جىياڭ جېيشىنىڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئاخىرقى 41 سائىتى
(ياسىن ئەيسا تەرجىمىسى)
1941-يىل 8-دېكابىر كەچ سائەت توققۇزدا ، چىڭدۇنىڭ قىش كېچىسى قاپقاراڭغۇ بۇلۇپ ، يا شامالدىن يا يامغۇردىن دېرەك يوق ئىدى . پۈتۈن شەھەر چەكسىز جىمجىت بولسىمۇ ، بىراق ئەندىشچىلىك قاپلاپ كەتكەن ئىدى . ماۋزېدوڭ بېيپىڭدا گىگانىت قولىنى بىر شىلتىشى بىلەن ، ئازادلىق ئارمىيە خۇددى غازاڭلارنى سۈپۈرۈپ ماڭغان كۈز شامىلىدەك جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىنى قاپلىغان ئىدى . جياڭ جېيشىنىڭ <<مىلللى ھۆكىمىتى>> نەنجىڭدىن گۇاڭجۇغا كۆچتى ، گۇاڭجۇدىن يەنە چۇڭچىڭغا كۆچتى . بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا چۇڭچىڭ قولدىن كېتىپ ،<<مىللى ھۆكىمەت >> يەنە كۆچۈپ چىڭدۇغا كەلدى ، شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭنىڭ گومىنداڭنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تەسىر دائىرسى غەربىي جەنۇبتىكى مۇشۇ بىر پارچە زېمىندىلا قالغانىدى .
جياڭ جېيشىنىڭ چىڭدۇغا كەلگىنىگە توققۇز كۈن بولغان بولسىمۇ ، لىكىن بىرەر كۈنمۇ خاتىرجەم ياشىيالمىدى . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ، مەكتەپتىن كەلگەن مەلۇمات ، جياڭجېيشىنىڭ تېنىنى جۇزۇلدىتىۋەتتى : سائەت 18 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ، خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىنىڭ ئابرويلۇق زاتلىرىدىن بىرى ، كادىرلار بۆلىمىنىڭ باشلىقى ۋىن يۈي ، ئىشخانىسىدا قولىدا سۈن جۇڭسەن ئەپەندىنىڭ ۋەسىيتىنى تۇتقان ھالدا ناترىي يودىد ئىچىپ ئۆلىۋالغانىدى .
جياڭ جېيشى نېمىنىڭ تۈگىمەس تەشۋىشتە قېلىش ئىكەنلىكىنى ، قۇدرەتلىك كۈچ ئالدىدا تىرە-پىرەن بولماق ،دېگەنننىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ، نېمىنىڭ ھالاكەت يولىغا كىرىپ قېلىش ئىكەنلىكىنى توساتتىن چۈشەنەنگەندەك بولدى . ئۇنىڭ بىئارام كۆڭلى بىردەمدىلا تىنجىغاندەك بولدى - دە ، قولىغا ئىستاكاننى ئېلىپ چايدىن بىر يۇتۇم ئوتلىۋېلىپ ، پەنچىرە قېشىغا باردى .
__دادا ، نېمە كۆرىۋاتىسىز ؟ __دېدى ئوغلى جياڭ جىڭگو ئۇنىڭ كەينىدە تۇرغىنىچە . جياڭ جېيشى ئارقىسىغا ئاستا بۇرۇلدى .
نېمە كۆرىۋاتىسەن - ، دەمسەن ؟ ئاۋۇ جەسەتلەرنى كۆرەيمۇ ياكى تىمتاس تۈننىمۇ ؟ __ جياڭ جېيشى نېمە دېيىشنى بىلمەي قالغانىدى .
__ئولتۇر ، جيەنفىڭ ، - جياڭ جېيشىمۇ تەڭلا ئولتۇردى . ئۇ گويا چىڭدۇنىڭ قاتمۇ-قات مۇھاسىرىدە قالغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ، نۇرغۇنلىغان خاپىلىقلار ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەردىن خالاس بولغاندەك ، ئوغلى بىلەن بىر قانچە مەسلە ئۈستىدە ئىزدەنمەكچى بولغان ئىدى . جياڭ جېيشى تۇغما گۇمانخور بۇلۇپ ، ھېچقانداق ئادەمگە ئىشەنمەيتى ، پەقەت مۇشۇ چوڭ ئوغلىغىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى .
سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ ، ماركىسىزىم تەربىيسىنى 12 يىل قۇبۇل قىلغان بۇ پولشىېۋىك ، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۈچ مەسلەكنى تۇلۇۇق چۈشەنگەن ھەم ئۇستىلىق بىلەن ماسلاشقان ئىدى . جياڭ جېيشى ھەر دائىم چوڭ-چوڭ ئىشلارغا دۇچ كەلگەندە ، ئوغلى بىلەن مەسلىھەتلىشەتتى ، جياڭ جىڭگومۇ تەدرىجىي رەۋىشتە ئۇنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئەڭ يېقىن سىردىشى بوپ قالغان ئىدى .
__ يۈننەن ، شىكاڭلارغا ئىشەنگىلى بولارمۇ ؟ __جياڭ جېيشى كەلگۈسىگە قارىتا كۆڭلىدە ئېنىق سان بولمىسىمۇ لېكىن يەنىلا ئاز تولا ئۈمۈد كۈتەتتى .
مېنىڭچە ئىشەنچىلىك ئەمەس ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە تەرەپكە ئۈتۈپ بولدى .
__ ئۇنداقتا ، __ جياڭ جېيشى بىر ھازاغىچە ئويلاپ تۇرۇپ قالدى ، __ چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئۈمۈد قالماپتۇ - دە ؟
__ شۇنداق دادا ، __ جياڭ جىڭگوڭ ئاتىسىنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆز قارشىنى يۇشۇرمىغانىدى .
__ بوپتۇ ، ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن بۇ تەنزىنى ، ئاش دەپ ئاغزىنى ھاڭ ئېچىپ تۇرغان 450 مىليۇن ئادەمنى كومپارتىيەگە تاشلاپ كېتەيلى ، ئۇلار بىر نەچچە يىلغا بارماستىنلا گۇمران بولىدۇ ؛ __ جياڭ جېيشى ئاغزىدا شۇنداق دېسىمۇ ، لېكىن كۆڭلىدە ئۈمۈدىنى تېخى تامامەن ئۈزىۋەتمىگەنىدى .
__ ئۇنداق بۇلىشى ناتايىن ، دادا ، كومپارتىيە خەلق ئاممىسىنى ئۇيۇشتۇرۇشقا بەك ئېتبار بىلەن قارايدۇ ، بۇلۇپمۇ جۇڭگو دېھقانلىرى ........
__ دېھقانلار ! __ جياڭ جېيشى ئوغلىنىڭ گېپىنى ئۈزىۋەتتى . گەپ ئەغزىغا كەپلىشىپ قېلىپ ئاخىرىنى چىقىرالمىدى . بىر نەچچە ئايدىن بۇيان ، ئۇ ئۆزىنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى خاتالىقلىرى ۋە مەغلۇبىيتى ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىپ ، ئاخىرى مۇشۇ بىر مەسلىگە يىغىنچاقلىغانىدى . ماۋزېدوڭدىن ئىبارەت ئۆزىدىن ئالتە ياش كىچىك بۇ <<سەھرالىق>> نى ئۇ ئىزچىل تۈدە كۆزگە ئىلماي كەلگەن ، ئۇ بۇ بىر دېھقان بالىسىنى جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچرايدىغان باندېتلاردەك كۆرۈپ كەلگەن ئىدى . ۋەھالەنكى جۇڭگونىڭ قىرىق يىللىق تارىخىنىڭ يېقىنقى قىسقىغىنا ئۈچ يىلنى ماۋزېدوڭ ئۆزگەرتىپ يېزىپ چىققان ، جياڭ جېيشىنىڭ سەككىز مىليۇن ئارمىيسىدىن ھېچقانچە قالمىغانىدى .
ئەدەبىي تەرجىمىلەردىن ئېلىندى . باشقىلارنىڭ بۇ تېمىنى روخسەتسىز كۆچۈرۈشىگە بولمايدۇ .
ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ
|