قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2865|ئىنكاس: 25

جوڭگولۇقلار ئېتىكا تەربىيەسىگە جىددى مۇھتاج

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

1

دوست

1192

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8027
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 100
تۆھپە : 307
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-12 21:27:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
جوڭگولۇقلار ئېتىكا تەربىيەسىگە  جىددى مۇھتاج
中国人急需论理教育

            بىزنىڭ دۆلىتىمىز ھازىر پەۋقۇلاددە مەزگىلدە تۇرىۋاتىدۇ، ئەخلاق قالايمىقانلاشقان، ئېتىقاد سۇسلاشقان، بۇنداق ئەھۋال ئاز ئەمەس. ئەگەر بۇگۈن تۈزەتمىسەك، كېيىن چوقۇم پۇشايمان قىلىمىز......
          بىزنىڭ دۆلىتىمىز قەدىمى دۆلەت ھەم كونا ئادەتلەرنىڭ تەسىرى چوڭقۇر، بولمىغۇر ئادەتلەر تولا. بۈگۈن چىڭ تۇتۇپ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتمىسەك، پۇرسەت قايتا كەلمەيدۇ.
          يۇقۇرقى ئادەمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىدىغان سۆزلەرنى، 1945-يىلى ئېتىكا مائارىپشۇناسى ۋەنشەن مىنشىيوڭ ياپونىيەدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ئەخلاق جەھەتتە قالايمىقانلىشىش، ھاياتلىق قارىشى چۈشكۈنلىشىش، پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆرگەندىن كېيىن ئېيتقان. شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئېتىكا تەربىيەسى ئارقىلىق ياپونلۇقلارنىڭ روھىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇشنى قارار قىلغان، شۇنىڭ بىلەن   ”ئېتىكا تەتقىقات ئورنى “ نامىدىكى خەلق ئارىسىدىكى تەربىلەش ئورنىنى قۇرۇپ چىققان.
          ھازىرقى ئىجرائىيە رەئىسى ۋەنشەن مىنچىيۇ (ۋەنشەن مىنشىيوڭنىڭ نەۋرىسى) نىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر ياپونىيەدىكى ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەرەققى قىلىپ 170 مىڭ ئەزاسى ۋە 60 مىڭ قانۇنى ۋەكىل ئەزاسى (كارخانا ئەزاسى) بولغان، ياپونىيەدىكى ئەڭ چوڭ خەلق ئارىسىدىكى مائارىپ ئورگىنىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. يىللىق كىرىمى 9 مىليارد ياپونىيە يىنى بولغان. (100 ياپونىيە يىنى 8.3 يۈەن خەلق پۇلىغا تەڭ).

