىر Dave Hakken بۇنى تەتقىق قېلىۋېتىپتۇ. مىنىڭچە 2-3 يىلغىچە بەلكىم بازارغا چىقىپمۇ قالىدۇ.
مەنبە google دىن Phoneblock دەپ ئىزدىسڭىز لىققىدە.
|
-
تەسۋىرىي رەسىمى
|