- تىزىملاتقان
- 2013-9-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-4-2
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1740
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
ئۆسۈش
  74%
|

ئاياللار ئۆتەلمەيدىغان سىناق
بۇرۇن بىر ماگىزىن ئېچىلغان ئىكەن . ئاياللار بۇ ماگىزىندىن ئۆزلىرىگە ئەر تاللىۋالسا بولىدىكەن . كىرىش ئېغىزىغا بۇ ماگىزىننىڭ تۆۋەندىكىدەك قائىدە- تۈزۈملىرى يېزىلغان ئىكەن .
« سىز پەقەت بىر قېتىملا بۇ ماگىزىنغا كىرسىڭىز بولىدۇ. بۇ ماگىزىن قەۋەت ، قەۋەت سانى ئاشسا ئەرلەرنىڭ سۇپىتىمۇ يوقۇرلايدۇ. سىز ئۆزىڭىز خالىغان قەۋەتتىن ئەر تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
يوقۇرىغا چىققاندىن كىيىن تۆۋەنگە چۈشۈشكە بولمايدۇ.»
بىر ئايال بۇ ماگىزىنغا كىرىپ ئۆزىگە ھەمرا تاپماقچى بوپتۇ.
1- قەۋەتتىكى ئەرلە ر: خىزمىتى بار ئەرلەر.
ئۇ ئايال دەرھال يەنەبىر قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
2- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار ھەمدە بالىنى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەر.
ئۇ ئايال دەرھال يەنەبىر قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
3- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئىنتايىن كىلىشكەن .
بۇ ئايال كۆڭلىدە ئەمدى ياخشى بولدى دەپ خوش بولۇپتۇ-يۇ، بىراق يەنىلا يەنەبىر قەۋەتكە مېڭىپتۇ.
4- قەۋەتتىكى ئەرلە ر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ.
ئۇ ئايال ئەمدى كۆڭلۈمدىكىنى تاپتىم دەپ ئويلاپتۇ، بىراق تۇرۇپ كېتىپ يەنىلا يەنەبىر قەۋەتكە چىقىپ باققۇسى كەپتۇ.
5- قەۋەتتىكى ئەرلەر : خىزمىتى بار، بالىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كېلىشكەن، ئائىلىگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئىنتايىن رومانتىك.
ئۇ ئايال ئەمدى مۇشۇ قەۋەتتىن لايىق تاپاي دەپ ئويلاپتۇ-يۇ، يەنە يەنەبىر قەۋەتكە چىققۇسى كىلىپ مېڭىپتۇ.
6- قەۋەتكە چىققاندىن كىيىن : < سىز1000000 - بولۇپ بۇ يەرگە چىققان ئايال، بۇ قەۋەتتە ئەرلەر يوق ؛ دىگەن تاختاينى كۆرۈپتۇ.
بۇ قەۋەتنىڭ مەۋجۇت بولۇشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى : ئاياللارنىڭ رازى بولۇشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. |
|