- تىزىملاتقان
- 2011-11-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 51269
- نادىر
- 0
- يازما
- 5374
ئۆسۈش
  0%
|
ئېينىشتېيىن ماكاندىن ئىبارەت بۇ غەيرى ماددى رىياللىققا ماددى خارەكتىر بېرىپ ئۇنى ماددىلاشتۇرىۋەتتى.ئېينىشتېيىننىڭ ماكاننى ئەگرى،شەكىلگە ئىگە دەپ تەشەببۇس قىلىشى ماددىنىڭ خارەكتىرىنى ماكانغا تالىق قىلىپ قويۇشى ئىدى.چۈنكى پەقەت ماددىلا ئوبىكتىپ شەكىلگە ئىگە.بىز ھازىرغىچە شەكلى بار بىرەر ماكان ئىسپاتى بىلەن ئۇچراشمىدۇق.ماددىنىڭ ماكاندىكى تەقسىملىنىشى ۋە ئورۇنلىشىشى ھەرقانداق پەيىتتە مۇئەييەن شەكىلنى ئىپادىلىگەنلىگى ئۈچۈن بۇ شەكىلنى ماكاننىڭ شەكلى دەپ قارىۋىلىشقا بولمايتى.بۇنداق قىلىنغىنىدا بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى ئۇقۇمنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بولمىغان،ئۇقۇملار ئارىلاشتۇرۇۋىتىلگەن بولۇپ قالاتتى.ھازىر ئالەمدە غايەت زور ماددىسىز بوشلۇقلار بايقالدى.ئەقەللىسى زىچلىق ئۇقۇمىمۇ نىيوتۇنچە بۇشلۇقنى شەرىت قىلاتتى.كۋانىتلىقنىمۇ نىيوتۇن بوشلۇغىسىز تەساۋۋۇر قىلغىلى بولمايتى.ھازىر كۋانىت مىخانىكىسى بىلەن نىسبىلىك نەزەريىسىنى بىرلەشتۇرگىلى بولماسلىقتىكى يادرولۇق سەۋەپمۇ ئېينىشتېيىننىڭ ماددى خارەكتىر ئالغان ئۈزلۆكسىز ماكان ئىدىيىسىدىن تېپىلىدۇ. |
|