- تىزىملاتقان
- 2013-4-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 487
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
  93.5%
|
ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرى ھەققىدە مەن ئاددىيلا لېكىن ناھايىتى مۇھىم ئىككى مىسال سۆزلەپ بېرەي ، مەندە 11 يىل بولغان چىگۈيەن ، يۆتىلىش كېسىلى بارتى . مەن ئىككى يىل ئالدىدا خوتەن ئۇيغۇر تىبابىتىدىن ياسالغان ، غەش غەش جەۋھىرى دىگەن يۆتەلگە ئىشلىتىدىغان تۆكۈپ ئىچىدىغان خالتىلىق دورىنى ئالغان ئىدىم . 3 كۈن ئىچتىم . يۆتىلىم تېپ - تېچ توختاپ كانەي قىچىشىشمۇ توختىتىدى . شۇڭغىچە مەن بۇ 11 يىل ئىچىدە 50 خىلغا يېقىن دورا ئىچكەن ، جوڭگۇنىڭ كۆپلىگەن جوڭيىچە دورىلىرىنى ئىچكەن ، ھەتتا توردىن چەتنىڭ قىممەت باھالىق يۆتەل توختىتىدىغان دورىلىرىنىمۇ ئىچكەن ، نۇرغۇن ئوكۇل سالغان ، ھەريىلى سوغۇق چۈشكەندىلا قوزغىلىدىغان بۇ كېسەلدىن قۇتۇلالماي بەك قىينالغان ،
مانا ئاخىرى مەن خوتەن دورىسىنىڭ كارامىتىدە ساقايدىم . مانا ئىككى يىل رايونىمىزدا قاتتىق سوغۇقلۇق قىش بولدى ، مەن قىشلاردا سوغۇق مىۋە سۈيىلىرىنى ئىچەلەيدىغان بولدۇم . (خوتەندە ياسالغان غەش غەش جەۋھىرىدىن باشقا يەنە ئىككى خىل خالتىلىق تۆكۈپ ئىچىدىغان يۆتەل توختىتىدىغان دورىسى بار )
ئۇندىن سىرىت يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىپ 55 ياشقىچە دەردىنى تارتقان ئاتام ، 17 يىل ئالدىدا خوتەنگە بېرىپ سېستىمىلىق بىر ئاي داۋالانغان ۋە ئۈچ يەشىكتەك دورا ئېلىپ كەلگەن ، شۇ دورىلار ئىچىدە ئالتۇن ياپراقچە دەيدىغان بىر قىياملىق دورا ئېسىمدە قاپتۇ .
دادام شۇ ئۈچ يەشىك دورىنى تولۇق ئىچتى . مانا دادام مۇشۇ ئون نەچچە يىلنىڭ ياقى خوتەن دورىلىرىنىڭ كارامىتى بىلەن يۈرەك كېسىلى ئاغرىقىمۇ پەسەيدى . ئىلگىرىكىدن كۆپ ياخشى. |
|