”كوڭزى ۋەنشەن “
     

     ” ياپونىيە ئۇرۇشتا ئەمدىلا مەغلۇپ بولغان ۋاقىتتا، خەلقنىڭ ساپاسى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ ئادەتتىكى كىشىلەر پۇل ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايتتى؛ سىياسىئونلارنىڭمۇ ئېتىكا ئەخلاقى يوق بولۇپ، قارا ئالتۇن سىياسىتى ئارقىلىق پۇقرالارنى ئالدايتتى. “ ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ جوڭگودىكى ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى يۈ جېنجوڭ 《دۇنيا يەرمەنكىسى》ژورنىلىنىڭ مۇخپىرىغا مۇنداق دىدى، بۇ ۋاقىتتا ، بۇ ئورۇننى قۇرغۇچى ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئەپەندى پايونىيەلىكلەر ئۈچۈن روھى تۈۋرۈك بولۇشنى قارار قىلىدۇ، ئۇ پەقەت يەر زىمىننىڭ تەبىئى قانۇنىيەتلىرىگە رىئايە قىلغاندىلا، ياپونىيەنى ئاندىن قايتا قۇرۇپ چىققىلى بولىدىغانلىقىغا قاتتىق ئىشىنىدۇ.
         بۇ خىل تەبىئى قانۇنىيەت بولسا ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئىزچىل قوغلاشقان  ” بەخت بىلەن ئەخلاق بىللە “، يەنى ئېتىكا ئەخلاق ئادەم ئېرىشكەن بەخت بىلەن زىچ باغلانغان، بۇ ئۇنىڭ ساپ ئېتىكا قارىشى بىلەن كونا ئېتىكا قارىشى ئوتتۇرسىدىكى ئوخشىمايدىغان نۇقتا.
        ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئۆز ھاياتىنىڭ ئالدىنقى 50 يىلىنى ئادەم قانداق قىلغاندا بەختلىك ياشىغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن ئۆتكۈزگەن، راھىپ بولغىلى تاس قالغان، بىر مەزگىل مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ۋە تارىخشۇناس بولغان، كېيىن يەنىلا دىن ئۈچۈن مائارىپ خىزمىتىدىن ۋاز كەچكەن، يەنە   ” بىدئەت دىن “ غا قاتناشتى دەپ ئەيىپلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان، تۈرمىدە يەتكۈچە قىيىن قىستاققا ئېلىنغان......يۈ جېن جوڭنىڭ قارىشىچە، ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئەۋلىيالارغا ئوخشاش ئەقىل پاراسەتكە ۋە قوغدىغۇچىلارغا ئوخشاش ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە ئادەم.
        ۋەنشەن مىنشىيوڭ 1892-يىلى ياپونىيەنىڭ فۇگاڭ ناھىسىدىكى  بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، بالىلىق چاغلىرىدىلا بىر قېتىم كۆرگەن نەرسىنى ئاسانلا ئېسىدە ساقلىۋالىدىغان ئەقىل پاراسىتىنى نامايان قىلغان. لېكىن دادىسى ئۇنى بىر راھىپ قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن قاتتىق دىنى ئېتىقاد تەربىيىسى ئېلىپ بارغان ۋە دۇئا تىلاۋەت قىلىشنى مەشق قىلدۇرغان. ئۇ ھەر قېتىم ئاتا ئانىسىدىن  ” جەننەت ۋە دوزاق“ نىڭ ھەقىقى بار يوقلۇقىنى سورىغاندا، ئۇلار ئىنتايىن جەزىملەشتۈرگەن ھالدا  ” گەرچە ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، بۇرۇنقى ئەجداتلار بار دىگەن ئىكەن چوقۇم بار “ دەپ جاۋاپ بەرگەن. بۇنداق جاۋاپقا ۋەنشەن مىنشىيوڭ بەك ئىشىنىپمۇ كەتمىگەن، بالىلىق قەلبىدە راھىپ بولۇشتىن باشقا ھاياتلىقتا يەنە ماڭغۇدەك قانداق يوللار بارلىقىنى قايتا قايتا ئويلىغان. كېيىن ئۈگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا، ئاتا ئانىسىنىڭ ئارزۇسىغا قارشى ئوقۇتقۇچى بولغان.
        بۇ مەزگىلدە ۋەنشەن مىنشىيوڭ  ” مۇھاكىمە ۋە بايان “ دىكى ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى بايانلارنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈشكە باشلىغان، شۇ سەۋەپتىن  ”كوڭزى ۋەنشەن “ دىگەن لەقەمگە ئېرىشكەن. ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قۇرۇش بىلەن بىللە ئىشلىرىدىمۇ مۇۋەپىقىيەت قازانغان. لېكىن ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپ ئۇنى قىيناپ كەلگەن   ”ئادەمنىڭ ئەخلاقلىق بولۇشى بىلەن ئەمىلى تۇرمۇشتىكى بەختلىك بولۇش ياكى بەختسىزلىكىنىڭ زادى بىۋاستە مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟ ئەخلاق چوقۇم بەخت ئەكىلەلەمدۇ يوق؟ “   دىگەن سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالمىغان.
