قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 7

قۇتتېكىن: كۆز يېشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

11

دوست

3510

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21721
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 74
تۆھپە : 1090
توردىكى ۋاقتى: 127
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 23:36:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆز يېشى
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن


      ئۇزۇندىن بېرى ئىچىمدە بىر غەم مېنى بەكلا ئازاپلاپ كەلدى.تۇرمۇش گەرچە شۇنچە خۇشال،كۈنلىرىم بەخىتلىك ئۆتىۋاتقان بولسىمۇ لېكىن كۆڭلۈم يەنىلا شۇنچە يېرىم،ھەرداۋام ئېچىمدىن يېغا قايناپلا تۇرىدۇ.مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى زادىلا تاپالمىدىم.دۇختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىشنىمۇ ئويلىدىم،لېكىن نېمىگە قارىتا تەكشۈرتىشنى زادى بىلەلمىدىم.ئۈزۈم ئۈستىدە قاتتىق ئويلاندىم،زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى،كىمنى ئازابلىغانلىقىمنى،قانداق جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىمنى قاتتىق ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاندىم.لېكىن ھېچقاندەك بىر سەۋەپ تاپالمىدىم.ئېچىم باغانسېرى تىت-تىت بولغىلى تۇردى.ئۈزۈمنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ جىنايەتچىدەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئاخىر نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا بېرىپ تەكشۈرۈتتىم. لېكىن ھېچقانداق چاتاق چىقمىدى. كۈنلىرىممۇ بۇرۇنقىدەك ئۆتىۋەردى.كۈن بۇيى روھىم چۈشكۈن سۇلغۇن يۈرۈدىغان،گىلىمدىن تاماق ئۆتمەيدىغان بۇلۇپ قالدىم.ئىچىمدىكى ۋەھىمە،قورقۇنۇش بارغانسېرى كۈچۈيۈپ كەتتى.خۇددى نەچچە كۈندىن كېيىن دارغا ئېسىلدىغان مەھپۇستەك ھېس قىلدىغان بۇلۇپ قالدىم.مەن ئۈزۈمنى خۇشال تۇتۇش ئۈچۈن كۆڭۈل ئېچىپ كەلمەكچى بولدىم.نۇرغۇن مەنزىرلىك جايلارنى ساياھەت قىلدىم.كىشىنى خۇشال قىلدىغان ھەممە نەرسىنى كۆردۈم.قانغۇچە خۇشال ئوينىدىم.گۈل-گىياھلارنى مەنزىرلىك جايلارنى تاماشا قىلدىم.ئەڭ يىيىشلىك،ئۈزۈم ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاماقلارنى  يىدىم.دوستلىرىم بىلەن پاراڭلاشتىم.گەرچە بۇلار مېنىڭ كۆڭلۈمنى ۋاقىتلىق خوش قىلالىغان بولساممۇ لېكىن ئىچىمدىكى ۋەھىمە مېنى بارغانسېرى ئارام تاپقۇزمىدى.
         بىر كۈنى قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرۇپ قانداق ئۇخلاپقالغىنىمنىمۇ بىلمەپتىمەن.تۇيۇقسىز تۇلىمۇ چوڭ بىر سوت مەيدانىغا كىلىپ قاپتىمەن.ئادەتتە سوتلارغا ئۇنچە كۆپ ئادەم قاتناشمايدىغان،نىمانچە كۆپ ئادەم بۇ مەيداندا ئىككى مىڭغا يېقىن ھەرخىل تىلغا ۋەكىللىك قىلدىغان كىشىلەر ئولتۇراتتى.مەن دەرھال سوتچىلار ئولتۇرىدىغان ئوورۇنغا قارىدىم.ئۇيەردە چوڭ بىر ئۈنئالغۇ تۇراتتى.ئەتراپىدا نۇرغۇن كىچىك ئۈنئالغۇلار تۇراتتى. داۋەگەر ئورنىدا ئۈجمە ياغىچىدىن ياسالغان،ئۈستى ئەتلەس بىلەن بىزەلگەن بىر ئۈنئالغۇ زار-زار يىغلاۋاتاتتى.ئەتراپتىكى بۇ كۆرۈنۈشلەر مېنى بەك ھەيران قالدۇردى.دۇنيادا مۇشۇنداق سوت مەيدانى بارمۇ؟مۇشۇنداق ئېچىلدىغان سوت بارمۇ ؟دەپ ئويلاپ قالدىم.تۇيۇقسىز سوت مەيدانىنىڭ بارلىق ئىشىكلىرى تاقالدى.ئىككى ئەسكەر مېنى جاۋاپكارلىق ئورنىغا چىقاردى.ئەسلى بۇ قېتىملىق سوت<ئۇيغۇرتىلى> ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان سوت ئىكەن.
