- تىزىملاتقان
- 2013-9-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2365
- نادىر
- 0
- يازما
- 200
ئۆسۈش
  12.17%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tenha_roh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-22 21:13
مۇشۇلار قالغان دېگىنىڭىز نېمىسى بۇلار جەمىئىيەتتە ئاللىبۇرۇن ھەرخىل سۆز چۆچەكلەرنىڭ ئوبىكتى بولمىغان ئادەملەر ئەمەسقۇ ؟ جەمىئىيەتتىكى ئاغزاكى سۆز چۆچەكلەردىن پەرقى شۇكى يۇقارقى ماقالىدە بىر قەدەر كونكىرت ھەم ئوبىكتىپ پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ .بۇ شۇ سەنئەتكارلارنىڭ ئىلگىلىرىشىدە پايدىلىق .
مېنىڭچە بىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم شېئىرلىرىمىز جۈملىدىن مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان شېئىرلىرى مەزمۇنى پۇچەك ،قۇرۇق ئىدىيىۋىلىك قوغلىشىپ ئېنسان تەبىئىتىگە ئورۇن بېرىلمىگەن ، شەكىلگە ئەھمىيەت بېرىلىپ ماھىيەتكە ئەھمىيەت بېرىلمىگەن شوئارۋاز شېئىرلار دەپ قارايمەن . بۇ بەلكىم خەلقىمىزنىڭ سەنئەتتىن زوقلىنىش پىسخىكىسىنىڭ مەدىنىيەت ئېنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدە بارغانچە ئاممىبابلىشىپ ،تىيىزلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كېرەك . 12 مۇقامنىڭ تىكىستلىرىگە قاراپ باقايلى . ئۇنىڭدىكى مەزمۇندىكى تىرەنلىك ،شېئىرى تۈزۈلۈشتىكى گۈزەللىك كىشىنى مەپتۇن قىلسا ،مەنادىكى كەڭلىك ئاڭلىغان ئادەمنى تەپەككۈر قلىشقا ئۈندەيدۇ ، ھەرگىزمۇ ھەممە گەپنى ئاغزىغا چايناپ سېلىپ بەرمەيدۇ . بۈگۈنكى دەۋىردە نىمە ئۈچۈن شائىرلىرىمىزنىڭ سەنئەت قارىشى يۈكسەلمەي ئارقىدا قالدى ؟!
بىزنىڭ ھازىرقى كۆپ قىسىم پىشقەدەم شائىرلىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ياشلىق مەزگىلى مەدىنىيەت ئېنقىلاۋىدا شوئار يادلاش بىلەن ئۆتكەن .گەرچە ئۇلار ئۇ چاغدىكى ئىشلاردىن بىزار بولسىمۇ ئەمما تەپەككۈر قىلىش ئۇسۇلى شۇ دەۋىردە ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغان . شۇڭاھازىر يازغان شېئىرلىرىمۇ مەدىنىيەت ئېنقىلاۋىنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغان شوئار خاراكتېرىدە يېزىلغان بولغاشقا ناخشا قىلىپ ئېيتىلسىمۇ بىز مەزگىل كىشىلەر ياقتۇرغاندەك قىلىنسىمۇ بەك ئاسانلا كىشلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتىرىلىپ كېتىدۇ . |
|