ۋەنشەن مىنشىيوڭ ياپونىيەنىڭ بۇددا دىنى تەربىيەسىنى، جوڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلىق تەلىماتىنى  تەتقىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەخلاق قارىشى ۋە ياپونىيە تارىخىدىكى ئىنقىلاپ مەسىلىلىرى بىلەنمۇ ئۇچراشقان. 1931-يىلى باھاردا ئۇ دوستىدىن ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئالاھىدىلىك قىلغان  ” ئادەمنىڭ ئەخلاقى دىنى جەىيىتىنى “ ئاڭلىغان، ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇنى باشتىن ئاخىر قىيناپ كېلىۋاتقان   ” دۆلەت ۋە ئېتىقات “ مەسلىسىگە جاۋاپ تېپىشنى ئويلىغان ھەم بۇ جەمىيەتكە قاتنىشىشنى قارار قىلغان. دىنى جەمىيەتتە ، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئەمىليەتتىن ئۆتكۈرزۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ تېنى ۋە روھىنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە كەيپىيات ۋە مۇھىت ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن. قابىليىتى كۆرىنەرلىك بولغاچقا، ئۇ تېزلا  ” بۇ دىننىڭ باشلامچىسى “  دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ دىنى جەمىيەتتىكى 2- نومۇرلۇق شەخسكە ئايلانغان.
      لېكىن دىنى جەمىيەتنىڭ كۈچىنىڭ كېڭىيىشى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ساراسىمىگە سالغان. 1936-يىلى ياپونىيە ساقچى ئىدارىسىدىكى ئىدىۋى سىياسى مەھبۇسلارغا مەسئۇل ساقچىلار دىنى جەمىيەتكە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان، ۋەنشەن مىنشىيوڭ ۋە نەچچە ئۇنلىغان جەمىيەت ئەزاسى بىرلىكتە قاماپ قويۇلغان. ئۇ ۋاقىت دەل دۆلەت ئىچىدە مىللىتارىزىملىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن، ھاكىم مۇتلەقلىق كۈندىن كۈنگە شەكىللىنىۋاتقان مەزگىل بولغاچقا ، ۋەنشەن مىنشىيوڭ تۈرمىدە ھايۋانلەرچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان.
       يۈ جېن جوڭ ۋەنشەن مىنشىيوڭنىڭ كىتاپلىرىدىن ئۇنىڭ بۇ قارا كۈنلەردىكى كەچۈرمىشلىرىنى ئوقۇغان: ئۇ بىر قاراڭغۇ ئۆيگە سولانغان، شېخىل تۆكۈلگەن سىمنۇت يەرگە ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ، گۈندىپايلار چىنە ۋە قېلىن لۇغەت بىلەن ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرىدۇ، قان ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىدۇ، ئۇ نەچچە قېتىملاپ قان ئىچىدە ھۇشىدىن كېتىدۇ.  ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئويلايدۇ، نىمە ئۈچۈن تارىختىن بۇيان دىن ئارقا ئارقىدىن باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ؟ چۈنكى دىننىڭ ئاجىزلىقى دەل ئۇنىڭ يەكلەش خارەكتىرى ۋە يالغۇز ئىگەللەش خارەكتىرى--- بىر خىل دىن يەنە بىر خىل دىننى سىغدۇرالمايدۇ، بىر خىل دىننىڭ مۇرىتى پەقەت ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن ئوخشاش دىندىكىلەر  ئۈچۈنلا دۇئا تىلاۋەت قىلىدۇ.
        بارا بارا ۋەنشەن مىنشىيوڭ تېخىمۇ يۇقۇرى مەنزىلگە يېتىدۇ، ئۇ ئويغىنىپ تۈرمە ساقچىسى ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرغاندا ۋىجدانىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدىغان دەرىجىگە يېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن مەلۇم ئىش قىلىشى كېرەكلىكىنى ھىس قىلىدۇ.
         ئۇ ئېتىكا ئەخلاقنىڭ ئۇمۇملاشتۇرغۇچىسى بولۇشنى قارار قىلىدۇ. 1945-يىل9-ئاينىڭ 3-كۈنى، تۈرمىدىن چىققان ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئەر ئاياللار ئېتىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك 《ئەر ئاياللار ئەخلاقى》دىگەن كىتاپنى تۈزۈشكە باشلايدۇ، بۇ كىتاپ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمىلى كۈزىتىشىدىن چىقارغان خۇلاسىسى ئىدى. ئارقىدىن، ئۇ كىتاپ ۋە ژورنال نەشر قىلىش ۋە كوللىكتىپ ئۈگىنىش سىنىپى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنىڭ ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ.  ئۇ ھەر خىل دىنى تەشكىلاتلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ، ئىجتىمائى تەشكىلاتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى شەكلىدە ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنى يۈرۈشتۈرىدۇ، بىر قەدەم بىر قەدەمدىن تەرەققى قىلدۇرىدۇ.

