- تىزىملاتقان
- 2013-1-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-10-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 321
- نادىر
- 0
- يازما
- 38
ئۆسۈش
  10.5%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tahrir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-19 00:03
xarwaz يوللىغان ۋاقتى 2013-9-18 11:27 
بۇ يەردە ئۇقۇشماسلىق باركەن قېرىندىشىم ، ئاغزىڭىزنى ...
ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەخمەت!
بىراق، سىزگىمۇ ئاياندۇ. ئالدىنقى يىلى ئابدۇللا ئابدۇرېيىمنى راك بوپ قاپتۇ دەپ توردا خەۋەر تارقىتىشتى. ئالدىنقى ھەپتىمۇ ئەل سۆيگەن چاخچاخچىمىز ھېسام ئاكىنى ئۆلۈپتۇ دەپ توردا خەۋەر تارقىتىشتى(خۇداغا شۈكرى، ئۇ مەلئۇنلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچراپتۇ). ئەمما بىرمۇ ئىنسان مۇشۇنداق يالغان-ياۋداق خەۋەر تارقاتقۇچىغا ئىككى ئېغىز نەسىھەت قىلالمىدى. ئاشۇ خەۋەرنىڭ ھېسامكامغا قانچىلىك روھى زەربە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ھېچقايسىمىز بىلمەيمىز . رەھمەتلىك شۇ خەۋەر تارقىلىپ نەچچە كۈندىن كېيىن قازا قىلىپتۇ،(ئۇنىڭغا ئاللاھتىن جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن).
بىز قاچانغىچە باشقىلارغا ھىجىيىش، ياكى سۈكۈتتە تۇرىمىز؟. نېمىشقا توردا پىتنە-پاسات تارقاتقۇچىلارغا تېتىغۇدەك گەپ قىلالمايمىز. ئەنە شۇنداق پىتنىخورلارنى باشقىلار تىللىيالمىغان بىلەن مەن داۋاملىق تىللايمەن. چۈنكى بۇ پىتنە-پاساتلار ئاشۇ كىشىلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا يەتسە نۇرغۇن روھى ئازاب بولىدۇ. يازغۇچى بولماقنىڭ تەسلىكىنى ھەممە ئادەم ئېنىق بىلىدۇ. مۇنبەردىن چەكلىنىش مەن ئۈچۈن ھېچقانچە گەپ ئەمەس. پەقەت ئەل سۆيگەنلەرنىڭ ئىززەت-ئابرويىنى قوغدىيالىساملا مەن ئۈچۈن ئەڭ زور شەرەپ. |
|