  سوت باشلاندى.باش سوتچى ئۇدۇلىدىكى چوڭ ئۇنئالغۇ ئىنگىلىز تىلىدا سوتنىڭ باشلانغانلىقنى جاكارلىدى.مەيداندىكى ھەممە كىشى دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن ماڭا قارىماقتا ئىدى.داۋەگەر ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەرىزىنى ئېيىتتى.ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ:< ھۆرمەتلىك سوت ئەھلى مەن بولسام دۇنيادىكى تىللارنىڭ بىرى،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭ تىلى بۇلىمەن.ھەرقايسىڭلارغا مەلۇملۇق ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تۇلىمۇ ئەقىللىق مىللەت ئىدى.سىلەر بىلدىغان تۈركى تىللاردىۋانى،قۇتاتغۇبىلىك مەن بىلەن(ئۇيغۇرتىلى بىلەن) يېزىلغان.مەن بۇنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم>. مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ مەيداندا جاۋاپكاردەك ئەمەس ئالقىشلىنىۋاتقاندەك ئولتۇردۇم.ئۇنئالغۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى:<لېكىن،ھازىرقى ئۇيغۇرلار بەكمۇ مەسئۇليەتسىز،نادان ئىكەن،ئۇلار چەت ئەل مەدەنىيىتىنى قالايمىقان قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتىدىن ياتلىشىپ كەتتى،ھەتتا ئانا تىلى بولغان مېنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى.ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغانلىرى بەكمۇ جىق،ھەممىدىن ئېغىر بولغۇنى مېنى ئەبجەش بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى.مەن ھازىر ھەتتا ئۈزۈمنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنىمۇ ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن>.ئۇ بۇ گەپنى قىلۋاتقان ۋاقىتتائۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.مەيداندا جىمجىتلىق ھۈكۈم سۈردى.گەپ قىلىش نۆۋىتى ماڭا كەلدى.
ئۇلار:< مەندىن ئاخشام نېمە قىلدىڭ؟>دەپ سورىدى.مەن ھاپلا-شاپلا:<مەن ئاخشام دەنشىدىن خەنگونىڭ داڭلىق شىپىنىنى كۆردۈم>دەپ جاۋاپ بەردىم.بۇ ئىنىقلا مېنىڭ جىنايىتىمنى ئىسپاتلىدى.مەن ئۈزۈمنى ئاقلىغان بولساممۇ يەنىلا ئامال بولمىدى.
        سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى چىقاردى.ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنى مەندىن-ئۇيغۇرلادىن ئايرىلىپ كىىشكە بۇيرىدى.مەن تۇرغان جايىمدا قېتىپلا قالدىم.تۇيۇقسىز مەيدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئەۋجىگە چىقتى.ئۇلار بىر نەرسىنى تالاش-تارتىشى قىلىۋاتاتتى.ئەسلىدە ئۇيغۇرتىلى باشقا بىر مىللەتكە بەرمەكچى ئىكەن.مەن بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى ئازاپلاندىم.مەن يىغلاپ تۇرۇپ ئۇلارغا يالۋۇردۇم،لېكىن سوت ئاخىرقى ھۈكۈمىنى ئۆزگەرتمەي سوتنى ئاخىرلاشتۇردى.كۈزۈمدىن توختىماي چۈشۈۋاتاتتى.بار-بارا ئۇلغۇيۇپ كەتتىم.يۈرىكىم سۇقۇشتىىن توختاپ قالغاندەك بۇلۇپ قالدى،خۇددى بىر ئەزايىمدىن ئايرىلىپ قالغاندەك.مەيداندا مەن يالغۇزلا قالدىم.توختىماي يىغلاۋىرىپ،ھەممە يەر كۆزيېشىمنى سۈرۈتكەن قەغەز بىلەن تۇلۇپ كەتكەن ئىدى.ھېلىقى چوڭ ئۈنئالغۇ گىدىيىپ تۇرۇپ:<يەنە ھۇشۇڭنى تاپمىساڭ،مۇشۇ قەغەزلەر ئىچىدە غايىپ بولىسەن> دەۋاتاتتى.مەن ياق،ياق!!!! دېگىنىمچە ئويغۇنۇپ كەتتىم.قارىسام كۆزلىرىم ئىششىپ يوتقىنىم يۆل بۇلۇپ كىتىپتۇ. كۈزۈمدىن يەنىلا ياش ئېقىۋاتاتتى.مەن دەرھال كۈتۈپخانىغا كىردىم.شۈكىرى ئۇيغۇرچە كىتابلار جايىدا ئىكەن.ئەمدى كۆڭلۈم جايىغا چۈشتى.

