- تىزىملاتقان
- 2013-5-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10719
- نادىر
- 0
- يازما
- 586
ئۆسۈش
  1.8%
|
يۇقىرىدا ئېيتىلغان سۆزلەر ھەقىقەتەنمۇ راسىت .
بىزنىڭ يۇرىتتا بىز ياشانغان دوختۇر ( دوراپۇرۇش ) بار ، 2011 يىلى ئوغلۇمغا دورا ئېلىش ئۈچۈن يېنىغا بارغان ئىدىم ، يېنىغا كىرسەم 5-6 دەك ئوتتۇرا ياش ئاياللار بار ئىكەن ، بىردەم يېنىدا ئولتۇردۇم ،
بىرىنچىسىنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كىيىن ئېغىر دەرىجىدە بۆرەك زەئىپلىشىش دەپ دىئاگىنوز قويدى .
ئىككىنچىسىگىمۇ بۆرەك زەئىپلىشىش دەپ دىئاگىنوز قويدى .
ئارىدىن يەنە بىرەيلەنگىمۇ شۇنداقراق گەپنى قىلدى ،
نۆۋەت ماڭا كەلدى ، ئاۋال مەن گەپ سورىدىم ،
-- دوختۇركا ، مۇشۇ ئاياللارمۇ بۆرەك كېسىلى بۇلامدۇ؟ دەپ سورىدىم، ئەجەپلىنىپ .
-- ۋاي ئۇكام ئۇنى بىردىمەڭ ،
بۇ كېسەللىك يىمەك - ئىچمەك ، بۇلۇپمۇ مۇشۇ مىۋە - چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىشىمىزدىن بۇلىۋاتىدۇ .
تېخمۇ ئەجەپلەندىم ،
-- بۇ، بۇ نىمە گەپ ئۆزى .
-- بىز بازاردىن مىۋە سېتىۋالساق ئادەتتە ئەڭ ئوخشىغان بېلەنلىرىنى تاللاپ سېتىۋالىمىز ، مىۋە قانچىكى ئوخشايدىكەن ئۇنىڭ زەھىرىمۇ شۇنچە كۆپ بۇلىدۇ ،
شۇ مىۋىگە زەھەرلىك دورىنى كۆپ مىقداردا چاچقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق بەك ئوخشايدۇ ، شۇنىڭ بىلەن زەھەر ئاستا - ئاستا بۆرەككە يىغىلىپ ، بۆرەك زەئىپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
قايىللىقىمدىن بېشىمنى لىڭشىتتىم .
قاتتىق ئۇھسىندىم .
دورامنى ئېلىپ سالپايغانچە چىقىپ كەتتىم .
مانا مۇشنچىلىك ئىكەن قېرىنداشلار .
ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر بۇلۇپمۇ بەسەيلەر مىۋىلەرگە زەھەرلىك دورىلارنى ھەددىدىن زىيادە ئارتۇق ئىشلىتىدۇ ، رايۇنىمىز تەكشۈرگۈچىللىرىنىڭ ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا ،
بۇ ئىشنى تەكشۈرەيدىغان بىرمۇ ئورۇن يوق .
پەقەت سىز ئىستىمال قىلىپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئۆلمىسىڭىزلا ئۇلار ئۈچۈن ھىچ گەپ ئەمەس .
|
|