- تىزىملاتقان
- 2012-7-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 10961
- نادىر
- 0
- يازما
- 609
ئۆسۈش
  2.4%
|
ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىزنىڭ ئىچىدە جالالىدىن بەھرامنىڭ 7 قىسىملىق «لېيىغان بۇلاق» رومانىدىن باشقا كۆپ قىسىملىق تىرولوگىيە يوق ئىدىغۇ دەيمەن؟ «لېيىغان بۇلاق» رومانىمۇ مۇھەببەت تېما قىلىنغان رومان بولسىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان، ئوقۇغانسىرى ئادەمنى قىزىقتۇردىغان، بەدئىيلىكى يۇقىرى چىققان رومان ئىدى. ياسىنجان سادىق چوغلان يازغان «باھادىرنامە» رومانىنىمۇ قىزىقىش ئىچىدە نەچچە كېچە ئۇخلىماي ئوقۇپ چىقتىم. مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىىسدىن ئاڭلىتىغان ئاۋازلىق نۇسخىسىنى تولۇق ئاڭلاپ چىقتىم. بۇ رومانمۇ ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان رومان. روماندىكى تارىخى شەخىسلەر ھەقىقەتەن كۆپ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ياخشى تەسۋىرلەنگەن.
ئەمما، روماننى ئوقۇپ، بىر قانچە كۈن ئىزتىراپلىق خىياللارغا چۆمۈپ يۈردۈم... روماننىڭ ئاخىرى قەيەردىدۇ - دەپ ئىزدىگۈم كېلىپ كەتتى. ھەم قولۇمدىكى روماننىڭ ئەڭ ئاخىرىقى قىسىمى ياكى ئەمەسلىكىگە نەچچە قېتىم قارىدىم...
مېنىڭچە، تارىخقا پەقەت شۇ دەۋىردە ياشىغانلارلا ئەڭ توغرا باھا بېرەلەيدۇ. بۇرۇنقى تارىخ ھازىرقىدەك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۈسكۈنىلەر بىلەن، ئۈنگە، سىنغا ئېلىنغان ئەمەس. تارىخىمىزدا بىر قانچە قېتىملىق مەدەنىيەت يوقۇتۇش ھەركەتلىرى بولغان... بىز بىر پارچە ئەينەك پارچىسىدىن قۇياش نۇرىنىڭ قايتقان شولىسىنى كۆرەلىسەكمۇ، ئەمما شۇ ئەينەك پارچىسىغا قاراپ ئەسلى ئەينەتكنىڭ قانچىلىك چوڭ ۋە قانداق رامكىغا ئېلىنغانلىقى پەرەز قىلمىقىمىز تەسرەك. شۇڭا، مېنىڭچە، تارىخى ئەسەرلەرنىڭ چىنلىقىغا پەقەت تارىخ نوقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ باھا بېرىش ئەقىلگە مۇۋاپىق. لىكىن، ئېنىقكى، تارىخقا بېرىلگەن ياخشى- يامان باھالارنىڭ ھەممىسىنى يىغقاندىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى تارىخقا تەڭ ئەمەستۇر.... |
|