     مەن كۆڭلۈمدىكى ۋەھىمىنىڭ سەۋەبىنى ئاخىرى بىلدىم.مەن ئانا تىلى قەدىرلىمىگەنلىكىم،ئۇ ئەبجەش قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن ئاشۇنداق ۋەھىمىدە قالغان ئىكەنمەن.ئاخىرى شۇنداق قارارغا كەلدىم،ھازىردىن باشلاپ ئاناتىلىنى قەدىرلەي،بولمىسا كۆز يېشىم مېنى چۆللەرگە غەرق قىلۋەتمىسۇن!

مەنبە: ئىجادىيىتىم
2012-1

5

تېما

0

دوست

2179

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.97%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10256
يازما سانى: 126
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 281
تۆھپە : 506
توردىكى ۋاقتى: 60
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 02:19:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئانا سۇتى كەبى ھالال



تۇركىيىنىڭ ئىنساننىڭ ھەق ۋە ھۇرىيەتلىرى(ئى ھ ھ ) نىڭ ئىنسانى ياردەم ۋەقپىسى تۇركىيىدىكى يىشىم سۇرىكى بىلىەن ئالاقىدار بىر دوكلات ھازىرلىدى.بۇ دوكلاتنى ئوقىغان ۋەقپى باشقانى بۇلېنت يىلدىرىم ‹ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئانا سۇتى كەبى ھالالدۇر› دىمەك ناھايىتى جايىغا چۇشكەن بىر ئىپادە دىدى.



ئىنساننىڭ ھەق ۋە  ھۇرىيەتلىرى(ئى ھ ھ) نىڭ ئىنسانىي ياردەم ۋەقپىسىنىڭ باشقانى بۇلۇت يىلدىرىم ‹ئانا تىلدا ئوقۇتۇش ئانا سۇتى كەبى ھالالدۇر دىمەك ناھايىتى جايىغا چۇشكەن بىر ئىپادىدۇر دىدى.بۇ ۋەقپى يېشىم سۇرىكى توغرىسىدا ھازىرلىغان دوكلاتنى تۇنۇگۇن نەشىر ئەپكارلىرى توپلانتىسىدا ئاممىغا ئاڭلاتتى.ئىنسانىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى (ئى ھ ھ) يۆنەتىم قۇرۇلى ئەزاسى ۋە ھوقۇق قۇرۇلى  باشقانى ئادۋوكات ىسۆنمەز سۆزلىشىش سۇرىكىنىڭ قىسقارتىلماسلىغى تېخىمۇ كۆپ قاننىڭ ئاقماسلىغى ئۇچۇن،ئادالەت دەيدىغان غەيرەتلەرنىڭ  سۆيگۇگە ۋە دەستەككە مۇناسىپ ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. سۆنمەز ‹پەقەت ئۇنۇتماسلىق

