بۈگۈن ل.مۇتەللىپ ۋاپات بولغان قايغۇلۇق كۈن
بۈگۈن ئەمدىلا 22 ياشتىن ھالقىغان، ئاجايىپ تالانتى بىلەن خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن،شۇ سەۋەپتىن ،دۈشمەن كۆزىگە مىق بولۇپ قادالغان
ل.مۇتەللىپ رەھىمسىز،نامەرت دۈشمەن تەرىپىدىن چېپىلغان
ل.مۇتەللىپ چېپىلغان كۈنى
ل.مۇتەللىپ چېپىلغان كۈنى،
چالغان ھايات دەرتلىك نېيىنى.
يىگىرمە ئىككى ياشلىق يۇلتۇزۇم،
تۈن كۆكسىگە يازغان نامىنى.
ل.مۇتەللىپ چېپىلغان كۈنى،
ئۆز-ئۆزىنى چاپقان ھېكىم نۇر.
يەر يەكلىگەن يىگانە قەبرە،
ئەل قەھرىدە توزىغان پۇر-پۇر.
ل.مۇتەللىپ چېپىلغان كۈنى
تىغ ئۇچىدا پارلىغان غورۇر
يۈرەكلەرگە كۆچكەن ئەبەدى،
مەڭگۈ ئۆچمەس يىگانە بىر نۇر.
شائىر---ئەخمەتجان تۇرۇپ بەگتۈرك
|