- تىزىملاتقان
- 2013-4-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-13
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 881
- نادىر
- 0
- يازما
- 52
ئۆسۈش
  76.2%
|
arslan428 يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 17:16 
تالانتقا شۇنى جارى قىلدۇرىدىغان يەر كېرەك. ھازىر ھەممە ...
ئىنسانغا تاانتىنى جارى قىلدۇرىدىغان سورۇن ھامان تېپىلىپ قالىدۇ، ئۇغۇل بالىغا يەتتە قېتىم ئامەت كېلىدۇ دىگەن ئىكەن ئەقىللىق ئاتا بوۋىلىرىمىز، مەن ئويلايمەن، ھېلىقى تالانت دىگەن نەرسىنى ھېچكىم تەخسىگە سېلىپ ئال قولۇم دەپ ئەكىلىپ بەرمىسە كېرەك،ئىنسان بالىسى تەلەي، تىرىشچانلىق ۋە پۇرسەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلنىڭ ئىچىدە سوقۇلۇپ يۈرىدۇ، مۇشۇ ئۈچ ئامىلنى جارى قىلدۇرىدىغان سورۇننى بىز ئاشۇ تالاتنى جارىي قىلدۇرىدىغان سورۇن دەيمىز، بۇنداق سورۇننى ھېچيەردىن تىلەپ ئالغىلى بولمايدۇ، تەلەي دىگەن نەرسە پۇرسەتنىڭ دوقمۇشىدا پەقەت تىرىشچانلىقى ۋە تەييارلىقى تولۇقلارغا ئەڭ ئاۋۋال قوچاق ئاچسا كېرەك، بىز ھېلىقىدەك باھانىلىرىمىزنى يۇيۇپ چىقىرىۋېتىپ پەقەت بىر نىشانغا قاراپ تىرىشىپ يەنە تىرىشىپ توختىمىساقلا تەلەي ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى پۇرسەتنى باشلاپ بېشىمىزغا قونمايدۇ دەپ كىم دىيەلەيدىكىن.
ئەڭ ياخشىسى سىز «باھانىڭىز كېرەك ئەمەس» (نو ئېكىسكيۇز )دىگەن كىتابنى تېپىپ ئوقۇپ ئۆزىڭىزنى تولۇقلاڭ، ئويغۇرچىسى بار. ئۇ سىز ۋە بىزنىڭ مەپكۈرىمىزگىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن. |
|