لازىمكى؛ كۇرت مەسىلىسىنىڭ ناھايىتى تېرەن ۋە ئەپسۇسلىنىشلىق ھالدا قانلىق،كۆز ياشلارغا بوغۇلغان ئۇزۇن بىر تارىخى ئوتتۇرغا چىقىۋاتىدۇ.شۇڭا بۇ يىشىمگىمۇ ئۇزۇن ۋە بەتتام بىر پۇتۇشۇش مەزگىلىنى تېڭۋاتىدۇ دىدى.
يەنە دەۋرنڭ كۇرت مەسىلىسىگە يىشىم باناسى بىلەن بوي بىلەن تەڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگۇرۇشلەرنىڭ بولمىقى لازىملىقىنى ئېيتقان سۆنمەز،سۆزىنى مۇنداق داۋاملاشتۇردى.يالغۇز تېرور،ئىقتىسادى ھەيۋەا،تاشقى كۇچلەر ،كۇرت مىللىيەتچىلىكى،تۇرك مىللىيەتچىلىكى ۋاھاكازالارغا تېڭىلغان چەكلىك كەڭلىكتىكى يىشىم تېرىشچانلىقلىرى توپلۇم تەرىپىدىن رەت قىلىنىۋاتىدۇ.مەسىلە يىللارنىڭ ئۆتۇشى بىلەن مىللىيەتچى بىر ئېيتىشلارنى كۇچلەندۇرۇپ ،مۇئەييەن گۇرۇپلارنى ئالدىغا چىقارغان بولسىمۇ بارلىق كۇرت خەلقى تۇرلۇكچە چۇشەنچىدىكى تەركىپرلىرى بىلەن بىللە نەتىجىگە تەرەپتار ئىكەنلىكى ئۇنۇتۇلماسلىغى كېرەك.شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرلۇك ئېتنىك  ۋە ئېتىقات گۇرۇھلىرىمۇ بۇ مەسىلىنىڭ تەرەپتارىدۇر.زوراۋانلىقنى قورال قىلغان قايسىدۇ گۇرۇھلارنىڭ بارلىق كۇرت خەلقىنىڭ پەتىۋاچىسىدەك ئىشلارنى قىلىشى بىر ئىشقا يارىمايدۇ.خۇددى پ ك ك ،ب د پ كۇرت خەلقىغە ە ۋەكىل بولالمىغاندەك ھۆكىمەتمۇ بارلىق تۇرك خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ب د پ دىن ئاناتىلدا ئوقۇش ئۇچۇن نامايىش چاقىرىغى
ب د پ ئىستانبول 2- گۇرۇپپىسى بەيئوغلى گالاتساراي ئوتتۇرا مەكتىپى ئالدىدا تۇنۇگۇن ئاناتىلدا ئوقۇشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۇيۇشتۇردى.ب د پ ئىستانبول 2-گۇرۇپپىسى مۇئاۋىن باشقانى ئەمرۇللاھ بىنگول ‹ئانا تىلدا ئوقۇش ھەققى ئۇچۇن كۇرت بالىلىرى بىر ھەپتە مەكتەپكە بارمايدۇ.دىدى.70 يىلنىڭزى 20 مىليون ئىنساننىڭ تىلىنىڭ ئىنكار قىلىنغانلىغىنى ئېيتقان بىنگۆل 21-يۇزيىلدا ئىنسانلار يەنىلا ئانا تىلدا  ئوقۇش ھەققىنى

تەلەپ قىلىپ كوچىلارغا چىقىپ يۇرسە،بۇ بىر دۆلەتتىكە ناھايىتى زور بىر ئەيىپتۇر دەپ سۆزلىدى.