ئېتىكىنىڭ ئەمىلى ئىشلىتىلىش قىممىتى

          ھازىر ئېتىكا تەتقىقات ئورنى ياپونىيەدىكى شېڭيا مائارىپ ئىدارىسىگە تەۋە. ئاساسى ئىگىلىكى 2 تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى تۈرى كىشىلەرگە ئىناق ئائىلىنى قانداق قۇرۇشنى ئۈگىتىدۇ، بۇ ئەر ئايال مۇناسىۋىتىنى، ئاتا بالىلىق مۇناسىۋەتنى، قېيىن ئانا كېلىن مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈگىتىدۇ ،  يەنە بىر تۈرى بولسا كارخانىنىڭ ئېتىكا مەدىنيىتى، ئېتىكىنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، كارخانىنىڭ تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنالىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
يۈ جېنجوڭ ئېسىدە قېلىشىچە ئۇ بىرىنچى قېتىم ياپونىيە ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان ۋاقىتتا، بۇ يەرنى بىر ھۆكۈمەت ئورگىنىمىكىن دەپ قالغان ئىدى: ” ئورنى ياپونىيەنىڭ چىئەندەي تىئەن رايونىدا، ئەتراپىنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى. تەتقىقات ئورنىنىڭ ناھايىتى چوڭ بىر خىزمەت بىناسى بار، خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەممىسى ئىنتايىن كەمتەر، ھەممە نەرسە ناھايىتى تەرتىپلىك، بىز قىزغىن كۈتىۋېلىندۇق.“
         بىر قاتار ئەزالار پائالىيىتىگە قاتناشقاندىن كېيىن، يۈ جېنجوڭ نىمىنىڭ ساپ نەزىريە ئىكەنلىكىنى بىۋاستە چۈشىنىپ يېتىدۇ. ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ شەخس ئەزالىرى ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 6 گىچە ئەتىگەنلىك يىغىن تەشكىللەيدۇ، تەتقىقات ئورنى تارقاتقان كىتاپ ژورناللاردىكى ماقالىلەرنى ئۈنلۈك ئوقۇيدۇ، بەزىدە كەسپى تەتقىقات خادىمى ئۇلارغا نۇتۇق سۆزلەيدۇ، ئاندىن ئەزالار ساپ ئېتىكىنى ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزۈش تەجىربىللىرىنى ئالماشتۇرىدۇ.  ”ساپ ئېتىكا “ ئۇقۇمىنى ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، كۆرسىتىدىغىنى ئەمىلى تۇرمۇشتىن كەلگەن، ئەمىليەتتىن ئايرىلمىغان ئادەم بولۇش يولىدۇر. ئېتىكا تەتقىقات ئورنى 60 يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا، نەچچە يۈزمىڭ ئەزانىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن سەرگۈزەشتىللىرىنى يىغىنچاقلاپ، ئېتىكا ئەخلاقتىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم غۇۋا ئۇقۇمنى رەقەملەشتۈرىدۇ، كونكىرىتلاشتۇرىدۇ، ھەممە يەرگە ماس كېلىدىغان تەجىربە ساۋاقنىڭ يەكۈنى بولۇپ قالىدۇ. ۋەنشەن مىنشىيوڭ ئىزچىل ئارزۇ قىلغان ئەخلاق بەخت بىللە بولۇش ئۆلچىمىگە يېتىدۇ—پەقەت مۇشۇ بىر يۈرۈش نەزىريەگە ئاساسەن ئەمىليەتتىن ئۆتكۈزگەندىلا بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
        يۈجېنجوڭ مۇخپىرغا مۇنداق دەيدۇ: ” تەبىئى پەن ماددى جىسىملارنى كۈزىتىش ئارقىلىق بىر قىسىم قانۇنىيەتلەرنى بايقايدۇ. ساپ ئېتىكا بولسا ئادەمنى كۈزىتىش ئارقىلىق مەلۇم شارائىت ئاستىدىكى ئىجتىمائى قانۇنىيەتنى بايقايدۇ، بۇمۇ تەبىئى پەنگە ئوخشاشلا ئۇچۇرلارنىڭ جۇغلىنىشى ۋە تەھلىل قىلىنىشى. “
       مەسىلەن ھازىر ياپونىيەدە بىر قەدەر ئېغىر بولۇۋاتقان مەسىلە --   ” ئۆيدىن چىقمايدىغان ئەر“ مەسلىسى ئادەتكە ئايلاندى، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىجتىمائى مۇناسىۋەتتىن قورقۇش كېسىلى بار. تەتقىقات ئورنىنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى ئېتىكا يېتەكچىسى بۇ خىل مەسىلىگە يۇلۇققان ئەزالارغا ئائىلە روھى قاتلىمىدىن مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرىدۇ. ” غەرپتىكى پىسخىك دوختۇرلارغا ئوخشىمايدىغىنى ئېتىكا يېتەكچىسىˋبىمارˊ نىڭ ئۆزىدىنلا مەسىلە ئىزدىمەيدۇ“ . بىردىنبىر چەتئەللىك تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۈجېنجوڭ مۇنداق دەيدۇ، ئادەتتە ئۇلار بىمارنىڭ ئاتا ئانىسى بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى يامانلىقىغا، ئاتا ئانىسىنىڭ چوڭلارغا كۆيۈنىدىغان كۆيۈنمەيدىغانلىقىغىمۇ قارايدۇ . بىزنىڭ نەزىريىمىزدە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار، ˋ پەرزەنتلەر ئاتا ئانىنىڭ قەلبىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ ياخشى ئارتىستˊ ،  ” ئاتا- ئانا ۋە پەرزەنت مۇناسىۋىتى DNA غا ئوخشاش ھىچقانداق شەكىلسىز ھالدا بالىدا ئەكس ئېتىدۇ، بالىنىڭ جىسمى ۋە روھىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ“   
         ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ياراتقان ئەڭ چوڭ يېڭىلىقى، ئېتىكىنىڭ كارخانا باشقۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىدۇر. يۈجېنجوڭ ياپونىيەگە دەسلەپتە بارغاندا رەت تەرتىپى ئالدىنىقى بەشنىڭ ئىچىدە تۇرۇدىغان بىر باسما زاۋۇتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغان، بۇ كارخانىمۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ ئەزاسى بولۇپ تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ئىۇنىڭغا مۇنداق دىگەن:  ” بۇ زاۋۇت ھەر كۈنى بىر مىليون ياپونىيە يىنى باج تاپشۇرىدۇ. ئېتىكا تەتقىقات ئورنىغا ئەزا بولغان كارخانىلار باجدىن قاچمايدۇ، ئۇلار ئۆزى تاپشۇرغان باجنىڭ دۆلەتنى تېخىمۇ ياخشى قىلايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ “
       ئارقىدىن ئۇ يەنە بىر ئەزا شېركەت سەنشىن پەن تېخنىكا شېركىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ، بۇ بىر كېڭەيمە بۇرما ئىشلەپ چىقىرىدىغان باشلامچى كارخانا بولۇپ ئارانلا 2-3 يۈز خىزمەتچىسى بار ئىدى. كارخانا دەسلەپتە قۇرۇلغاندا كارخانا باشلىقى دوڭ شىياشى بىر مەزگىل كۆرەڭلەپ ، ھەر كۈنى كەچلىك كۇلۇپلارغا بېرىپ يۈرگەن، نەتىجىدە كارخانىنىڭ ئەھۋالى باغانسېرى ناچارلاشقان، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قالغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بىر دوستى ئېتىكا تەتقىقات ئورنىنى تونۇشتۇرغان. ئېتىكا تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭ ئەر ئايال مۇناۋىتىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بەرگەندىن باشلاپ، كارخانىسىنىمۇ خەتەرنىڭ قىرغىقىدىن تارتىپ كەلگەن. يەنە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ شىركىتىنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن مۇۋەپىقىيەت يولىغا باشلىغان. ھازىر ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 7:30 غىچە، ئۇ شىركەتتىكى خادىملارنى تەشكىللەپ ئېتىكا بىلىملىرىنى ئۈگىنىدۇ.                                                                                                                                                   《دۇنيا يەرمەنكىسى》ژورنىلىنىڭ 2011-يىللىق 20-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى.



