- تىزىملاتقان
- 2011-4-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2021
- نادىر
- 0
- يازما
- 92
ئۆسۈش
0.7%
|
شى سېكرىتار ۋىزىپىگە تەيىنلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي بىر موھىم يىغىندا ‹ھەممە قوشلار بەس بەستە سايراش،ھەممە گۇللەر تەكشى ئېچىلىش› توغرىسىدا موھىم سۆزلەرنى قىلغان ئىدى .بۇ سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە تور دۇنياسىدا ئەركىن پىكىر قىلىشنىڭ يېڭى بىر دولقۇنى كۆتۈرىلدى.تور دۇنياسىدا پەقەت كومىنىستىك پارتىيەنىڭ دىكتاتورلىقىغا قارشى مۇقام توۋلىمىسىڭىزلا ھەرخىل يېڭى كونا پىكىرلىرىڭىزنى بايان قىلسىڭىز بولىۋىرىدىغان بولدى .بولۇپمۇ جەمىيەتتىكى ئەخلاقى چۆكۈش ھادىسىسى ۋە ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىشىش ھادىسىسى بۇ قىسقا بىر قېتىملىق قوزغىتىلغان شاۋقۇن سۈرەنگە خام ماتىريال بولدى .بۇنىڭسىزمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئامما ئىسلاھات ئېچىۋېتىش دەۋرىدە پايدا بولغان ھەرخىل ئىنسانىلىققا يات ھادىسىلەرنى ھەر-خىل ئۇسوللار بىلەن قامچىلاپ ئاشكارىلاپ تۇرىۋاتقان ئىدى .لېكىن يېقىندا بولۇپمۇ شى رەئىس ۋەزىپىگە چىققاندىن بويان تور دۇنياسى شى رەئىسنىڭ سۆزىنى خاتا ئۆزلەشتۈرۋالدىمۇ ياكى سىرتىنىڭ مۇداخىلىسىمۇ ياكى سىياسى بىرونىڭ بەزى موھىم رەھبەرلىرىنىڭ چىرىكلىشىش ھادىسى پاش بولىشى ۋە ئۇلارنىڭ جازالىنىشى ئېيتاۋۇر بۇ ھادىسىلەرنىڭ تۈپ مەنبەسى بىر پارتىيە دېكتاتورلىقىدا ،ھاكىم مۇتلەتلىقتە دەيدىغان پارتىيە دېكتاتورلىقىغا قارا چاپلايدىغان گەپ سۆزلەر ئاۋۇغۇلى تۇردى ،بەزى خېلى يۈزى چوڭ مەتبۇئاتلارمۇ ئەيىپ ئالماستىن مۇشۇنداق ئىدىيە بىلەن تويۇنغان ماقالىلارنى باسقىلى تۇردى .ئىشقىلىپ تور دۇنياسىدىكى بۇ يۈزلىنىش پارتىيە ھۆكۈمۈت بەلگۈلەپ بەرگەن قىزىل سىزىقتىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتتى .ئەمدى ئىدىلوگىيە خىزمىتىنى چىڭ تۇتمىغاندا بولۇپمۇ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان توردەۋرىدە بۇ يۈزلىنىش ئېنىقكى پارتىيەنىڭ ھايات ماماتىغا خەۋىپ ئېلىپ كېلىدۇ .ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن بۇيان خەلىقنىڭ دېموكىراتىيە تۇرمۇشى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس قەدەمدە بېيىدى .گەرچە خەلىق رازى بولغۇدەك دەرىجىگە يەتمىگەن بولسىمۇ پارتىيە يول قويۇشقا بولىدىغان دائىرىدە يول قويدى .خەلىقنىڭ دېموكىراتىيە تەلىپىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىدىلوگىيە ساھاسىنى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ھەرقانداق دەۋرىدىن بەكرەك قويىۋەتتى .مەيلى قايسى يىغىنلاردا بولسۇن ئىدىلوگىيە ساھاسىنى بەك چىڭ تۇتۇش شامىلى كۆتىرىلمىدى ،ياكى يۈكسەك ھالدا ئېلىپ بېرىلىدىغان
موھىم خىزمەتلەر تەرتىبىگە كىرگۈزۈلمىدى .