ۋاقتى :2013-9-16     كۆرۈلگىنى:30   قېتىم مەنبەسى : كۆكنۇر نېت تورى







ۋاقتى :2013-9-16     كۆرۈلگىنى:30   قېتىم مەنبەسى : كۆكنۇر نېت تورى



يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8843

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 720
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2606
توردىكى ۋاقتى: 1185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 03:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپادىلەش كۈچىڭىزگە قايىل بولدۇم. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نىسبەتەن كۆپ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن ئەسلا ئارتۇقلۇق قىلمايدىغان مۇھىم بىر تېمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

15

تېما

25

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9220
يازما سانى: 1054
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1349
تۆھپە : 2188
توردىكى ۋاقتى: 1717
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 10:40:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئانا تىل››دىگەن بۇ ماركىنى بىز ۋاختىنچە قوللانماي تەكچىگە ئېلىپ قويۇپ تۇرساق بولاتتى.....بىراق بىز قوللانغان ئىكەنمىز بۇ ماركىنى ئىشلىتىشكە بىز ھەقىقەتەن لايىق ھەم تېخىمۇ لايىقلىشىشقا تىرىشىمىز››
مۇھەممەد سىدىق.


0

تېما

0

دوست

2243

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   8.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10398
يازما سانى: 186
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 155
تۆھپە : 574
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-19 12:10:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ياخشى ئەسەركەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.ئانا تىل دەيدىكەنمىز ئانىنىڭ ئورنىدا ھۆرمىتىنى قىلىشىمىز،ئىززىتىنى ساقلىشىمىز ھەم ئۇنى غورورىمىز دەپ بىلىشىمىز لازىم ئىدى،مىڭلارچە ئەپسۇس،شەرەپ تۇيغۇسىنى ئۆزىدىن ئاجرىتىپ ياشىماققا ئىنتىلگەن نۆۋەتتىكى ھالىمىزغا نىمە دىگۈلۈك ئەمدى،تۈمەن-مىڭ ئەپسۈننىڭ يېشىپ قايتۇرۇش ئامالىنى تاپالماي تېخىچە ئازغۇن يۈرىمىز،ئەلۋەتتە،ئانا تىل چوققىسىدىن بايرىغىنى چۈشۈرمەي ساقلىغان ئەزىمەتلەر بۇنىڭ سىرتىدا،ئۇلارغا ئاپىرىن.

1

تېما

2

دوست

5335

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   6.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16107
يازما سانى: 522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 21
تۆھپە : 1584
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-20 22:55:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
lawa0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-9-19 10:40
‹‹ئانا تىل››دىگەن بۇ ماركىنى بىز ۋاختىنچە قوللانماي ت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىندىشىم ،ھەر ھالدا سالامەتكەنسىز ،سىز كەبى قېرىنداشلىرىمىز  ماۋجۇتلا  بولىدىكەن ئاناتىلىمىز بويۇن قىسىپ قالمايدۇ ،ئەڭ ئاخىرىقى بىرىمىز قالساقمۇ ئاناتىل بىلەن بىز ،بىز بولىمىز ،ھەممىمىزنى ئۇلۇق ئاللاھقا تاپشۇردۇق ...

19

تېما

4

دوست

7423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1495
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 09:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىشىلغان تېمىكەن ، ھەقىقەتەن ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەيلى ئانا تىلىمىزنى يوقۇتۇپ قويمايلى...

0

تېما

5

دوست

187

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   62.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21938
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-22 19:08:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقىقەتەن بىر ياخشى  تىمىكەن ،ھەم ئىپادىلەش كۈچىڭىزمۇ  بەك ياخشى بۇپتۇ. ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئانا تىلنى قۇغداش  شۇئارىنى  توۋلاۋاتقان  بۇلسىمۇ، ئەمما  ئۈنۈمى تازا دىگەندەك  بۇلمايۋاتىدۇ، مەنچە  بۇنىڭدىكى  ئاساسلىق سەۋەب  شۇئاردا  ئەمەس  بەلكى  ھەربىر ئۇيغۇر  مىللىتى  ئۆزىنىڭ  كۈندىلىك  تۇرمۇشىدىكى  ئەڭ كىچىك ئىشلاردىن  باشلىغان  بۇلسا  تىخىمۇ  ياخشى  بۇغان  بۇلاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )