بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-16 00:43
تور دۇنياسىدىكى ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى، ھايات نەسىردىن ئەپەندىم دەپ نام ئالغان ھېسام قۇربان ئاكا بۈگۈن يەنى 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 4:30مىنۇت ئەتراپىدا غولجا شەھىرىدىكى ئۆز ئۆيىدە بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى. داڭلىق خەلق چاقچاقچىسى، مەرھۇم ھېسام قۇربان ئاكا 1930-يىلى غولجا شەھىرى ئىچىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھېسام ئاكىنىڭ ئۇزاقتىن بېرى ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىۋاتقانلىقى، چاقلىق ئورۇندۇق ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىپ يۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن بەزىلەرنىڭ خەۋىرى بولغاچقا، ئالدىنقى ھەپتىلەردىمۇ ھېسام ئاكا توغرىلىق ئۆسەك سۆزلەر تارقىلىپ يۈرگەنىدى. خەۋەرلەردە ئېيتىلىچە، ئاللا خالىسا،ئەتە يەنى 16-سىنتەبىر پىشىن نامىزىدىن كېيىن بەيتۇللا مەدرىسىدە مەرھۇمنىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ئۇزۇتۇپ قويۇلىدىكەن. كۆپچىلىكنىڭ ئاقكۆڭۈل، خۇشپېئىل بۇ ئىنساننى خەيرلىك تىلەكلەر بىلەن ياد ئېتىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
|