لېكىن بۇ ھالەت ئەمدى ئۆزگەرتىلىدىغاندەك قىلىدۇ.20-ئاۋغۇست مەملىكەتلىك تەشۋىقات خىزمىتى يېغىنىدا رەئىس شىجىنپىڭ ‹ئىدىلوگىيە خىزمىتى پارتىيەنىڭ يۈكسەك موھىم خىزمىتى›سەرلەۋھىلىك نۇتۇق سۆزلىدى .بۇ نۇتۇقنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يېرى ‹تەشەبىۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش،سۆزلەش ھوقوقىنى قولغا كىرگۈزۈش› بولدى .تەشەببۇسكارلىق ۋە سۆلەش ھوقى تور دەۋرىدە پارتىيە تەشۋىقات ئاپىراتلىرى چىڭ تۇتقان لېكىن نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى نەتىجە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان خىزمەت ئىدى .تور دۇنياسىدا پەيدا بولغان سوتسىيالىستىك نەزىرىيەلەرگە غەيرى بولغان ،پارتىيە ئاپراتلىرىغا نىسبەتەن تەنقىدى پوزىتسىيەدىكى ئىدىيەلەرنى تارقىتىۋاتقان ئاكتىپلارغا ئەمدى تەربيە ۋە يىتەكلەشنى ئېلىپ بارمىسا بولمايدىغان ھالەتكە يەتتى .بولمىغاندا پارتىيە تەشۋىقات ئاپراتلىرى كەلگۈسىدە تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇقەررەر بىر ئىش .شۇڭا يېقىندا ھەرخىل ناملار بىلەن تور دۇنياسىدىكى ئاكتىپلارغا نىسبەتەن نازارەتلەر كەچەيدى ،جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنى تور دۇنياسىدىكى يۈزىنى قىلماي قىلچە ئىككىلەنمەي ،قانون بويىچە جىنايىتىنى سۈرۈشتۇرۇلدى .
تور ئاكتىپلىرغا نىسبەتەن ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدىكى نازارەتنىڭ كۈچىيىشى بىزگە يوقىرى سەۋىيەدىكى ئىدىلوگىيە خىزمىتىنىڭ باشلانغانلىقى دىرەك بىرىدۇ .ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ بىر قېتىملىق شامال بولماستىن بەلكى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئۇزۇن مەزگىللىك يۈكسەك ھالدا چىڭ تۇتۇلىدىغان خىزمەتلەر قاتارىغا كىرگەندەك قىلىدۇ .قىسقا مەزگىل ‹يوقىرى سەۋىيەدە› چىققان ‹ھەممە قۇشلار بەسبەستە سايراش،بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش› شامىلى ئەمدى تىنجىدىغاندەك ھىچبولمىغاندا پەسلەيدىغاندەك قىلىدۇ .
لېكىن پارىخورلارنى قانونلۇق يوللار بىلەن پاش قىلىش ،بولۇپمۇ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ،ۋىيشىن توپلىرىدا ئىسپاتلىق تارقىتىش يەنىلا قانون تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى توغرىلىق ئېنىق ئۇچۇرلار بار .شۇڭا قارا كۈچلەرگە قارشى تەشۋىقات قىلىۋاتقانلار پەقەت قانون بويىچە ئىش قىلسىلا ھېچگەپ يوق .شۇنداق گەپ بارغۇ ھەقىقەتتىن تانما،سۇلتاندىنمۇ قوقما دەپ .
ئەسكەرتىش:تېمىنىڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن بەزى مەزمونلار ئىلاجىسىزلىقتىن يېزىلدى توغرا چۈشەنگەيسىز .
مەنبە :مەن .
|
|