داۋامى بار.....


3

تېما

0

دوست

962

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   92.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5735
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 295
توردىكى ۋاقتى: 73
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 01:03:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلۇنۇشقا تىگشلىك  مەسىللەر كەن
قۇتلان تېلفۇنلىرى

----كىتابخۇمار----

7

تېما

57

دوست

9270

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 01:31:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەپتۇ بولمىسا،ئەمما ھەيتاڭ جۇمۇ ،گەپنى دىگەن بىلەن بۇنىڭغا سادا چىقمامدىكى

2

تېما

0

دوست

2372

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12213
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 229
تۆھپە : 559
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2013-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 15:04:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىتىكىنى بىريىل ئۇگەندۇق .....بىزدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى...

0

تېما

0

دوست

1216

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   21.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16909
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 358
توردىكى ۋاقتى: 66
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 22:49:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگولۇقلار ئادىمىيلىك تەربىيىسىگە ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ بەكرەك مۇھتاج...

1

تېما

1

دوست

2322

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12251
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 47
تۆھپە : 667
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-13 23:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جوڭگۇلۇقلار ھازىر بەك كۆپ نەرسىلەرگە مۇھتاج

----كىتابخۇمار----

7

تېما

57

دوست

9270

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   85.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1031
تۆھپە : 2452
توردىكى ۋاقتى: 367
سائەت
ئاخىرقى: 2014-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-14 16:18:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشقىلىپ ھازىر  بىز ئەڭ مۇھتاج نەرسە بۇ ئەمەس

0

تېما

6

دوست

2480

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10872
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 143
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 312
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-9-15 00:12:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئۈچۈن تارىختىن بۇيان دىن ئارقا ئارقىدىن باستۇرۇشقا ئۇچرايدۇ؟ چۈنكى دىننىڭ ئاجىزلىقى دەل ئۇنىڭ يەكلەش خارەكتىرى ۋە يالغۇز ئىگەللەش خارەكتىرى--- بىر خىل دىن يەنە بىر خىل دىننى سىغدۇرالمايدۇ، بىر خىل دىننىڭ مۇرىتى پەقەت ئۆزى ۋە ئۆزى بىلەن ئوخشاش دىندىكىلەر  ئۈچۈنلا دۇئا تىلاۋەت قىلىدۇ...........................بۇ گەپلەردە  سىلەرچە  چاتاق  يوقمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )